مۇھەممەد II (مۇھەممەد ئىككىنچى) (ئوسمانلىچە: محمد ثانى Meḥmed-i s̠ānī) داڭقى كەتكەن ڧاتىھ سۇلتان مۇھەممەد، قىسقىچە ڧاتىھ (ئوسمانلىچە: فاتح) ياۋروپادا تانۇلغان ئاتى بىلەن: Grand Turco (بۈيۈك تۈرك) ياكى Turcarum Imperator (تۈرك ئىمپېراتورى)؛ (1432- يىلى 30- مارت — 1481- يىلى 3- ماي)، ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ يەتتىنچى پادىشاھىدۇر.
تۇنجى قېتىم 1444-1446 يىللار ئارىسى قىسقا بىر مۇددەت، كېيىنچە ئىسە 1451 — 1481 يىلىدىكى ئۆلىمىگە قەدەر 32 يىل بويىچە ھۆكۈم سۈرگەن.
سۇلتان مۇھەممەدخان II، 21 ياشىدا ئىستانبۇلنى ڧەتىھ قىلىپ مىڭ يىللىق بىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنى گۇمران قىلدى ۋە بۇ ۋاقىئە نۇرغۇن مۇئەررىخلەر تامانىدىن ئوتتۇرا ئەسر ئاخىرلىشىپ يېقىنقى زاماننىڭ باشلىنىشى دەپ قەبۇل قىلىنىدۇ. ڧەتىھتىن سوڭرە ڧەتىھنىڭ ئاتاسى مەناسىغا كەلگەن "ئەبۇل ڧەتىھ"، ئوسمانلى تۈركىي تىلىدە "ابو الفتح" بىلەن، كېيىنچە بولسا "چاغ ئاچقان ھۆكۈمدار" ۋە "قەيسەرى رۇم" (رۇم ئىمپېراتۇرى، ئوسمانلى تۈركىي تىلىدە: قیصر روم) ئۇنۋانى بىلەن ياد قىلىندى.
ڧاتىھ سۇلتان مۇھەممەدخان، ئىسلام پەيغەمبەرى ھەزرەتى مۇھەممەدنىڭ بىر ھەدىسىگە نائىل بولغانلىقى ئۈچۈن كۈنىمىزدە پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىدا كەڭ دائىرىدە، بولۇپمۇ تۈركىيەدە "قەھرىمان" دەپ قەبۇل قىلىنماقتا.
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article مۇھەممەد II, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.