تۈركىيە پاسپورتى

تۈركىيە پاسپورتى(ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Türkiye Pasporti)بولسا تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ يۇرت سىرتىغا چىققاندا قوللۇنىدىغان بەلگە بولۇپ، تۇنجى قېتىم 15 ئىيۇل 1950 يىللىرى 5682-نومۇرلۇق پاسپورت قانۇنى بىلەن يولغا قويۇلغان.

تۈركىيە پاسپورتى

تۈركچە: Türk Pasaportu

تۈركىيە پاسپورتى
رەسىمدە تۈركىيە پاساپورتى تاش ۋاراق ئۆرنەك (2022-يىلى 30 ئاۋغۇست ئېلان قىلىنغان ئۈچۈنجى نەسىل ئ-پاسپورتىدا RUPUBLIC OF TÜRKİYE

تارىخى

بۈگۈنكى پاسپورت

تاش ۋاراق

نورمال پاسپورتنىڭ رەڭگى قىزىل بولۇپ، ئۈستىدە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ۋە پاسپورت دىگەن ئاتالغۇلار تۈركچە ۋە ئىنگىلىزچە يېزىلغان.

ئاي ۋە يۇلتۇز

TÜRKİYE CUMHURİYETİ

REPUBLIC OF TÜRKİYE


PASAPORT

PASSPORT

باش بەت

TÜRÜ;-------------------------ÜLKE KODU: TUR------------------------PASAPORT NO.


  • ------------------------------------------------------------------------SOYADI
  • ---------------------------------------------------------------------------ADI
  • CİNSİYET
  • UYRUĞU
  • T.C. KİMLİK NO,
  • ---------------------------DOĞUM TARİHİ:----------------------------DOĞUM YERİ
  • -------------------------- G -12.11.1933-------------------------------HOTAN/ÇİN

دىققەت:

1. جىنسىيەت قىسمىغا E/M ياكى K/F دەپ يېزىلىدۇ.

2. دۆلەت تەۋەلىكى (UYRUĞU) قىسمىغا TUR دەپ يېزىلىدۇ.

3. كىملىك نومۇرى قىسمىغا 11 خانىلىق كىملىك نومۇرى يېزىلىدۇ.

4. توغۇلغان يېرىگە تۈركىيە ئىچىدە توغۇلغان بولسا ئىلچە ئىسمى يېزىلىدۇ، مەسىلەن: KÜÇÜKÇEKMECE, FATİH، تۈركىيە سىرتىدا توغۇلغان بولسا توغۇت ئىسپاتى ئۈستىدىكى ئۇچۇرلارغا ئساساسەن ناھىيە/شەھەر ۋە دۆلەت ئىسمى يېزىلىدۇ. مەسىلەن، KAŞGAR/ÇİN, HOTAN/ÇİN, DAKKA/BANGLADEŞ



  • ---------VEREN MAKAM-----------------------------------------HAMİLİNİN İMZASI
  • -------------------------------------------------------------------DÜZENLEME TARİHİ
  • ------------------------------------------------------------------GEÇERLİLİK TARİHİ

دىققەت:

1. تارقاتقان ئورگان قىسمىغا تۈركىيە ئىچىدىن بېرىلگەن پاساپورت بولسا ناھىيە (ئىلچە) ئىسمى يېزىلىدۇ، مەسىلەن: KÜÇÜKÇEKMECE, FATİH

2. ئەگەر تارقاتقان ئورگان تۈركىيەنىڭ يۇرت تېشىدىكى دىپلوماتىك ئورگانلىرى بولسا ئۇ ھالدا شۇ ئورگاننىڭ ئىسمى يېزىلىدۇ، مەسىلەن: T.C. RİYAD BE, T.C. DUBAİ BK

ئۇچۇرلار

تۈركىيە پاسپورتى 
تۈركىيە پاسپورتىنىڭ ئىچىدىن بىر ۋاراق

تۆۋەندىكىسى 2023-يىللىق پاساپورت تەلەپ بەدەللىرى بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

نومۇرى سۈرە خارچ بەدىلى دەپتەر بەدىلى توپلام
1 6 ئاي 689.70TL 501TL 1190.70TL
2 1 يىل 1008.30TL 501TL 1509.30TL
3 2 يىل 1646.10TL 501TL 2147.10TL
4 3 يىل 2338.50TL 501TL 2839.50TL
5 3+ يىل 3295.50TL 501TL 3796.50TL

1. تۈركىيە پاسپورتىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى 6 ئاي، 1، 2، 3، 4، 5 يىل ۋە 10 يىللىق بولىدۇ. 18 ياشقا توشمىغانلارنىڭ ئەڭ ئۇزۇن 5 يىل بولىدۇ.

