ئەسلى نامى غەربىي رايون ئىلمىي مۇنبىرى بولۇپ، سانجى پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى تەسىس قىلغان 16 فورماتلىق، پەسىللىك ئىلمىي ژۇرنال.
1985 - يىلى 7 - ئايدا نەشر قىلىنىشقا باشلىغان. 1999 - يىلدىن باشلاپ رەسمىي ھالدا نەشر قىلىنىپ مەملىكەت بويىچە تارقىتىلىشقا باشلىغان. دۆلەت ئىچى بىر تۇتاش ژۇرنال نومۇرى CN65-5021/G4 ، ھازىرغىچە 49 سان نەشر قىلىندى. ئىلمىي ژۇرنال ئىلمىي نەزەرىيە تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇتۇش ئىلمىي تەتقىقات سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، يەرلىك ئىقتىساد، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىنشى ئۆزىنىڭ تۈپ مەقسىتى قىلغان. پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن، تەبىئىي پەن ۋە ئوقۇتۇش جەھەتتىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، سىياسىي، ئىقتىساد، قانۇن، پەلسەپە، تىل - ئەدەبىيات، دىن، تارىخ قاتارلىق جەھەتلەردىكى پەن تەتقىقات ئىلمىي ماقالىلەر ۋە تەكشۈرۈش دوكلاتى قاتارلىقلارنى ئېلان قىلىدۇ. مۇھىم سەھىپىلىرىدىن تىل - ئەدەبىيات تەتقىقاتى، سىياسىي نەزەرىيە تەتقىقاتى، يەرلىك مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتى، پېداگوگىكا مائارىپى ۋە باشقۇرۇش تەتقىقاتى، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇ - ئوقۇتۇش تەتقىقاتى، تەبىئىي پەن مۇنبىرى قاتارلىقلار بار.
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article سانجى پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى ئىلمىي ژۇرنىلى, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.