ئۆزىنىڭ جۇشقۇن، يارقىن ۋە لىرىك ناخشىلىرى بىلەن كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ ئىززىتىگە مۇيەسسەر بولغان ئىززەت ئىلياس 1967- يىلى ئۈرۈمچىدە بىر زىيالى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلدى. ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدىلا سەنئەتكە ئىشتىياق باغلىغان ئىززەت ئىلياس 1982- يىلى مەركىزى تىياتىر ئىنىستىتوتىنىڭ ئاكتىيورلۇق كەسپىگە قوبۇل قىلىندى. ئۇ بۇ قىممەتلىك پۇرسەتنى قەدىرلەپ ئۆگەنگەچكە تېز يۈكسەلدى. نەتىجىدە 1985- يىلى ياپونىيەسانتىيەن شىركىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن جوڭگو ياشلار تىياتىر دوستلۇق ۋەكىللەر ئۆمىگى تەركىۋىدە ياپونىيەدە زىيارەتتە بولدى. ئىززەت ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئوپىرا ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىنغاندىن كېيىن 1989- يىلى گۇاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن «مەملىكەتلىك ئاممىباب ناخشا چولپانلىرىنى تاللاش مۇسابىقىسى» غا قاتنىشىپ ئاپتونۇم رايۇنىمىزغا شان-شەرەپ كەلتۈرگەن ناخشا چولپىنىغا ئايلاندى. شۇ قېتىمقى مۇسابىقىدىن كېيىن گۇاڭجۇدا چىقىدىغان «ياڭچىڭ كەچلىك گېزىتى» ئىززەتنىڭ شەرىپىگە «تەڭرىتاغدىن ئۇچۇپ كەلگەن بۇلبۇل» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلدى. ئىززەت 1989- يىلى سىنتەبىردە شىنجاڭ سەنئەت دوستلۇق ئۆمىكىنىڭ تەركىۋىدە سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىدا زىيارەتتە بولۇپ «ئالتۇن ئالما » ۋە «ياۋروپا ئاۋازى» غا قاتنىشىپ سوۋىت ئىتتىپاقى تاماشىبىنلىرىنىڭمۇ ئالاھىدە ئالقىشىغا ئېرىشكەن.
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article ئىززەت ئىلياس, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.