شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق موزىي(خەنزۇچە: 新疆維吾爾自治區博物館) ئۈرۈمچىنىڭ غەربى شىمال يولى 2 13–نومۇرغا جايلاشقان ،پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئەڭ چوڭ بولغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ئەۋرىشكىلەرنى ساقلايدىغان ،پەن تەتقىقات ۋە تەشۋىق تەربىيە ئورگىنى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي

1953- يىلى قۇرۇشنى پىلانلاپ 1958 -يىلى–قۇرۇلۇشنى باشلىغان، 1959 –يىلى رەسمى قۇرۇلغان ،دەسلەپكى موزىينىڭ قۇرۇلمىسى بولسا يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمىخانىسى بولۇپ خەنزۇچە تاغ خېتى شەكلىدە تەكشى ھالەتتىكى قۇرۇلۇش ئىدى ، 1962- يىلى ھازىرقى موزىيغا ئايلانغان ھەم سىرتقا ئېچىۋەتكەن .«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق موزىي » دېگەن بۇ موزىي ئىسمى ئالدىنقى بىر ئەۋلاد ئىنقىلاپچى ،رەئىس جۇدې 1959-يىلى شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەلەرنى تەكشۈرگەندە موزىي دېگەن نامنى بەرگەن .

قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق موزىي بولسا جۇڭگودىكى ئۆلكە دەرىجىلىك ئونۋېرسال خارەكتىرلىك تارىخى موزىي ،ئورنى ئۈرۈمچى غەربى شىمال يولىدا، 1953 - يىلى تەييارلىق قىلىنىپ 1963-يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى رەسمىي ئېچىۋېتىلدى ، بۇرۇنقى قۇرۇلىشى يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمىخانىسى بولۇپ ،1962-يىلى ھازىرقى موزىيغا ئايلانغان ھەمدە سىرتقا ئېچىۋېتكەن ،يېڭى ئاپتۇنۇم رايولۇق موزىي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومتىتى ، خەلق ھۆكۈمىتى ،ھەمدە مەركەزنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆاۈپ قوللىشى ئاستىدا ئاپتونوم رايونلۇق نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرىگە كىرگۈزۈلدى ،2005-يىلى داغدۇغىلىق ھالدا سىرتقا ئېچىۋەتتى ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزكىزى كومتىتى سىياسى بيورۇنىڭ ئەزاسى ،ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومتىتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن ،ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئىسمايىل تىلىۋالدى قاتارلىق رەھبەرلەر زىيارەتتە بولدى ،يېڭى موزىينىڭ كۆلىمى 17288 كۇۋادىرات مېتىر ،يەرئاستى بىر قەۋەت ،يەر ئۈستى ئىككى قەۋەت ،،ئومۇمىي ئىگىزلىكى 18.5 مېتىر ،بۇ موزىينىڭ تەتقىقات خىزمىتى بولسا قەدىمىي ئاسار ـ–ئەتىقىلەرنى يىغىپ ساقلاشنى مۇھىم نۇقتا قىلىش ، بۇ قۇرۇلۇش ئىنتايىن قويۇق بولغان غەربى يۇرت ئۇسلۇبىغا ئىگە ۋە قويۇق بولغان شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىكلىرى مۇجەسسەملەنگەن.

دائىمى كۆرگەزمە

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلوق موزىينىڭ دائىملىق كۆرگەزمىسى تۆۋەندىكىدەك : 1. شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مىللى ئۆرپ-ئادەت كۆرگەزمىخانىسى –بۇنىڭدا سېستىمىلىق ھالدا شىنجاڭدىكى 12 ئازسانلىق مىللەتنىڭ كىيىم كېچەك ،يۈرۈش –تۇرۇش، توي-تۆكۈن، نەزىر –چىراق، يېمەك ئىچمەك، دىننىي-ئىتقاد ھەمدە باشقا تەرەپلەردىن ئۆزگىچە بولغان مىللى ئۆرپ-ئادەتلەرنى تونۇشتۇرىدۇ، كۆرگەزمە بۇيۇملىرى ئىنتايىن مول بولۇپ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئەربابلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن 2. شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە قېزىپ چىقىرىلغان قەدىمىي ئاسار –ئەتىقىللىرى كۆرگەزمىسى – بۇنىڭدا 4000 -5000 يىللار ئىلگىردىن باشلاپ يېقىنقى زامانغىچە بولغان ،يىپەك يولىدىن قېزىپ چىققان ھەم ساقلىنىۋاتقان مىڭدىن كۆپرەك قىممەتلىك ئاسار –ئەتىقىلەر كۆرگەزمە قىلىنغان. يەنى ساپال فارفورلار، ھەمدەپنە قىلىنغان لاي ھەيكەل ،ئاقچا يەنى پۇل ،ھەرخىل ئابىدىلەر، قەدىمىي كىتاپلار، ھەربىي قورال-ياراغ ۋە سەرەمجانلار قاتارلىقلار .

3. قەدىمكى جەسەتلەتلەر كۆرگەزمىسى ،بۇنىڭدىن 3800 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرىكى كرورەن گۈزىلى ھەمدە 3200 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىركى قۇمۇل ئايال جەسىتى بار .

