كەھرىۋا كۆڭۈلنى خۇش قىلىش، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، ئاشقازان ۋە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، قان توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئۇيغۇرچە نامى :كەھرىۋا
ئەرەبچە نامى :مەسباھۇل دەم
پارسچە نامى :كەھرىباشەمى
ئىنگلىزچە :ander
ئوردۇچە نامى :كەھرىبا
تەبىئىتى :ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق
كەھرىۋا ئۇۋاقچىلىرىدەرەخنىڭ يېلىمى بولۇپ، بۇ دەرەخ ئەرەبچىدە«خۇز» دېيىلىدۇ، ناھايىتى سوغۇق جايلاردا ئۆسىدۇ، مۇشۇ دەرختىن سىزىپ چىققاندىن كېيىنكى يېلىمىنى يەرگە بىر يىلىدىن ئارتۇق كۆمۈپ قويغاندا، بۇ دەرەخنىڭ يېلىمى تاشقا ئوخشاش قاتىدۇ، بەزىدە تامغان بۇ يېلىمغا سامان، ئۇششاق تاش ۋە ھاشاراتلار ئارىلىشپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. مۇشۇ قېتىشما «كەھرىۋا» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
پىناتىسىيە دەيدىغان بىر خىل چوڭ دەرەخ.
پىناتىسىيە دەيدىغان بىر خىل چوڭ دەرەخ.
دەرەخ يېلىمى
كەھرىۋا تەركىبىدە ئاساسلىق دەرەخ يېلىمى ، ئۇچۇچان ياغ بار.
مەملىكىتىمىزنىڭ يۈننەن، گۇاڭشى، گۇيجۇ، فۇجيەن، شەنشى، لياۋنىڭ ئۆلكىسى، گوللاندىيە، ئەنگلىيە، پولشا قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ.
كەھرىۋا تەركىبىدە ئاساسلىق دەرەخ يېلىمى ، ئۇچۇچان ياغ بار.
مەملىكىتىمىزنىڭ يۈننەن، گۇاڭشى، گۇيجۇ، فۇجيەن، شەنشى، لياۋنىڭ ئۆلكىسى، گوللاندىيە، ئەنگلىيە، پولشا قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ.
كەھرىۋاكەھرىۋانىڭ دەرىخى ئىككى خىل بولىدۇ، بىرى رۇمى يەنى (ياۋروپانىڭكى)، يەنە بىرى «يەرلىك» دۇر، بۇنىڭ ياخشىراقى «رومى» بولۇپ، قاتتىق، سۈزۈك، پارقىرىما، تىللا رەڭدە سېرىق بولىدۇ، ئوتقا سالسا ئۇزۇندا ئېرىدۇ، ئەگەر بۇنى قولغا سۈركىسە قىزىپ، ئۇنىڭدىن لىمون سۈيىنىڭ پۇرىقى كېلىدۇ، ئۇششاق سامانلارنى ئۆزىگە تارتىدۇ، پاختا ۋە يىپنىمۇ تارتىدۇ، بۇ يېلىمنى كەھرىۋا يەنى ساماننى تارتقۇچى دەپ ئاتاشنىڭ سەۋەبىمۇ شۇ ئەمما يەرلىكتە يۇقىرىقى خۇسۇسىيەتلەر بولمايدۇ، ئۇ قۇۋۋەتتە «رۇمې» دىن ئاجىزراق.
قان تۈكۈرۈش، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىقى، بۇرۇن، قاناش، بوۋاسىر قاناش، ئاشقازان 12 بارماق ئۈچەي يارىسى، ئىچى سۈرۈش، قان تولغاق، يۈرەك چالاڭغۇراش، قۇسۇش ۋە باشقا قاناشلىق كېسەللىكلەر، ئاشقازان ئاجىزلىقى، بۆرەك ئاجىزلىقى، سۇنۇق، ھەر خىل زەخمىلىنىش، ھەر خىل جاراھەت قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
قان تۈكۈرۈش، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىقى، بۇرۇن، قاناش، بوۋاسىر قاناش، ئاشقازان 12 بارماق ئۈچەي يارىسى، ئىچى سۈرۈش، قان تولغاق، يۈرەك چالاڭغۇراش، قۇسۇش ۋە باشقا قاناشلىق كېسەللىكلەر، ئاشقازان ئاجىزلىقى، بۆرەك ئاجىزلىقى، سۇنۇق، ھەر خىل زەخمىلىنىش، ھەر خىل جاراھەت قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
1. باكتىرىيەلەرگە قارشى تەسىرى: ئالتۇن رەڭلىك شارسىمان باكتېرىيە، كىزىك تاياقچە باكتېرىيسى، تولغاق تاياقچە باكتېرىيلەرنى تورمۇزلاش تەسىرىگە ئىگە.
2. مەركىزى نىرۋا سېستىمىسىنى تورمۇزلاش رولىغا ئىگە.
3. يارا پەيدا قىلىشقا قارشى تۇرۇش تەسىرىگە ئىگە.
4. ئىلان زەھىرىنى قايتۇرۇش تەسىرىگە ئىگە.
قان توختاتقۇچى دورا
سۇندۇرۇس، شادىنەج، مارۋايىت
ئىسسىقچان كىشلەردە باش ئاغرىقى پەيدا قىلىدۇ.
بىنەپشە
قوروسى كەھرىبا، سىفوفى كەھرىبا.
قان توختاتقۇچى دورا
سۇندۇرۇس، شادىنەج، مارۋايىت
ئىسسىقچان كىشلەردە باش ئاغرىقى پەيدا قىلىدۇ.
بىنەپشە
قوروسى كەھرىبا، سىفوفى كەھرىبا.
1. كەھرىۋانى يۇمشاق سوقۇپ سالايە قىلپ، تۇخۇمنىڭ ئېقىغا چىلانغان پاختىغا مىلاپ بۇرۇنغا تىقىپ قويسا، بۇرۇندىن كېلىدىغان قاننى توختىتىدۇ.
2. كەھرىۋادىن 1.5 گرام، تاباشىردىن 2 گرام ئېلىپ، سوقۇپ تالقان قىلىپ ئىچسە، كۆكرەك ۋە ئۆپكىدىن كېلىدىغان قاننى توختىتىدۇ.
3. كەھرىۋا 2 گرام، مەرۋايىت 5 گرام، ئاق سەندەل 3 گرام، قائىدە بويىچە سوقۇپ، ئەرقى گۈل بىلەن ئىچسە، ئىسسىقتىن بولغان يۈرەك چالاڭغۇراشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
4. كەھرىۋا 1.5 گرام، مەستىكى 3 گرام، داچىن 5 گرام، دورىلارنى سوقۇپ سۇپۇپ قىلىپ ئىچسە، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەپ، ھەزىمنى ياخشىلايدۇ.
5. 1.5 گرام كەھرىۋانى سوقۇپ، سەبرى يوپۇرمىقىنىڭ سۈيىدە زىماد تەييارلاپ، بوۋاسىرغا چاپسا، بوۋاسىر تۈگۈنچىلىرىنى يوقىتىدۇ.
6. 2 گرام كەھرىۋانى سوقۇپ سۇ بىلەن ئارىلاشتۇرپ، سۇنۇققا چاپسا، سۇنۇقنىڭ تۇتۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
يىغىۋېلىپ، تازىلاپ، قۇتىغا سېلىپ ساقلايمىز.
مەنبە: ئىزدە قامۇسى
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article كەھرىۋا, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.