«مىكى» ناملىق كارتون فىلىمنى دىشىنى شىركىتى مەخسۇس ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلار ئۈچۈن ئىشلەپچىقارغان يىپيېڭى ئۈچ ئۆلچەملىك كارتون فىلىم بۇلۇپ ،مەزمۇنى قىزىقارلىق ،بالىلارغا قىزىقارلىق كەيپىياتتا سان ،شەكىل ،لوگىكىلىق تەپەككۇر قاتارلىق ئاساسىي ئىقتىدارنى ئۆگىتىدىغان ،ئاتا-ئانا ۋە بالىلار بىرلىكتە كۈرۈپ ھۇزۇرلىنىشقا ماس كىلىدىغان سېستىمىلىق كارتون فىلىم .
بىرىنچى بۈلىمىنىڭ مەزمۇنى : مىكىنىڭ ئۆيىدە چاشقان مىكى تۇرىدۇ ،ئۇنىڭ بىر ئاجايىپ قورال ساندۇقى بار بۇلۇپ ،ھەر قېتىم قىيىنچىلىققا يۇلۇقۇپ ياردەمگە مۇھتاج بولغاندا ،پەقەت يۇقىرى ئاۋازدا ‹پۇرچاق ›دەپ توۋلىسىلا ئاجايىپ قورال ساندۇق كۆز ئالدىدا پەيدا بۇلۇپ لازىملىق قورال بىلەن تەمىلەيدۇ ،كىچىك دوسلار مىكى بىلەن بىرلىكتە مۇۋاپىق قورالنى تاللىغاندىلا قىيىنچىلىقنى ھەل قىلالايدۇ . بۇ كارتون فىلىم ئۇقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارنىڭ سان ۋە لوگىكىلىق تەپەككۇرنى تەرەققى قىلدۇرۇشىغا پايدىلىق بولغان كارتون سېستىمىسى .
ئىككىنچى بۈلىمىنىڭ مەزمۇنى : بۇ كارتون ئۇقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارغا يېڭىچە قىزىقارلىق تۇيغۇ ئەكىلىدىغان ئۈچ ئۆلچەملىك كارتون بۇلۇپ ،مىكى ۋە ئۇنىڭ دوسلىرى بالىلارغا خوشاللىق ئىچىدە بىلىم ئۆگىتىدۇ ۋە ئەقلىل-پاراسىتىنى ئۆستىرىدۇ ،بالىلارغا بىۋاستە ھالدا چۇڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ ،بۇ كارتوننى بالىلار كۈرۈش جەريانىدا زور خوشاللىقلارنى ئەكىلىدۇ ،بۇ كارتون بالىلارنىڭ ئايرىلماس ھەمراھىدۇر .
بۇ كارتوندىكى باش پىرسۇناژلار مىكى ،مىنى قاتارلىقلار .
«مىكى»ناملىق كارتون فىلىمنى دىشىنى شىركىتى مەخسۇس ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلار ئۈچۈن ئىشلەپچىقارغان يىپيېڭى ئۈچ ئۆلچەملىك كارتون فىلىم بۇلۇپ ،مەزمۇنى قىزىقارلىق ،بالىلارغا قىزىقارلىق كەيپىياتتا سان ،شەكىل ،لوگىكىلىق تەپەككۇر قاتارلىق ئاساسىي ئىقتىدارنى ئۆگىتىدىغان ،ئاتا-ئانا ۋە بالىلار بىرلىكتە كۈرۈپ ھۇزۇرلىنىشقا ماس كىلىدىغان سېستىمىلىق كارتون فىلىم .
بۇ كارتون فىلىمنى ئىشلىگەن دۆلەت ئامېرىكا ،دىنىشى شىركىتى ئىشلەپ چىقارغان ،2007 -يىلى تارقىتىلغان .
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article مىكى, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.