سوپۇنچىلىق

   خۇشتار سوپۇنچىلىق كەسپى خەلقىمىزدە كەڭ تارقالغان ھەم تولىمۇ راۋاجلانغان.

سوپۇننىڭ خام ئەشىياسى، ئاساسەن، چىگىرتەك چىقمايدىغان كالا، ئۆچكە يېغىدىن ئىبارەت. كەسىپكارلار ھۈنىرىنىڭ پاكلىقى ئۈچۈن غەيرىي ياغلارنى ئىشلەتمەيدۇ. سوپۇننىڭ خۇرۇچى شاخار(كۆيۈك دېگەن ياۋا ئوتنى كۆيدۈرۈپ تەييارلىنىدىغان داشقال) ۋە ئاھاك. سوپۇنچىلىق سايمانلىرى قازان، چۆمۈچ ۋە قېلىپ.

  سوپۇن ياساش:  سىغىمچانلىقنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن قازان ئۈستىگە ئىدىش قويۇلۇپ، ئەتراپى لاي چاپلاپ ئېتىلىدۇ. 50 كىلوگرام ياغدا سوپۇن ياساش ئۈچۈن 25 كىلوگرام شاخار، ئىككى كىلوگرام ئاھاك تەييارلىنىدۇ. ياغ قازانغا سېلىنىپ ئېرىتىلگەندىن كېيىن، سوقۇلغان شاخار بىلەن ئاھاك مۇۋاپىق مىقداردا ئېرىگەن ياغقا سېلىنىدۇ. شاخار ياغنى ئېرىتىپ، ياغ مالېكۇلىلىرىنى پارچىلايدۇ، ئاھاك شاخارنى ئېرىتىش، ياغنى ئاقارتىش ھەم ياغ دانىچىلىرىنى يىغىش  رولىنى ئوينايدۇ. شاخار ئېرىپ قازاندىكى سېلىنما قويۇلۇپ، دۇغلار، ياغ بەزلىرى قازان تېگىگە چۆكۈپ، سۈزۈلگەن ياغ ئۈستىگە ئۆرلەيدۇ. بۇ چاغدا ياغ سۈزۈۋېلىنىپ، قازان تېگىدىكى غەلدە –  غەشلەر تازىلىنىپ، شاخار، ئاھاك سۈيى قۇيۇلۇپ، سۈزۈۋېلىنغان ياغ قازانغا يەنە سېلىنىپ قاينىتىلىدۇ. بۇ تەرتىپ توققۇز قېتىم تەكرارلانغاندا ياغ قولدا يىمىرىلسە چاپلاشمايدىغان بولىدۇ. بۇ ياغنىڭ پىشقان، يەنى بارلىق رېئاكسىيىلىك ماددىلاردىن تازىلانغان ۋاقتى ھېسابلىنىدۇ. بۇ چاغدا قازان تازىلىنىپ، سۈزۈك سۇ قۇيۇلۇپ قاينىتىلىپ شاخار دۇغلىرى تازىلىنىدۇ. ناۋادا شاخار قاينىتىش ئارقىلىق ئەمەس، چايقاش ئۇسۇلى بىلەن تازىلانسا، سوپۇن ئىشلەتكەندە رېئاكسىيە بېرىدۇ. ياغ يۇقىرىقى ئۇسۇلدا تازىلانغاندىن كېيىن، قايتا ئېرىتىلىپ ئۆلچەملىك قېلىپقا قۇيۇلۇپ قاتقاندا سوپۇن تەييار بولغان بولىدۇ. خەلقىمىز يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان بۇنداق سوپۇننى ئەزەلدىن خاسىيەتلىك، شىپالىق، دەپ بىلىدۇ.

  سوپۇنلىرىمىزنىڭ كىر يۇيۇشتىكى ئالاھىدىلىكىدىن باشقا يەنە دورىلىق خۇسۇسىيەتلىرىمۇ بار. خەلقىمىز قەدىمدىن تەمرەتكە، داغ، بەدەن قېتىشىپ قاسراق باغلاش، پۇت –  قول يېرىلىش، ھەمەل قىلىش(ئىچكى ئەزالارنى يۇيۇش) قاتارلىق كېسەللەرگە بۇ سوپۇننى دورا ئورنىدا ئىشلىتىپ كەلگەن. ئۇنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى، قانچە ئىشلىتىلسىمۇ قول تېرىسى يېرىلمايدۇ، ئەكس تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. بەلكى يۈز، قول، بەدەن تېرىسىنى يۇمران قىلىدۇ، پارقىرىتىدۇ، كىرنى تازىلاش نىسبىتى %98 ئەتراپىدا بولىدۇ.

  مېيىت يۇيۇش، بوۋاقنى تۇنجى قېتىم سۇغا سېلىشتا مۇشۇنداق يەرلىك سوپۇن ئىشلىتىلىدۇ. بۇ بىرخىل ئېتىقاد ۋە ئادەت سۈپىتىدە داۋاملىشىپ كەلمەكتە.

Tags:

🔥 Trending searches on Wiki ئۇيغۇر تىلى:

گۇئارانچە23- ھۇدقەدىمقى مىسىرۋىدا خۇتبىسى11- فېۋرال1893جامال ئابدۇناسىر1944 - يىلىقۇياش سىستېمىسىجىمى ۋالىسفاتىھ سۇلتان مۇھەممەدخاننىمە ئۈچۈن خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مىللىتىنى يوقاتماقچى؟1915Washington ShitatiھونلاركۇۋەيتLuknowئوسمانلى19791977 - يىلىيۈرەك زەئىپلىكىيىللارغا جاۋاپھىندىستان ئالىي سوتى1987 - يىلىساردىنىيە تىلىنۇر تورىپاپۇئا يېڭى گۋىنېيەگرېتسىيەISO 3166-1دېڭ شياۋپېڭيالپۇزUyghur tiliئىلىدىكى تاتارلار ھەققىدەباشبەتئۇيغۇر ئېلىپبەسىئىزتۈركمەنىستانبېشىرظاصتاص يئضةن مئؤةنېفىتتور (ئىنتېرنېت)1260ئېلانسىتالىنئىۋاتە ناھىيىسى1999 - يىلىنىگېرمارسپراگاTürkiye6- فېۋرالچەت ج پ ت (ChatGPT)18- ھۇدكۇممۇنىزم1917لوندۇنتۈركىيە جۇمھۇرىيىتىبىرىكمە ماتېرىيالئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىكارل ماركىسيېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس كېسىلى ۋاكسىنىسى(كوۋىد-19 كېسىلى ۋاكسىنىسى)ئىخلاس شىركىتىپ������د��رئەلى مەمتىمىنمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامۋىلادىمىر پۇتىن1810 - يىلى🡆 More