ھۈسەيىن تاش 1966-يىلى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كوناشەھەر ناھىيەسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ.
1989-يىلى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكولتىتىنى پۈتتۈرۈپ، ئۈرۈمچى 1-ئاۋغۇست پولات زاۋۇتىغا خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان ۋە «شىنجاڭ پولات-تۆمۈر گېزىتى»دە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن.
ھۈسەيىن تاشنىڭ ۋەكىللىك ھىكايە-پوۋىستلىرىدىن: «ئاق كىيىملىك پەرىزات»، «كۆلەڭگە»، «سېختىكى ئىشلار»، «قاباھەتلىك چۈش»، «يىرگىنىش»، «ئۈرۈمچىنىڭ جىلۋىسى»، «روھنىڭ قۇدرىتى»، «يىلان يىللىق قىز»، «سەۋدايىلار شەھرى»، «جىن باسقان مەھەللە»، «ئاجرىشىش خىتابنامىسى»، «چىڭقى چۈشتىكى مۇھەببەت»، «ئۈرۈمچىنىڭ چۈشى» قاتارلىقلار بار بولۇپ، ئۇ ھايات ۋاقتىدا «ئۈرۈمچىنىڭ چۈشى» ۋە «سەۋدايىلار شەھىرى» ناملىق ھىكايەتلەر توپلاملىرى نەشر قىلىنغان ئىدى. ئۇنىڭ بىر پارچە رومانى مىللەتلەر نەشىرىياتىغا تاپشۇرۇلغان بولسىمۇ، تېخى نەشىر قىلىنمىغان ئىدى.
ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە ھىكايە-پوۋېستلىرى بىلەن ئەدەبىيات ئىخلاسمەنلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان تالانتلىق يازغۇچى ھۈسەيىن تاش 2009-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى سەھەر سائەت ئىككىدە راك كېسەللىكى بىلەن قازا قىلدى ۋە باگاڭ مەسچىدىدە پېشىن ۋاقتىدا نامىزى چۈشۈرۈلۇپ، ئۈرۈمچى گۈلساي قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى.
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article ھۈسەيىن تاش, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.