ئىنكۋىزىتسىيە (لاتىنچە: inquisitio / ئەرەبچە: محاكم التفتيش) كاتولىك چېركاۋىغا تەۋە بىر سوت - تەكشۈرۈش تۈزۈمى بولۇپ، باشتا ئىتالىيە، فرانسىيە ۋە ھەرقايسى ياۋروپا ئەل ۋە رايونلىرىدا 13 - ئەسردىن تاكى 18 – 19 - ئەسرلەرگىچە داۋام قىلغان بۇ سوتلار، ئومۇمەن پىكىر ۋە ئىدىيەسى چېركاۋنىڭكىدىن پەرقلىق بولغان خرىستىيان ئالىم، مۇتەپەككۇرلارنى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان شەپقەتسىز جازالاشلىرى، ئىز قوغلاپ يوقىتىشلىرى بىلەن مەشھۇردۇر.
ئىسپانىيە ۋە پورتۇگالىيە (ئەندەلۇس) تا قۇرۇلغان ئىنكۋىزىتسىيەلەرمۇ مۇسۇلمانلارنى خرىستىيانلىققا زورلاپ، ھەتتا خرىستىيانلاشقان مۇسۇلمان ۋە يەھۇدىيلەرنى كۆيدۈرۈپ، مال - مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلغان. بەش ئەسر داۋاملىشىپ 9 مىليوندىن ئارتۇق ئىنساننىڭ بېشىغا چىققان بۇ تۈزۈم فرانسىيەدە م. 1789 - يىلى، ئىسپانىيەدە بولسا م. 1835 - يىلى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article ئىنكۋىزىتسىيە, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.