سىرەك توپا: خىمىيە ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلىدىكى لانتان سىستېمىسىدىكى ئېلېمېنت لانتان (La)، سېرىي (Ce)، پرازېئودىمىي (Pr)، نېئودىمىي (Nd)، پرومىتىي (Pm)، سامارىي (Sm)، ئېۋروپىي (Eu)، گادولىنىي(Gd)، تېربىي (Tb)، دىسپروزىي...
قاتارلىق 17 خىل ئېلېمېنتنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ سىرەك توپا ئېلېمېنتى (خەنزۇچە: 稀土) دەپ ئاتىلىدۇ. سىرەك توپا ئېلېكتىرون، نېفىت – خىمىيە سانائىتى، مېتاللورگىيە، ماشىنىسازلىق، ئېنېرگىيە، يېنىك سانائەت، مۇھىت ئاسراش، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ ئىشلىتىلىدۇ.
سىرەك توپا زور قورال–ياراغ سىستېمىلىرىنىڭ ئاچقۇچلۇق ماتىرىيالى بۇلۇپ، ئامېرىكا سىرەك توپىنى ئاساسەن دېگۈدەك جوڭگۇدىن ئىمپورت قىلىدۇ. ياپونىيەمۇ سىرەك توپىنى ئاساسلىق ئىشلەتكۈچى دۆلەت بۇلۇپ، نۆۋەتتە ئېلىمىز ئىكىسپورت قىلغان سىرەك توپىنىڭ مىقدارى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. سىرەك توپا ئىلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىستىراتىگىيىلىك بايلىق بۇلۇپ. ئۇ نۇرغۇنلىغان يۇقىرى تېخنىكىلىق، ئۆتكۈر كەسىپلەرنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان خام ماتىرىيالى. ئىلىمىزدە تۆمۈر كېنى قاتارلىق كۆپلىگەن ئىستىراتىگىيىلىك بايلىقلار كەمچىل. ئەمما سىرەك توپا بايلىقى ئىنتايىن مول. نۆۋەتتە بايلىق مەنبەسى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ھوقۇق–مەنپەتىنى قوغداپ، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرىشىدىكى مۇھىم قورالى ھىسابلىنىدۇ. ئېلىمىز ئىسلاھات–ئېچىۋىتىشنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى يولداش دېڭ شياۋپىڭ چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ: ئوتتۇرا شەرقتە نېفىت بولسا، بىزدە سىرەك توپا بار دېگەن.
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article سىرەك توپا, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.