2. خارچلار: 3 يىلغا قەدەر 229، 3 يىلدىن ئارتۇق 323.

دەپتەر پۇلى: 64، پوچتا 17.

توپلام 404.

ئىلتىماس قىلىش

Pasapor için

T.C. Kimlik kartı veya geçici kimlik belgesi

Kimlik için

Mevcut nüfus cüzdanı ya da T.C. Kimlik kartı

ئۆزگۈرۈشلەر

2022-يىلى 25-ئۆكتەبىر شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنى ئۇختۇرۇشىغا قارىغاندا پاسپورتتا ۋە ئەھلىيەتتە تۇغۇلغان يېرىنىڭ ئۆزگەرىتىلىشىنى خالىغان قېرىنداشلار كۈچۈكچەكمەجە ۋە باشقا نوپۇس مۇدىرلىكلەرگە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئىلتىماس جەريانىدا چىقىۋاتقان قىيىنچىلىقلار قېرىنداشلېرىمىزنىڭ ئىلتىماسنى يېزىشىدىكى خاتالىق سەۋەبلىك بولۇپ، ئىلتىماسقا «پاسپورتۇمدا ياكى ئەھلىيىتىمدە تۇغۇلغان يېرىم شىنجاڭ چىن يېزىلىپ قالغان بولۇپ، قەشقەر چىن / ئۈرۈمچى چىن/خوتەن چىن يېزىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن دەپ يازسا، پاسپورت ۋە ئەھلىيەتكە ئاپتوماتىك قەشقەر، خوتەن، ئۈرۈمچى ۋە غۇلجىغا ئوخشاش يېزىلىپ چىقىدۇ. سىستېما ئۆزى «چىن» دېگەننى ئۆچۈرۈۋېتىدۇ.

Gheni Batur yazmisi

شۇنداق قىلىپ ئاخىرى ئائىلە بويىچە تۈركىيە پۇقراسى بولدۇق. بۇ ھەقىقەتەن تەسكە توختىدى. بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ساقلاپ بېقىپ، چىقمىسا كېلەر يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ باشقا دۆلەتكە يۆتكىلىشنى ئەستايىدىل پىلانلاشنى ئويلاپ تۇراتتىم. تەلىيىمىزگە چىقىپ قالدى. تۈركىيەدە بىزگە ئوخشاش ئېتىبارلىق بىر مىللەتنىڭ ئىشى بۇنچىلىك تەس بولسا، سۈرىيەلىك، ئافغانىستانلىق ۋە باشقا كۆچمەنلەرنىڭ ئىشلىرى قانچىلىك تەستۇ دەپ ئويلىدىم. ئاللاھ تېخىچە ۋەتەنداشلىقى چىقمىغان باشقا بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ۋە بارلىق مەزلۇم كۆچمەنلەرنىڭ ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرسۇن! تېلېفونىڭىزغا ۋەتەنداشلىق ئىلتىماسىڭىزنىڭ تەستىقلانغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇر كەلگەندىن كېيىن، شۇ ئۇچۇرنىڭ ئىچىدىكى ئۇلانمىغا چېكىپ، ئېچىلغان PDF ھۆججىتىنى قەغەزگە بېسىپ چىقىرىۋېلىڭ. بۇنى دۇيۇرۇ بەلگەسى دەيدىكەن. بىر ئائىلىدە دادا ۋە بالىلارغا بىر پارچە ئۇچۇر، ئانىغا بىر پارچە ئۇچۇر كېلىدىكەن.

تور كۆرگۈچتە

https://web.archive.org/web/20180401041758/https://randevu.nvi.gov.tr/

يۇقىرىدىكى بېكەتكە كىرىپ، دۇيۇرۇ بەلگەسىدىكى يېڭى كىملىك نومۇرى بويىچە ئۆيىڭىزگە ئەڭ يېقىن نوپۇس مۇدىرلىكىدىن كىملىك كارتىسى ئېلىش ئۈچۈن دەرھال راندېۋۇ ئېلىۋىلىڭ. چۈنكى ھازىر راندېۋۇ ئالسىڭىز ئون كۈندىن كېيىنگە ئاران چىقىدىكەن. نوپۇس مۇدىرلىكىگە ئاپىرىدىغان ماتېرىياللار:

1. بايىقى دۇيۇرۇ بەلگەسى، ئائىلە بولسا ئىككى پارچە بەلگەنىڭ قەغەزگە بېسىپ چىقىرىلغان نۇسخىسى؛

