ئاپتوموبىل ئايروپىلان

بىر خىل ئايروپىلان بار، يولۇچى بەلگىلەنگەن ئايرودرومغا بارمىسىمۇ بولىدۇ، خۇددى ئاپتوموبىلغا چىققاندەك ئىشىكى ئالدىدا ماشىنىغا چىقىپ، تاشيول ياكى بەلگىلەنگەن يەرگە بارغاندىن كېيىن، ماشىنىغا ئايروپىلان قانىتى ئورنىتىپ ئۇچۇپ كېتىۋېرىدۇ.

مۇنداق ئايروپىلان ئاپتوموبىلدىن تەرەققىي قىلغانلىقتىن، ئاپتوموبىل ئايروپىلان دەپ نام قويۇلغان.

 

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :ئاپتوموبىل ئايروپىلان

ئاپتوموبىل ئايروپىلان ھەققىدە

4پارچەئاپتوموبىل ئايروپىلانبىر خىل ئايروپىلان بار، يولۇچى بەلگىلەنگەن ئايرودرومغا بارمىسىمۇ بولىدۇ، خۇددى ئاپتوموبىلغا چىققاندەك ئىشىكى ئالدىدا ماشىنىغا چىقىپ، تاشيول ياكى بەلگىلەنگەن يەرگە بارغاندىن كېيىن، ماشىنىغا ئايروپىلان قانىتى ئورنىتىپ ئۇچۇپ كېتىۋېرىدۇ. مۇنداق ئايروپىلان ئاپتوموبىلدىن تەرەققىي قىلغانلىقتىن، ئاپتوموبىل ئايروپىلان دەپ نام قويۇلغان.

مۇندەرىجە

  • قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
  • ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
  • ئاپتوموبىل ئايروپىلان ھەققىدە
  • قۇرۇلمىسى
  • ئالاھىدىلىكى
  • ئالاقىدار بايان
  • سۈرەتلەر
  • قامۇس باشبېتى

قۇرۇلمىسى

ئەڭ بۇرۇنقى ئاپتوموبىل ئايروپىلان ئاپتوموبىل بىلەن ئۇچۇش قۇرۇلمىسىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپقان. ئادەتتىكى ئىككى كىشىلىك پىكاپ ئاپتوموبىل گەۋدىسى، بىر ئاپتوموبىل ماتورى يەر يۈزىدە يۈرۈشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى قىلىنىدۇ. ئۇچۇش قۇرۇلمىسى مېتالدىن ياسالغان مۇكەممەل بىر ئايروپىلانغىلا ئوخشايدۇ، ئۈچ كۈچ تەسىرىگە ئۇچراش دېتالىغا شايبىلىق چاتقۇچلار قوشۇلۇپ، ئاپتوموبىلنىڭ ئۈستىگە بولتا بىلەن مۇقىملاشتۇرۇلىدۇ، پىرقىرىغۇچلۇق ماتور ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىنىدۇ.

ئالاھىدىلىكى

3پارچەئاپتوموبىل ئايروپىلانئاپتوموبىل بىلەن ئايروپىلاننى مۇنداق بىرلەشتۈرۈشنىڭ ياخشى تەرىپى بار: ئىككى قىسىم قۇرۇلمىنى ئوڭايلا ئاجراتقىلى، ئۇچۇش قۇرۇلمىسىنى ئايرودرومدىن ئىجارىگە ئالغىلى بولىدۇ. پىكاپنى ئايرودرومغا ھەيدەپ بېرىپ، ئۇچۇش قۇرۇلمىسىنى ئۇ يەردىن ئىجارىگە ئېلىپ، ئاپتوموبىلنىڭ ئۈستىگە ئورناتسا، بارىدىغان يەرگە ئۇچۇپ بارغاندىن كېيىن، ئايروپىلاننى ئاجرىتىۋەتسىلا بولدى، يەڭگىل ھالدا سەپەر قىلىشقا ناھايىتى قۇلاي.

