سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ (Sin͡gḳu Seli Tutun͡g ياكى Sïngqu Säli Tutung، خەنچە: 僧古萨里都统) تەخمىنەن 10 - ئەسردە ياشىغان، بەشبالىق (بۈگۈنكى جىمسار) لىق ئۇيغۇر ئەدىب، مەشھۇر تەرجىمان، سىنقۇ سەلى تۇتۇڭ ئىنتايىن تىرىشچان، زىھنى ئۆتكۈر بولغاچقا ئۆزئانا تىلىدىن باشقا يەنە تۇخارتىلى، ئەنەتكەك - سانسىكىرت تىلى، خەنزۇ تىلى، تاڭغۇت تىلى قاتارلىق تىللارنى پۇختا ئىگەلىگەن.
سىنقۇ سەلى تۇتۇڭنىڭ بىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئىجادىيىتى ئەمگىكى خەلقئارا تۈكەلوگلار تەرىپىدىن «تۈركىي تىللا دىۋانى»، «قۇتادغۇبىلگ» بىلەن تەڭ ئۇرۇندا تۇرىدىغان «ئالتۇن يارۇق» (金光明经) (ئالتۇن رەڭلىك نۇر چېچىپ، ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان شاھانە ئەسەر)، «شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمھالى» (玄奘专) ۋە «ئابخادخارھاكوشاھ» قاتارلىق ئەسەرلەرنى خىتايچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان.
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.