2. ئۇزۇن دۆنەم ئىقامەت، نوپۇس ئىدارىسى ئىش پۈتكەندە ئىقامەتنى ئۆزلىرى ئېلىۋىلىپ، ئورنىغا گەچىجى كىملىك بەلگەسى دەپ بىر پارچىدىن قەغەز بېرىدىكەن؛

3. نوپۇس ئىدارىسىدە چوقۇم ئادرېس كايدىڭىز بولۇشى كېرەككەن؛

4. مۇشۇ يىلى تارتىلغان كىنىشكا رەسىمىدىن بىر پارچە؛

5. كىملىك كارتىسى بەدەلىنى تۆلەش ئۈچۈن، PTT بانكىسىغا بېرىپ، ھەر بىر كىملىك نومۇرى ئۈچۈن ئايرىم ئايرىم 37.5 لىرا ياتقۇزۇش كېرەككەن. بۇنى كۈۋەيت تۈركنىڭ ئەپ دېتالىدا قىلغىلى بولمىدى. ئەڭ ياخشىسى PTT بانكىسىغا بېرىڭلا. ئۆچىرەتمۇ يوقكەن.

6. بالىلار 15 ياشقا توشمىغان بولسا، نوپۇس مۇدىرلىكىگە ئېلىپ بارمىسىمۇ بولىدىكەن. 15 ياشقا توشقان بولسا بارماق ئىزىنى ئالىدىكەن. بالىلارنىڭ كىملىك كارتىسىنى رەسىملىك چىقىرىشنى تەلەپ قىلسىڭىز رەسىملىك چىقىرىپ بېرىدىكەن. تۈركىيەگە خۇش كەلدىڭىز! بىر تۈركىيە پۇقراسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، تۈركىيەگە كەلگەن بارلىق ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنى قارشى ئالىمەن.😀 خىزمەتداشلىرىمنىڭ ئىنكاسى:

تۈرك ۋەتەنداشلىق ئىلتىماسىڭىز قانچىنچى باسقۇچتا؟

تۈرك ۋەتەنداشلىق ئىلتىماسىڭىز قانچىنچى باسقۇچتا؟

تۆۋەندىكى ئادرىستا تەكشۈرەلەيسىز. https://vatan.nvi.gov.tr/.../basvuru/basvurudurumbilgi.aspx

بۇ ئادرىستا ئېچىلغان بەتتىكى بوش ئورۇنلارغا ئىلتىماس قىلغان چاغدا قىسقا ئۇچۇر بولۇپ كەلگەن ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇپ تەكشۈرسىڭىز، سىزگە ۋەتەنداشلىق ئىلتىماسىڭىزنىڭ قانچىنچى باسقۇچتا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

رەسىمدە ھەربىر باسقۇچتا بولىدىغان ئۇچۇرلارنى پايدىلىنىش مەقسەتتە تەمىنلەپ قويدۇم. تېخىمۇ ئېنىق ۋە توغرا بولغان تەپسىلاتىنى سىز ئىلتىماس قىلغان نۇپۇس ئىدارىسىدىن سورىسىڭىز بولىدۇ.

  • ئارشوۋ دىگەن يەردىن ئۆتسە باشقا باسقۇچ 3-4 ئاي سۈرۈپ قىلىشى مۇمكىن.
  • 9-باسقۇچقا بارغاندا نۇپۇس ئىدارىسىغا بارسىڭىز كىملىك نۇمۇرى بېرىدۇ. باش سۈرەت ۋە باشقا ماتېرىياللارنى ئېلىۋېلىشنى ئۇنۇتماڭ.


ئۇيغۇرلارغا ئىستىسنائي پاسپورت

نوپۇس مۈدۈرلىكىنىڭ 2022-يىلى 30-مايدىكى خەۋىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستىسنا شەكلىدە ۋەتەنداشلىققا ئىرىشەلەيدىغانلىقى يېزىلغان.

Avrupa Yakası Cevizlibağ Nüfus Hizmetleri Merkezi Müdürü sayın Yalçın AKTAŞ

سىز 1- قىتىم بالىنىڭ تۇغۇت ئىسپاتىنى ئىلىپ دۇنيا تىجارەت مەركىزىدىكى گۆچ ئىدارىسىغا بىرىڭ، ئۇلار سىزگە قىزىڭىز ئۈچۈن يابانچى ئىقامەت نومۇر بىرىدۇ، ياكى قانداق قىلىش ھەققىدە يول كۆرسىتىدۇ، ئاندىن ئىقامەت نومۇرنى ئىلىپ ۋەتەن جاددىسىدىكى گۆچ ئىدارىسىنىڭ ئىچىدىكى ۋەتەنداشلىق مۇدۇرلىكىگە كىرىپ شۇيەرگە ئەھۋالنى دەڭ

  • جەۋىزلىباي نۇپۇس ئىدارىسى.
  • زەيتىنبۇرنۇ نۇپۇس ئىدارىسى.
  • كۈچۈكچەكمەجە نۇپۇس ئىدارىسى.