بىراق، مۇنداق ئاپتوموبىل ئايروپىلانغا كۆپرەك ئاممىۋى ئەسلىھەلەر كېتىدۇ، نەگە بارىمەن دېسە شۇ يەرگە بارغىلى بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاپتوموبىل ئايروپىلان ئىككى خىل تىپقا قاراپ تەرەققىي قىلدى. بىرى، قۇراشتۇرۇپ ئاجرىتىشقا بولىدىغان شەكلى. ئايروپىلان ئورنىدا ئىشلىتىدىغان ئايروپىلان قانىتى، پىرقىرىغۇچ قاتارلىق ئۇچۇش زاپچاسلىرىنى ئاپتوموبىلغا قۇراشتۇرۇپ، ئاپتوموبىل ئاساسىي گەۋدە بولغان ئاپتوموبىل ئايروپىلان قىلىشقا بولىدۇ؛ ئاپتوموبىل ئورنىدا ئىشلىتىدىغان چاغدا، قانات، پىرقىرىغۇچ قاتارلىق زاپچاسلارنى تېزلا سۆكۈپ، ئاپتوموبىلنىڭ ئۈستىگە ياكى كوزۇپنىڭ كەينىگە مۇۋاپىق ئورنىتىپ، يۈك ماشىنىغا ئوخشاش ئۇلارنى سۆرەپ يۈرۈشكە بولىدۇ. يەنە بىرى، تاشيولدا يۈرەلەيدىغان ئاپتوموبىل ئايروپىلان، مۇنداق ئايروپىلاننىڭمۇ پىرقىرىغۇچىسى ئىتتىرىدىغان قۇرۇلمىسى بولىدۇ، بىر جۈپ قانىتىنى پۈكلىگىلى بولىدۇ، شاسسىنىڭ چېتىگە قانات ئورنىتىلغان يەردىن يۇقىرىغا 90 گرادۇس پۈكلەپ، قاناتنىڭ ئۇچىغا يېقىنراق يەردىن يەنە گرادۇس پۈكلىسە، ئاپتوموبىلغا ئايلىنىپ، تاشيولدا كېتىۋېرىدۇ.

ئالاقىدار بايان

ئاپتوموبىل ئايروپىلاننىڭ كۆرۈنۈشى يا ئوقى شەكىللىك بولۇپ، بېشى ئايروپىلانغا، گەۋدىسى پىكاپقا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى قۇرۇلمىسى كۆپ تۇربىنا چاقپەلەكلىك ماتورغا ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، مەيلى ئايروپىلان ئورنىدا ياكى ئاپتوموبىل ئورنىدا ئىشلىتىلسۇن، بىر خىل بېنزىن ئىشلىتىلىدۇ. 1988-يىلى ئىككى كىشىلىك ئاپتوموبىل ئايروپىلان ئاسمانغا چىققاندىن كېيىن، ئامېرىكا يەنە تۆت كىشىلىك ئاپتوموبىل ئايروپىلان ياسىدى. لايىھىلىگۈچىلەر يەنە ئۇنى كومپيۇتېر بىلەن باشقۇرۇلىدىغان قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ، ئادەم ئۇنىڭغا ئولتۇرسىلا، كومپيۇتېر ئېكرانىدا بارىدىغان ئورۇن كۆرۈنىدۇ، ئاپتوموبىل ئايروپىلان ئۇ يەرگە ئۆزى ئۇچۇپ بارىدۇ.




Tags:

ئاپتوموبىل ئايروپىلان ئاساسىي ئۇچۇرلىرىئاپتوموبىل ئايروپىلان ھەققىدەئاپتوموبىل ئايروپىلان مۇندەرىجەئاپتوموبىل ئايروپىلان قۇرۇلمىسىئاپتوموبىل ئايروپىلان ئالاھىدىلىكىئاپتوموبىل ئايروپىلان ئالاقىدار بايانئاپتوموبىل ئايروپىلان

🔥 Trending searches on Wiki ئۇيغۇر تىلى:

ماس قەدەملىك دۇنياۋىي سائەتئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىپراگاۋىكىپېدىيەلوس ئنجېلېشتاڭ تەيزوڭئېنگىلىسھىندونېزىيە تىلىخېبېي ئۆلكىسىھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىناتالىيە پورتمەنئىۋان IVپرىنسېتون ئۇنىۋېرستېتىXélsinkiماۋرىتانىيەبۇددا دىنىفىزىكاسوپىزم (تەسەۋۋۇپ)چۇڭچىڭ شەھىرىچىڭخەي ئۆلكىسى1977مايئەنتى-كوممۇنىزىمئەرەبلەر1992 - يىلىدىئابېت كېسىلىئىبراھىمىي دىنلەرئامستېردامھىندونېزىيەبىرماURLسۇلۇئاممىۋى ساھەشاكىلاتلېسوتوئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىLoyizanna Shitatiﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻥ ﺑﻮﻧﺎﭘﺎﺭﺕگلاسگوۋئىتاليانلارياۋرۇئافغانىستانئىسساك نيوتۇنۋاشىنگتونBristolكۇردلارروسىيەتۈركىستان كېچىلىرى (رومان)تور (ئىنتېرنېت)بارماق دىسكاگوتېنبۇرگPoznanپىكسار جانلاندۇرۇم ستۇدىيىسىئىسا ئەلەيھىسسالامقازاقىستانباغدادسەئد ھەرىرىيBaltimorشاڭخەي شەھىرىۋىلادىمىر پۇتىنجىن سۇلالىسىجۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىمۈشۈكئېيىقخاربىن شەھىرىلودزكۇبارەقەملىك تېلېۋىزىيەجاكارتاتويوتانىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىمايك پومپىئوBuénos Ayrésئىسپانىيە ئىمپېرىيىسىرىم ئىمپېرىيىسىئەلىشىر نەۋائى🡆 More