قىزىلچا

قىزىلچا (Beetroot)، ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، ئەسلى ياۋروپانىڭ غەربىي قىسمىدىكى ۋە جەنۇبتىكى دېڭىز بويدىن چىقىدۇ.

قىزىلچا قەنت قىزىلچىسى، كۆكتات قىزىلچىسى، يىلتىز ئستېمال قىلىنىدىغان قىزىلچا، يەم-خەشەك قىزىلچىسى دەپ ئايرىلىدۇ.

قىزىلچا
قىزىلچا يارما كۆرۈنۈش
ئۇيغۇرچە نامى قىزىلچا
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى لويلا ئائىلىسى (Chenopodiaceae)
تۈرى قىزىلچا
باشقا نامى 菾菜、红菜头
قىزىلچا
بالا قىزىلچا
ئاددىيلاشتۇرۇلغان خەنچە 甜菜
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى چىنىگۈل تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى قىزىلچا ئۇرۇقدىشى
ئېنگلىزچە Beta vulgaris

ياكى Beetroot

ھەققىدە

قىزىلچا 
قىزىلچىدىن ئېتلگەن تاماق، سول تەرپ قىزىل كۆرۈنگىنى شۇ.

قىزىلچا ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، يىلتىز تارتىپ كونۇسسىمان ئۇرچۇق شەكلىدە بولۇپ، شىرنىلىك. غولى تىك، بىر قانچە تارماق شاخلىرى بار؛ ئاساسىي يوپۇرمىقى سوقىچاق، ئۇزۇنلىقى 20-30 سانتېمىتىر، كەڭلىكى 10-15 سانتېمىتىر، يوپۇرماق سېپى ئۇزۇن، ئۈستىدىكى قورۇلۇپ قالغان، سەل پاقىراق، ئاستىدا توم يوپۇرماق تومۇرلىرى پولتىيىپ چىققان، تۇلۇق گىرۋەكلىك ياكى سەل دولقۇنسىمان ھالەتتە، ئالدى ئۇچى دىقماق، تۈۋى قىسمى شىنا شەكىللىك، كەسمە شەكىللىك ياكى سەل-پەل يۈرەك شەكلىدە بولىدۇ؛ يوپۇرماق سېپى توم، تۆۋەندىكى دۆڭ ئۈستى تەكشى ياكى ئوقۇر. غول يوپۇرمىقى كىچىكرەك بۇلۇپ، نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، تۇخۇم شەكىللىك ياكى يىڭنىسىمان سوقىچاق، ئالدى تەرىپى تەدىرىجى تارىيىدۇ، تۈۋى تەدرىجىي تارايغان، قىسقا سېپى بولىدۇ. 2 - 3 تال مېۋە بەرگەندە بىر-بىرىگە تۇتاش ئۆسىدۇ؛ گۈل يېپىنچىسى ئۇزۇنچاق ياكى تار سوقىچاق؛ مېۋىسى قوش كۆپۈنگۈ ئەينەك شەكىللىك، دىئامېتىرى 2-3 سانتېمىتىر، رەڭگى قىزغۇچ قارامتۇل، پارقىراق؛ بىخى ھالقىسىمان، بوز رەڭلىك؛ 5-6-ئايلاردا چېچەكلەيدۇ، مېۋە بېرىش مەزگىلى 7-ئاي.

ئۆسۈش قانۇنيىتى

قىزىلچا چوڭقۇر ھەم ئورگانىك ماددىسى كۆپ بولغان يۇمشاق تۇپراقتا ياخشى ئۆسىدۇ.  سۇغىرىشى، شور مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان تۇپراقتىمۇ ئۆسىدۇ. كۈچلۈك كىسلاتالىق تۇپراققا سەزگۈر. قىزىلچا مۆتىدىل بەلباغ ۋە سوغۇق مۆتىدىل بەلباغ، ئىسسىق رايونلاردا سالقىن پەسىل تېرىلىدۇ. مۇۋاپىق كىلىمات ئاستىدا كۆكتات قىزىلچىسى ئۆسۈش مەزگىلى 8 ~ 10 ھەپتە، بىر قىسىم يەم-خەشەك قىزىلچىلىرىنىڭ ئۆسۈش مەزگىلى 30 ھەپتە.

تارقىلىشى

قىزىلچا 
بازاردا سېتىلغان قىزىلچا

قىزىلچا ئەسلى ياۋروپانىڭ غەربىي قىسمىدىكى ۋە جەنۇبتىكى دېڭىز بويى رايونلىرىدا ئۆستۈرۈلگەن. تەخمىنەن 1500 يىللار ئىلگىرى ئەرەب ئەللىرىدىن جۇڭگوغا كىرگەن. 1906-يىلى شېكەر قىزىلچىسى جۇڭگوغا كىرگۈزۈلۈپ، ئاساسلىقى شىنجاڭ، خېيلوڭجياڭ، ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق جايلارغا تارقالغان.

مەنبە

  1. ئىزدە قامۇسى

Tags:

قىزىلچا ھەققىدەقىزىلچا ئۆسۈش قانۇنيىتىقىزىلچا تارقىلىشىقىزىلچا مەنبەقىزىلچا

🔥 Trending searches on Wiki ئۇيغۇر تىلى:

تور جەمئىيىتىيېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس كېسىلى(كوۋىد-19 كېسىلى)San Fransisko1917 - يىلى29- قەھرىتانPutbolУйғур тилиئۆزبېك مىللىتىروسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىپاراگۋاي2003 - يىلىئوكسىگېنبېنگال تىلىچوكائوكيانىيە1911 - يىلىمارالبېشى1944 - يىلىچەت ج پ ت (ChatGPT)بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى1932 - يىلىكونگو جۇمھۇرىيىتىئورانگوتانئۇيغۇرچە1999 - يىلى2020 - يىلىتانزانىيەئانىلار بايرىمىياڭ جىيەنظاصتاص يئضةن مئؤةئايەتۇللاھ ھامەينىھەبىبۇللا ئابدۇقادىر (سودا ماگىناتى)مىنۇت1997ئوتتو ۋون بىسماركئىلىدىكى تاتارلار ھەققىدەنېفىتكاۋكاز تاغ تىزمىسىئىۋاتە ناھىيىسىگېئولوگىيەفرانسىيىگە قاراشلىق گۋىئاناFlorénsa17- فېۋرالرەجەبجۇغراپىيەSaskachéwanسلوۋاك تىلى1880 - يىلىفىتورپارامىتا (مېۋە)2015 - يىلىئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى1904مىكى2022Montana Shitatiموگۇساموئا2001ئارال پويىز ئىستانسى3- فېۋرالگۇگېلغەربىي قاراخانىيلارھىندىستان ئالىي سوتى18- ھۇديۈرەك زەئىپلىكى4- فېۋرال🡆 More