باشقا دىققەت قىلىدىغان ئىشلەر

تۈرك ۋەتەندىشى بولغاندىن كېيىن ئەگەر ئىشلىمىسىڭز SGK )Sasyal Güvenlik Kurumu) غا بېرىپ خەۋەر قىلىۋەتمىسەڭلەر قەرز بولۇپ قالىدىغان.

  • ۋەتەنداشلىق چىققاندىن باشلاپ ئايلىقى 300 لىرادىن سوغۇرتا پۇلى تاپشۇرىلىشى كېرەك، سوغۇرتىنى ptt غا بېرىپ ئاچقۇزىسىز.
  • nüfus kayıt örneği belgesi

https://blog.microfon.co/nufus-kayit-ornegi-belgesi/

e- Devlet Kapısı https://giris.turkiye.gov.tr/Giris/ → e-hizmetler → Nüfus ve Vatandaşlık İşleri → Nüfus ve Vatandaşlık İşleri Genel Müdürlüğü/Nüfus Kayıt Örneği Belgesi Sorgulama

باشقىلار

  • تۈركىيە ئىقامەت ئىزنى بەلگىسى،

مەنبەلەر

سىرتقى ئۇلانما

Tags:

تۈركىيە پاسپورتى تارىخىتۈركىيە پاسپورتى بۈگۈنكى پاسپورتتۈركىيە پاسپورتى ئۇچۇرلارتۈركىيە پاسپورتى ئۆزگۈرۈشلەرتۈركىيە پاسپورتى تۈرك ۋەتەنداشلىق ئىلتىماسىڭىز قانچىنچى باسقۇچتا؟تۈركىيە پاسپورتى ئۇيغۇرلارغا ئىستىسنائي پاسپورتتۈركىيە پاسپورتى باشقا دىققەت قىلىدىغان ئىشلەرتۈركىيە پاسپورتى باشقىلارتۈركىيە پاسپورتى مەنبەلەرتۈركىيە پاسپورتى سىرتقى ئۇلانماتۈركىيە پاسپورتىئۇيغۇر لاتىن يېزىقى

🔥 Trending searches on Wiki ئۇيغۇر تىلى:

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىباغدادجەمئىيەتشۇناسلىقئابباسىيلار2019-2020 يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس ۋەھىمىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئىرقى ۋە مىللى كەمسىتىشپىكسار جانلاندۇرۇم ستۇدىيىسىشەنشى ئۆلكىسى2019-2020 يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس ۋەھىمىسىگە مۇناسىۋەتلىك يالغان خەۋەرAndroidHaway Shitatiجامال خاشۇقجىھىندونېزىيەئىبراھىمىي دىنلەركۇڭزىچىلىقياۋا تىلىئايەتۇللاھ ھامەينىئاسىياQQشوتلاندىيە1993 - يىلىئاممىۋى ساھەپرژىۋالسكى ياۋا ئاتCSS1977كۇردلاريوتىيۇببىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىسەدىچىن سېپىلىمايكۇممۇنىزمتيەنجىن شەھىرىتورونتو ئۇنىۋېرستېتىتاڭ تەيزوڭ2000 - يىلىئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىئىبنۇل جەۋزىيھەدىسموڭغۇلىيەبۇلغارىيە20- ئۈمىدئىسلام دىنىسەلىپنىڭ شەرققە يۈرۈش قىلىشىلىبېرالىزىمۋولودىمىر زېلېنسكىيپاسپورتبىت تەڭگىسىئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىئامستېرداممېلبۇرن ئۇنىۋېرستېتىۋىكىپېدىيە ۋەخپىمولبېدىنلوس ئنجېلېشBash Betشاڭخەي شەھىرىتور جەمئىيىتىسايگونرۇمىنىيەشى جىنپىڭئاۋمېن13- فېۋرالسيۇرىخمالدىۋخاڭجۇ شەھىرماۋزېدوڭروزۋېلتۋۇخەن شەھىرىبىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىجاكارتاسان دىيېگۆسۇلۇگېرمانىيەسىنگاپورفۇجو شەھىرى🡆 More