ماتادى زايىر جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇھىم پورت شەھىرى.
تۆۋەنكى زايىر رايونىنىڭ مەركىزى، مۇھىم قاتناش تۈگۈنى.
|
ماتادى زايىر جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇھىم پورت شەھىرى.
تۆۋەنكى زايىر رايونىنىڭ مەركىزى، مۇھىم قاتناش تۈگۈنى. شەھەر ئاھالىسى 144 مىڭدىن ئاشىدۇ. بۇ شەھەر زايىر دەرغا ئاغزىدىن تەخمىنەن 135 كىلومېتىر ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى دەريانىڭ جەنۇبىي ياقىسىغا جايلاشقان، زايىر دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىنىڭ كەڭلىكى 30 كىلومېتىردىن ئارتۇق، سۈيىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 70 مېتىردىن يۇقىرى بولغانلىقتىن، ئوكيان پاراخوتلىرى دەريا ئاغزىدىن يۇقىرى ئېقىنغا قاراپ ماتادىغا بىمالال كېلەلەيدۇ. شۇڭا ماتادى پورتى زايىرنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى زور بولغان مۇھىم پورتىغا ئايلاندى. پورت پرىستانىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1600 مېتىر كېلىدۇ. بىرلا ۋاقىتتا 10 ئوكيان پاراخوتى توختىيالايدۇ. زايىرنىڭ چەت ئەللەر ئارا ئالماشتۇرىدىغان ماللىرىنىڭ خېلى بىر قىسمى ماتادى پورتى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. ماتادى شەھىرىدە چوڭ تىپتىكى ئۇن زاۋۇتى، ياغ چىقىرىش زاۋۇتى، ياغاچچىلىق كارخانىسى قاتارلىق زاۋۇت-فابرىكىلار بار. ماتادى پورتى تۆمۈر يول ھەم نېفىت ئاققۇزۇش تۇرۇبىسى ئارقىلىق پايتەخت كىنشاشا بىلەن باغلىنىپ تۇرىدۇ. ماتادى شەھىرىدىن 11 كىلومېتىر يىراق بولغان دەريانىڭ قۇيۇلۇش ئاغزىدا زايىرىنىڭ بېلىقچىلىق پورتى ئانگو-ئانگو جايلاشقان. ماتادى شەھىرىدىن 30 كىلومېتىر يىراق بولغان دەريانىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا چوڭ تىپتىكى ئىنگاسۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇلغان.
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article ماتادى, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.