ئاياق كىيمى پىيما

پىيما (ئېنگلىزچە: Felt boots، ئاددى خەنچە: 毡靴 ) ئۇيغۇر لارنىڭ ئەنئەنىۋى ئاياغ كىيمى، پىيما بەكمۇ ئىسسىق بولۇپ، قەھرىتان قىش كۈنلىرى بەكمۇ راھەت، بولۇپمۇ قار كۆپ ياغىدىغان، سوغۇق قاتتىق بولىدىغان رايونلاردا پىيما ئەڭ ياخشى ئاياغ بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

ئاياق كىيمى پىيما
ئۇيغۇرچە نامى پپىيما
تۈرى ئاياغ كىيمى
خام ماتېرىيالى قوي/ئۆچكە يۇڭى

ھەققىدە

ئاياق كىيمى پىيما
ھەرخىل پىيما (ئىنىيۇت ياكى ئەسكىمو ئاھالىلىرىنىڭ پىيمىسى)

پپىيما ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئاياغ كىيمى، پىيمىنى كىيىش ئوبيېكتلىرىغا ئاساسەن ئەرەنچە، ئايالچە قىلىپ ئىتىشكە بولىدۇ. پىيما بەكمۇ ئىسسىق بولۇپ، قەھرىتان قىش كۈنلىرى بەكمۇ راھەت، بولۇپمۇ قار كۆپ ياغىدىغان، سوغۇق قاتتىق بولىدىغان رايونلاردا پىيما ئەڭ ياخشى ئاياغ بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئەگەر پىيمىنىڭ تاپىنىغا چەم قويدۇرۇۋالسا ئون يىلدىن ئارتۇق كىيىشكە بولىدۇ.

ياسىلىشى

پپىيما كۈز پەسلىدە قىرقىلغان قوي يۇڭىدا ئىتىلىدۇ. ئەتىياز ياكى ياز كۈنلەردە قىرقىغان قوي يۇڭىدا ئىتىشكە بولمايدۇ. پىيمىچى ئۇستىلار يۇڭنى يۇمشاق ئاتقاندىن كېيىن، يۇڭنى چىغ ئۈستىگە ئۆتۈك شەكلىدە تەكشى سالىدۇ. ئىچىگە چاپلاشتۇرمايدىغان رەخت سېلىپ يۇڭنى خامداپ بولغاندىن كېيىن قول ئارقىلىق دومىلىتىپ قاتۇرىدۇ. پىيمىنىڭ چىڭ، قاتتىق بولۇشى ئۈچۈن يۇڭغا كىسلاتالىق سۇيۇقلۇق، كۈنجىرا قاتارلىق نەرسىلەر ئارىلاشتۇرىلىدۇ.

ھازىرقى ھالىتى

ئاياق كىيمى پىيما
تۈبۈت ئەسكەرلىرى پىيما كېيىپ قارغا ئېىتىش مەشىقىدە (تىبەت ياكى تۈبۈت ئىكىسى ئوخشاش مەندە)

ھازىر پىيما تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. بەزى جايلاردا مەخسۇس پىيمىچىلىق دۇكانلىرى قۇرۇلغان. ئۇ ئىقتىسادنى گۈللەندۈرشتە مۇھىم رول ئويناپلا قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، جۇغراپىيىلىك جايلىشىش ئەھۋالى، مەدەنىيىتى، ئىستېتىك قاراشلىرى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشتىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ رايونىغا كەلگەن بىر قىسىم چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر پىيمىنى چەت ئەللەرگە ئېلىپ چىقىپ تەتقىقات ئويېكتى قىلماقتا.

مەنبە

  1. ئىزدە قامۇسى

Tags:

ئاياق كىيمى پىيما ھەققىدەئاياق كىيمى پىيما ياسىلىشىئاياق كىيمى پىيما ھازىرقى ھالىتىئاياق كىيمى پىيما مەنبەئاياق كىيمى پىيمائىنگلىز تىلىئۇيغۇر مىللىتىخەنزۇ تىلىقىش

🔥 Trending searches on Wiki ئۇيغۇر تىلى:

ساردىنىيە تىلىپاراگۋايدۈشەنبەگابوننانو تېخنىكىسىۋېنېسۇئېلاچىڭگىزخان7- فېۋرالنۆۋەتتىكى ھادىسەLuknowيوتىيۇبفرانسىيە مۇستەملىكە ئىمپېرىيىسىTürkiyeئوكيانىيەئوسمانلىرەغايىب كېچىسىئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىيقارابوغدا بازىرىپوند ستېرلىڭشەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەملىكە قىلىنىشلىرى ۋە مۇستەملىكىچىلىكلەرگە قارشى كۆرەشلەرھىندىستانگېرمانىيەAlma shirkiti13- فېۋرالگالىلېي1954دېڭ شياۋپېڭWérsaylئاپتوموبىلشىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىھىلاكوخانئايەتۇللاھ ھامەينىدىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك2022ھەجئۇيغۇر تىلىئۇيغۇر تېبابىتىھىندونېزىيەگرېتسىيەبىرىكمە ماتېرىيالنۇھ ئەلەيھىسسالام1996 - يىلىئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى28- قەھرىتانئۆزبېك مىللىتىئۆزبېك تىلىئۈندۈرمەبېنگال تىلىيالپۇزجامال ئابدۇناسىرمىنۇتۋېنىسىيە تىلىCSSقان سىيىشمالتا تىلىفرانسىيەسىتالىنكاربونRitisئادەتتىكى يىللوس ئنجېلېش2015 - يىلى8- ئۈمىدسلوۋاك تىلىيۈەن سۇلالىسىپورتۇگال تىلى20021882 - يىلىپراگا🡆 More