يۈەن دەۋرىدە ئۆتكەن ئۇيغۇر گېنېرال _ سالۇن تېكىن
سالۇن تېكىن يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر گېنېرال ﮬەم سىياسىئون بولۇپ ، ئۇ ، بارچۇق ئارت تېكىننىڭ ئوغلى كەشمىشنىڭ ئىنىسى ئىدى . ئۇ ، دادىسى بارچۇق ئارت تېكىن ﮬايات ۋاقتىدا ئۇيغۇر ئۆلىمالىرىدىن تەلىم ئېلىپ ، موڭغۇل ، خەنزۇ تىل - يېزىقلىرىنى پۇختا ئىگىلىگەن ، قۇرامىغا يەتكۈچە دادىسى بىلەن بىللە يۈرۈپ ، بىر قانچە قېتىملىق ئۇرۇش ، جەڭلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ، دادىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، ئاكىسى بىلەن بىللە ئۆگىتايخان ئوردىسىغا كېلىپ تۇرغان . ئاكىسى كەشمىش ئۆگىتايخان تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارغا ئىدىقۇتلۇققا تەيىنلىنىپ ، ئالايبى مەلىكە ( ئۆگىتايخاننىڭ موڭغۇل ۋەزىرىنىڭ قىزى ) بىلەن توي قىلغان . ئەمما ، پەرزەنت كۆرۈشكە ئۈلگۈرمەيلا ئالەمدىن ئۆتكەن ، شۇنىڭ بىلەن ، ئۇنىڭ بىر قورساق ئىنىسى بولغان سالۇن تېكىن خانىش توراگىنانىڭ رۇخسىتى بىلەن ئىدىقۇتلۇقنىڭ تەخت ۋارىسى بولغان . ئۇ ، كىشىلەر تەرىپىدىن بەكمۇ ﮬۈرمەتلىنەتتى . كېيىن ئۇ ، پادىشاﮬ يۈەن تەيزۇ ئۆگىتايخان تەرىپىدىن گېنېراللىققا تەيىنلىنىپ ، چىن سۇلالىسىنى مەغلۇپ قىلىش ئۇرۇشىغا ۋە ئۇدا ئۈچ يىل داۋاملاشقان شەنشىنىڭ جەنۇبىي خېنەننىڭ شىمالىي ﮬەم جۈنشى ئەتراپلىرىدىكى ﮬەل قىلغۇچ ئۇرۇشلارغا قاتناشقان . ئۇنىڭ بۇ ئۇرۇشتىكى تۆﮬپىسىنى نەزەردە تۇتۇپ ، ئۆگىتايخان ئۇنىڭغا << ساداقەتمەن گېنېرال >>لىق ئۇنۋانى بەرگەن .
<< يۈەن سۇلالىسى تارىخى >>دا كۆرسىتىلىشىچە ، سالۇن تېكىن تەخت ۋارىسى بولغاندىن كېيىن ، كۆپ قېتىم ئۆگىتايخانغا سىياسىي ئىشلار ﮬەققىدە مەسلىھەت بېرىپ ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ۋە ﮬاكىمىيەت باشقۇرۇش جەﮬەتلەردە ئۇنىڭغا سەمىمىي ياردەم بەرگەن ، ئۇ ، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى تەربىيىلەشكە ئەﮬمىيەت بېرىپ ، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن ، يېڭىدىن مەكتەپ ئېچىپ ، ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلەشتىن سىرت ، موڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىنىمۇ ئوقۇتۇپ ، ئۇلارنىڭ ساۋات چىقىرىش ۋە بىلىم ئېلىشىغا ياردەم بەرگەن . بۇ ۋاقىتتا يەنە ياغاچ ئويما ، مەتبە ئىشلىرى ۋە تام سىزما سۈرەتچىلىك سەنئىتى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن ، يەنە ئىدىقۇت سالۇن تېكىننىڭ بىۋاسىتە تەشەببۇس قىلىشى بىلەن قەغەزچىلىك ، يۇڭ ، پاختا ، توقۇمىچىلىق ۋە تىبابەت ، دورىگەرچىلىك ئىشلىرى قايتىدىن جانلىنىپ ، مەخسۇس كەسىپلەشكەن ئۇستىخانىلار ( كارخانىلار ) بارلىققا كەلگەن . مىلادى 1258 - يىلىنىڭ ئالدى - كەينىدە ، جىمىسارنى مەركەز قىلغان ئۇيغۇر ئىدىقۇتلۇقىدا مۇسۇلمانلار پەيدا بولۇپ ، ئىچكى جەﮬەتتىن ئۆزلىرىگە مۇرت توپلاش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارغان . بۇ ۋاقىتتا يۈەن شەنزۇڭ مېڭكېخان تەختكە چىققان بولۇپ ، ئۇ ، مۇسۇلمانلار ئۆز ئىلكىدىكى جايلارنى قاپلاپ كەتكەچكە ، ئۆزىگە زىيان - زەخمەت يېتىشىدىن ئەنسىرەپ يۈرگەن . دەل شۇ ۋاقىتتا ، بىر قىسىم مۇسۇلمان ئەسكەرلەر مېڭكېخانغا سۈيىقەست قىلىشنى پىلانلاپ ، بۇ ئىش ئاشكارىلىنىپ قالغان . نەتىجىدە ، سالۇن تېكىن سۈيىقەستچى مۇسۇلمانلارنى مېڭكېخاننىڭ قىلىچى ئاستىدىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئويلاپ ، ئۇلارنى خۇپىيانە ﮬالدا قېچىپ كېتىشكە قويۇۋەتكەن . بۇ ئىش مېڭكېخان تەرىپىدىن سېزىلىپ قېلىپ سالۇن تېكىن ئۆلۈم جازاسىغا ﮬۆكۈم قىلىنغان.
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article سالۇن تېكىن, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.