تۇنجى تېرمومېتىر تاشقى كۆرۈنۈشى جەھەتتە ھازىر ئىشلىتىۋاتقان سىماپلىق تېرمومېتىرغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
ھازىرقى تېرمومېتىرنى 18-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە پولشادا تۇغۇلغان گوللاندىيە لىك ئۈسكۈنە ياسىغۇچى D.G. ۋاررېن خىت ياخشىلىغان ۋە مۇكەممەللەشتۈرگەن.
ئۇيغۇرچە نامى :تېرمومېتىر
ئىقتىدارى :تېمپېراتۇرا ئۆلچەش ئەسۋابى
ئىنگلىزچە نامى :thermometer
تۇنجى تېرمومېتىر تاشقى كۆرۈنۈشى جەھەتتە ھازىر ئىشلىتىۋاتقان سىماپلىق تېرمومېتىرغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ھازىرقى تېرمومېتىرنى 18-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە پولشادا تۇغۇلغان گوللاندىيە لىك ئۈسكۈنە ياسىغۇچى D.G. ۋاررېن خىت ياخشىلىغان ۋە مۇكەممەللەشتۈرگەن. بۇ خىل تېرمومېتىرغا جىسىملارنىڭ ئىسسىقلىقتىن كېڭىيىش خۇسۇسىيىتى تەتبىقلانغان. تېرمومېتىرنىڭ تېگى شارچە جىسىم ئورنىتىلغان ئىنچىكە ئەينەك نەيچىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، شارچىنىڭ ئىچىگە سىماب تۈرۈدىكى سۇيۇقلۇق قاچىلانغان. تېمپېراتۇرا ئۆرلىگەندە سۇيۇقلۇق كېڭىيىدۇ ھەمدە نەيچىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە قاراپ سىلجىيدۇ. كىشىلەر بۇ نەيچىنىڭ سىرتىدىكى سانلارغا قاراپلا تېمپېراتۇرىنىڭ قانچە بولغانلىقىنى بىلەلەيدۇ.
ئىتالىيىلىك ئالىم گالىلېي 1592-يىلى تۇنجى ئاتموسفېرالىق تېرمومېتىرنى ئىجاد قىلغان. ئۇ «تېمپېراتۇرا ئۆلچىگۈچ» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئۈسكۈنە ياساپ چىققان. ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئاغزى ئوچۇق بىر تال نەيچە سۇ قاچىلانغان قاچىغا تۇتاشتۇرۇلغان، نەيچىنىڭ ئىچىدىكى سۇنىڭ تەكشىلىكى ئۆينىڭ تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ. چاتاق يېرى شۇكى، ئاتموسفېرا بېسىمىدا ئۆزگىرىش بولسا نەيچە ئىچىدىكى سۇنىڭ تەكشىلىكىدىمۇ ئۆزگىرىشى بولىدۇ.
17-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە ئىتالىيە توسكانا رايونىنىڭ كېنەزى فىدىنان Ⅱ گالىلېي ئىجاد قىلغان ئۈسكۈنىگە قىزىقىپ قالغان ھەمدە ئۇنىڭدىن تەجرىبە بۇيۇم ئورنىدا پايدىلانغان. 1644-يىلى ئۇ بۇ خىل ئغىكغىنى ھىملاپ ئەتراپىدىكى ئاتموسفېرادىن ئايرىۋېتىپ، ئاتموسفېرا بېسىمىنىڭ تەسىرىنى تۈگەتكەن.
ۋاررېن خىت يەنە ئۆزىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان تېمپېراتۇرا ئۆلچەيدىغان شكالىنى ئىجاد قىلغان. ئۇ ئىجاد قىلغان شكالا ئىلگىرى كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلغان. ھازىر قوللىنىۋاتقىنى شۋېتسىيىلىك ئاسترونوم ئاندىس شېرخۇئېس 1742-يىلى ئىجاد قىلغان شكالا گرادۇسلۇق شكالا بولۇپ، پىرسەنتلىك شكالا دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ خىل شكالا كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن.
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article تېرمومېتىر, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.