UYGHURCHE, ]
ھەزرىتى ئىدرىس (ئەرەبچە: إدريس) ياكى باشقا ئىسمى بىلەن كەنئان I ۋە ياكى سىرۇس قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان پەيغەمبەرلەردىن بىرى ۋە ھەزرىتى شىسنىڭ ئوغلىدۇر ھەمدە كەنئان ئېلىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە كەنئان ئېلىدىكى كىشىلەرنىڭ ئەجدادىدۇر. تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ دەۋرىدە ئىنسانلارنىڭ ھايۋان تېرىسى كىيىشنى تاشلىغانلىقى رىۋايەت قىلىندۇ. رەختنى كەشپ قىلغانلىقى ۋە يېزىقنى تەرەققىي قىلدۇرغان دېيىلىدۇ. تاناھتىكى ئەنوك (ئىبرانىچە: חנוך) بىلەن بىر كىشى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرىلىدۇ. قەدىمىي يۇنان ئەڧسانىلىرىدىكى ھېرموسنىڭ ۋە قەدىمىي مىسىر ئەڧسانىلىرىدىكى توت (Thot) نىڭ قۇرئاندىكى ئىدرىس ئەلەيھىسسالام بىلەن بىر كىشى ئىكەنلىكى ۋە م.ب 14000 يىللار ئەتراپىدا ياشىغانلىقى پەرەز قىلىنىدۇ.
ئىسلام |
قۇرئاندا زىكىر قىلىنغان پەيغەمبەرلەر |
قۇرئان كەرىم سۇرە مەريەمنىڭ 56 ۋە 57- ئەيەتلىرىدە ئاللاھ شۇنداق دەيدۇ: وَاذْكُرْ فِي الْكِتَابِ إِدْرِيسَ إِنَّهُ كَانَ صِدِّيقًا نَبِيًّا وَرَفَعْنَاهُ مَكَانًا عَلِيًّا
كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) ئىدرىس (قىسىسى) نى بايان قىلغىن، ئۇ ھەقىقەتەن راستچىل پەيغەمبەر ئىدى (56)ئۇنى بىز يۇقىرى ئورۇنغا كۆتۈردۇق(57)
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article ئىدرىس ئەلەيھىسسالام, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.