خالىد ئىبنى ۋەلىد (خَالِدُ بنُ الوَلِيْدِ بنِ المُغِيْرَةِ المَخْزُوْمِيُّ) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: خالىد ئىبنى ۋەلىد ئىبنى مۇغىرە ئەلمەخزۇمىي (ئەبۇ ئىمران).
(ھ. بۇرۇن 30 – ھ. 21 / م. 593 – 642) ئىسلامنىڭ تالانتلىق مەشھۇر ھەربىي قوماندانى ۋە غازىي چەۋەندازى. ئىراق ۋە شامنىڭ فاتىھى. مەككە فەتىھ قىلىنىشتىن ئالتە ئاي بۇرۇن مۇسۇلمان بولغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا «ئاللاھنىڭ قىلىچى (سەيفۇللاھ)» دېگەن شەرەپلىك نامنى بەرگەن. خەلىپە ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خالىدنى مۇرتەدلەرگە قارشى ئۇرۇشقا، ئۇندىن كېيىن رىملىقلارغا، پارسلارغا قارشى ئۇرۇشقا قوماندان قىلغان.
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article خالىد ئىبنى ۋەلىد, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.