خەلىپە مۇنارى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Xelipe Munari ) بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادىكى پۈتكەن ئەڭ ئېگىز ئاسمانپەلەك ھېسابلىنىدۇ، ئېگىزلىكى 828 مېتىربولۇپ جەمئىي 163 قەۋەت، 2010-يىلى مۇنارنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا دۇبەي ئەمىرلىكى ئەمىرى مۇھەممەد بىن راشىد ئەلمەقتۇم قۇرۇلۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغانلىقىنى جاكارلىغان ھەمدە مۇنارنىڭ ئەسلىدىكى دۇبەي مۇنارى دېگەن ئىسمىنىڭ خەلىپە مۇنارىغا ئۆزگەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
خەلىپە مۇنارى برج خليفة | |
خەلىپە مۇنارى | |
ھالىتى | پۈتكەن |
تىپى | كۆپ ئىقتىدارلىق، ئىشخانا، ، مېھمانخانا؛ ئولتۇراق، كۆرۈش سۇپىسى، پارچە سېتىش |
ئورنى | دۇبەي، بىرلەشمە ئەرەب ئەمىرلىكلىرى |
قۇرۇلۇش باشلانغان ۋاقىت | 2004-يىلى 6-يانىۋار |
پۈتكەن ۋاقتى | 2009-يىلى 2-دېكابىر |
ئېچىلغان ۋاقتى | 2010-يىلى 4-يانىۋار |
چىقىم | 1.5 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى |
قەۋەت سانى | 163 |
ئارخىتېكتور | Adrian Smith at SOM |
ئىگىدار | Emaar Properties؛ |
بىرلەشمە ئەرەب ئەمىرلىكلىرى زېمىنىنىڭ كۆپ قىسمى قۇملۇق، سۇ كەمچىل، تېرىلغۇ يەر ئاز. پۈتۈن دۆلەت ئاساسلىقى نېفىت كىرىمىگە بېقىنىدۇ، كەلگۈسىدە مۇشۇنداق نېفىتقىلا بېقىنىپ ياشاشتەك ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن دۇبەي ئەمىرلىكى ئەمىرى مۇھەممەد بىن راشىد ئەلمەقتۇم ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشنى كۈچلۈك تەشەببۇس قىلغان، خەلىپە مۇنارى قۇرۇلۇشى مانا مۇشۇنداق شارائىتتا دۇبەي ئەمىرى تەرىپىدىن قوزغىتىلغان.
خەلىپە مۇنارى ۋە دۇبەينىڭ ئاسمانپەلەكلىرى |
ئېگىز بىنالار ۋە شەھەر ئولتۇراق كېڭىشى
دۇنيادىكىئاسمانپەلەكلەر | |||||||||||
|
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article خەلىپە مۇنارى, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.