Uyghur Muqam Ensemble of Australia
ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر مۇقام ئانسامبىلى | |
قىسقارتىپ يېزىلىشى | UMEA |
قۇرۇلۇشى | 2019-يىلى 20-ئىيۇل |
تىپى | مۇقام ئانسامبىلى |
باش شتاب | سىدنى، ئاۋسترالىيە |
رەسمىي تىللار | ئۇيغۇرچە |
قۇرغۇچى | شۆھرەت تۇرسۇن |
مۇھىم كىشىلەر | |
تور بەت |
ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر مۇقام ئانسامبىلى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى:Awstraliye Uyghur Muqam Ansambili) بولسا 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۇيغۇر سەنئەتكار شۆھرەت تۇرسۇن قاتارلىق كىشىلەرنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنى شەھىرىدە قۇرۇلغان ئۇيغۇر مۇقام ئانسامبىلىدۇر.
2019-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاۋستىرالىيەنىڭ سىدنېي شەھىرىدە «ئۇيغۇر مۇقام ئانسامبىلى» نىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
مۇراسىم «ئاسمان» مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مۇراسىمغا زال چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن 70 قا يېقىن كىشى قاتناشقان. مۇراسىم سائەت 13 يېرىمدا «ئۇيغۇر مۇقام ئانسامبىلى» نىڭ قۇرغۇچىسى شۆھرەت ئەپەندىنىڭ نۇتقى بىلەن باشلانغان بولۇپ، پائالىيەت 4 سائەتكە يېقىن داۋام قىلغان. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شۆھرەت ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.
ئۇ مۇقام ئانسامبىلىنى قۇرۇشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ‹ئۇيغۇر مۇقام ئانسامبىلى› نى قۇرۇشتىكى مەقسىتىمىز مىللىي سەنئىتىمىزنىڭ ۋارىسلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئارقىلىق ئاۋستىرالىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە كونسېرتلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ، مىللىي سەنئىتىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە مىللىي كىملىكىمىزنى تونۇشتۇرۇش ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر سەنئەتكارلار بىلەن دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتىشتۇر.»
شۆھرەت ئەپەندى يەنە نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە مىللىي سەنئەتنىڭ يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن مۇھاجىرەتتىكى شارائىتلاردىن پايدىلىنىپ مىللىي سەنئەتنىڭ داۋام قىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەققىدىمۇ توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ھازىر خىتاي ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تۈپتىن يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ، بىز مۇھاجىرەت ھاياتىمىزدىكى شارائىتلىرىمىزدىن پايدىلىنىپ، خىتاينىڭ مىللىي سەنئىتىمىزنى، مەدەنىيىتىمىزنى يوق قىلىشىغا يول قويمايمىز.»
شۆھرەت ئەپەندى يەنە ئۆزىنىڭ دادىسى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى نۇرغۇن سەنئەتكارلارنىڭ خىتاينىڭ زىيانكەشلىك قىلىشى بىلەن نابۇت بولغانلىقى ھەققىدىمۇ توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي تارىختىن بۇيان نۇرغۇن سەنئەتكارلىرىمىزنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن نابۇت قىلدى. شۇ قاتاردا داداممۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بىر سەنئەتكارى بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈرمىگە تاشلاندى ۋە تۈرمىدىن چىقىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي ۋاپات بولدى. بۇلارنىڭ ھاياتىنىڭ بۇنداق پاجىئە بىلەن ئاخىرلىشىشىغا خىتاي ھۆكۈمىتى سەۋەبچى بولدى.»
سىدنېيدىكى پېشقەدەملەردىن دېمىيان ئەپەندى مۇقامنىڭ مىللىي مەدەنىيەتنى ساقلاشتىكى رولى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مۇقام مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ مۇزىكىلىق ساداسى. ھازىر خىتاي ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئەدەبىياتى ۋە سەنئىتىنى يوق قىلىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە سىدنېيدا مۇقام ئانسامبىلىنىڭ قۇرۇلۇشى مۇھاجىرەت ھاياتىمىزدا مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.»
دېمىيان ئەپەندى يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىگە تۇنۇشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدىمۇ توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئاۋستىرالىيە بىر دېموكراتىك دۆلەت بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ يەردە كۆپ خىل مەدەنىيەتلەر بىرگە مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. بىز ئاۋستىرالىيە جەمئىيىتىنىڭ يادرولۇق قىممەت قاراشلىرىنى قوبۇل قىلىش بىلەن بىرگە ئۆزىمىزنىڭ مەدەنىيىتىنىمۇ باشقىلارغا تۇنۇشتۇرۇش ئارقىلىق مەۋجۇتلۇقىمىزنى باشقىلارغا شۇنداقلا خىتايلارغىمۇ جاكارلايمىز.»
ئاۋىستىرالىيەدىكى سىياسىي پائالىيەتچى نۇرگۈل خانىم مۇقامنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «شۆھرەت ئەپەندىنىڭ مۇقام ئانسامبىلىنى قۇرۇشى مېنى ناھايىتى سۆيۈندۈردى، بۇ مۇقام ئانسامبىلىنىڭ قۇرۇلۇشى مۇھاجىرەت ھاياتىمىزدا مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ راۋاجلىنىشىغا زور تۆھپە قوشىدۇ دەپ قارايمەن.»
ئاۋستىرالىيەدىكى «ئۇيغۇر مۇقام ئانسامبىلى» نىڭ قۇرغۇچىسى شۆھرەت ئەپەندى ئۇزۇندىن بۇيان ئاۋستىرالىيەنىڭ ھەرقايسىي شەھەرلىرىدە ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىنى تۇنۇشتۇرغان، كۆپ قېتىم سەنئەت كېچىلىكلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ئاۋستىرالىيە جەمئىيىتىدە زور ئالقىشلارغا ئېرىشكەن ئىكەن.
جۇمھۇرىيەتلەر:
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر مۇقام ئانسامبىلى, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.