جاۋا گىلەم، گىلەمنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئۇ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى چارۋىچىلىق رايونىغا كەڭ تارقالغان ھازىرمۇ بۇ چارۋىچىلىق رايۇنلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىدە ئۆزىنىڭ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە.
جاۋا گىلەم چەرچەن ناھىيەسىنىڭ چارۋىچىلىق رايۇنلىرىدىمۇ گەۋدىلىك نامايەن بولغان بولۇپ، ھازىرمۇ كىشىلەرنىڭ قىممەتلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى سۇپىتىدە ئىشلىتىلىۋاتىدۇ.
ئۇنىڭ ئاساسلىق ماتېرىيالى قوي يۇڭى ۋە تۆگە يۇڭى قاتارلىقلاردۇر. جاۋا گىلەمنى توقۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن يۇڭنى غىپچىغۇچتا يۇمشاق ساۋاپ ئۇنىڭدىن كېيىن چىلەكتە يۇڭنى ئىگىرىپ يىپ قىلىمىز. يىپنى ئىگىرىدىغان نەرسىنىڭ ئىسمى چىلەك يىپلار ئىگىرىلىپ بولغاندىن كېيىن ھەر خىل رەڭلەردە بويىلىدۇ. ئالتە-يەتتە مېتىر ئارىلىقتا قۇزۇق قېقىپ، ئىگىرىلگەن يىپلار جاۋا گىلەمنىڭ كەڭلىكىنى ئاساس قىلىپ، بىر نەچچە قات تارتىلىپ دۇكان قۇرۇلۇپ جاۋا گىلەم توقۇلۇشقا باشلىنىدۇ. بۇنىڭغا كېتىدىغان ئەسۋابلار ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، غىپچىغۇچ، قۇزۇق، ئاقاغ، قىلىچ، قىلىچ تاختا، قۇپاغۇ، دۇكان قۇرىدىغان 1.5 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئۈچ تال ياغاچ كېتىدۇ. جاۋا گىلەمنى كۆپىنچە ئاياللار توقۇيدۇ.
جاۋا گىلەم تارىختىن بۇيان ئىنسانلارنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم تۇرمۇش بۇيۇملىرىدىن بىرى بولۇپ، ئائىلىلەردە سېلىنچا سۈپىتىدە ئىشلىتىلىپ كەلگەن.
جاۋا گىلەمنىڭ چەرچەن ناھىيەسىدىكى تارىخى ئۇزۇن. ئىگىلىنىشىچە، چەرچەن زاغۇنلۇق قەبرىستانلىقىدىنمۇ 2600 يىللىق تارىخقا ئىگە جاۋا گىلەملەرنىڭ توقۇلما پارچىلىرى تېپىلغان. جاۋا گىلەم سانائەتنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ بىر مەزگىل كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئىستېمالىدىن قالغان بولسىمۇ، كىشىلەر بۈگۈنكى كۈندە سۈنئىي تالالاردا توقۇلغان گىلەملەرنىڭ ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە بولغان زىيىنىنى چۈشىنىپ يېتىپ، يەنىلا جاۋا گىلەملەرنى ئەتىۋارلاپ سېلىنچا سۈپىتىدە ئىشلىتىدىغان بولدى. جاۋا گىلەم ھېچقانداق سۈنئىي تالا ئارىلاشتۇرۇلماي ساپ قوي يۇڭى ۋە تۆگە يۇڭىدىن توقۇلغاچقا بەل ئاغرىقى، رېماتىزىم، يەل كېلىۋېلىش قاتارلىق ئاغرىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىپ سالامەتلىككە تۇلىمۇ پايدىلىق.
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article جاۋا گىلەم, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.