ساقلانغان بۇيۇملار

بۇ موزىيدا 3200 دابە بۇيۇملار بار بولۇپ ،ئۇنىڭ ئىچىدە بىرىنچى دەرىجىلىك بۇيۇملار 288 دانە .يىپەك ،ياختا كەندىردىن توقۇلغان بۇيۇملار ،ھەرخىل ھۆسىنخەتلەر ،يازما ھۆججەتلەر ،ياغاچ ھەيكەللەر ،رەسىملەر ،مىس بۇيۇملار ،شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت قېرىنداشلارنىڭ مىللىي كىيىم –كېچىكى ۋە قول ھۈنەرۋەنلىرىدىن تەركىپ تاپقان ئۆزگىچە بۇيۇملار ،يەنە بىرقىسىم قەدىمكى تاش قاتمىلار ۋە قەدىمكى جەسەتلەر .

كۆرگەزمىللىرى

شىنجاڭ موزىيخانىسىىڭ سىرتقا ئېچىۋەتكەن كۆرگەزمىللىرىدىن : «شىنجاڭ تارىخى مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى» ،«شىنجاڭ مىللى ئۆرپ –ئادەت كۆرگەزمىسى »دىن ئىبارەت ئىككى ئاساسى كۆرگەزمە ۋە «شىنجاڭنىڭ قەدىمى چىرىمىغان جەسەتلەر كۆرگەزمىخانىسى »،«تارىخى ئابىدە -شىنجاڭنىڭ ئىنقىلاپ تارىخى ماتىرياللار كۆرگەزمىخانىسى » قاتارلىق كۆرگەزمىللىرى بار .«شىنجاڭ تارىخى مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى »نىڭ كۆلىمى 1500 كۇۋادىرات مېتىر ،مىڭ يىلغا يېقىن تارىخقا ئىگە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ،كۆپ مىقداردىكى رەسىم ،يەر تۈزۈلۈشنىڭ قۇمدىن ئىشلەنگەن مودىلى قاتارلىقلار سېستىمىلق ھالدا 20 مىڭ يىل بۇرۇنقى كونا تاش قوراللار دەۋرىدىن چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھەرقايسى تارىخى دەۋرلىرى ۋە شىنجاڭنىڭ تارىخى كۆرۈنىشىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن .ھەمدە شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن بۇيان ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى ئىكەنلىكىنى،كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقانلىقىنى ،ھەرخىل دىنلار بىرلىكتە مەۋجۈت بولۇپ تۇرغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى .

«شىنجاڭنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەت كۆرگەزمىسى » كۆلىمى 1500 كۇۋادىرات كېلومېتىر ، «شىنجاڭنىڭ قەدىمكى چىرىماس جەسەتلەر كۆرگەزمىسى »كۆلىمى 700 كۇۋادىرات مېتىر ، 100 خىلغا يېقىن قەدىمىي يادىكارلىقلار بار .

«تارىخى ئابىدە - شىنجاڭنىڭ ئىنقىلاپ ماتىرياللىرى كۆرگەزمىسى » ،كۆرگەزمە مەيدانى 700 كۇۋادىرات كېلومېتىر ،ئىنقىلابى يادىكارلىقلار 200 دىن ئارتۇق ،رەسىم 200 پارچىدىن ئارتۇق ،ئايرىم ئايرىم ھالدا ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدىكى شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ئىتپاقلىشىپ جەڭ قىلىش لىنىيە شەكلى ،جوڭگۇ خەلقى دېمكۇراتىيە ھەركىتىنىڭ بىر قىسىمى بولغان ئۈچ رايون ئىنقىلابى ،ھەم نۇقتىلىق ھالدا جوڭگۇ كومنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئوخشىمىغان تارىخى دەۋرلەردىكى شىنجاڭنى قۇرۇش يولىدا قان ئاققۇزغان ئىنقىلابى قۇربانلارنىڭ ئەمىلىي ئىش ئىزلىرى ۋە پارتىيىمىزنىڭ ئۈچ ئەۋلاد رەھبىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ يېقىندىن قوللىغان ئىشلىرى كۆرسىتىلگەن .

Tags:

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشىشىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي دائىمى كۆرگەزمەشىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي ساقلانغان بۇيۇملارشىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي كۆرگەزمىللىرىشىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيخەنزۇچە

🔥 Trending searches on Wiki ئۇيغۇر تىلى:

1983 - يىلىAlma shirkiti1882 - يىلىنۇھ ئەلەيھىسسالامپورتۇگال تىلىچەت ج پ ت (ChatGPT)Wérsayl1880 - يىلىقارابوغدا بازىرىدېڭ شياۋپېڭشۋېتسارىيە1810 - يىلىOregon Shitati1918 - يىلىئامېرىكا ئالەم بوشلۇقى ئارمىيەسىپارامىتا (مېۋە)ئورتاق تىلۋىكىپېدىيە ۋەخپى29- قەھرىتانISO 3166-1بيكاتشومىكىسلوۋاك تىلىMadrid1977نۆۋەتتىكى ھادىسە1934 - يىلىئىنگ1911 - يىلى1980 - يىلى2020 - يىلىپاپۇئا يېڭى گۋىنېيەRitisيىللارغا جاۋاپۋەيران بولۇشتاھىر ھامۇتتامىل تىلىئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىھىلاكوخانئاتۇش شەھىرى26- قەھرىتان1961 - يىلىنىكولاي IIقۇياشفرانسىيە مۇستەملىكە ئىمپېرىيىسىپراگا23- ھۇد28- قەھرىتانھىندىستانئۇيغۇر تائاملىرىبېشىرلىما1785 - يىلىخىتايتايلاندچەتاڭ سۇلالىسى2012 - يىلىۋەھران2009 - يىلىFacebookۋېلىسىپىت تەنھەرىكىتى1991 - يىلىئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىتۈرلەرروسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى🡆 More