ھەدىس قۇدۇسىي (الحديث القدسي): پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «قۇرئان كەرىم» سىرتىدا ئاللاھ تائالادىن رىۋايەت قىلغان ۋەھىينى كۆرسىتىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رىۋايەت قىلغانلىقتىن «ھەدىس» دەپ ئاتالسا، ئۇلۇغ زات پەرۋەردىگارغا نىسبەت بېرىلگەنلىكى ئۈچۈن «قۇدۇسىي» دەپ ئاتالغان. لۇغەت مەنىسى «پاكلىق، مۇقەددەسلىك، نۇقسانسىزلىق» دېگەن مەنىدىكى «قۇدۇس» تومۇرىدىن ئىسمى مەنسۇپ «قۇدۇسىي» كەلىمىسى «ھەرقانداق نۇقساندىن خالىي ئۇلۇغ بىر مەۋجۇدلۇققا خاس نەرسە» دېگەنلىكتۇر. «ھەدىس قۇدۇسىي» مەنەن چۈش ياكى ۋەھىي ئارقىلىق ئاللاھدىن، ئىبارىلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كەلگەن ھەدىس دېمەكتۇر.
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article ھەدىس قۇدۇسىي, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.