ئاسىيا تېنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ( Asia-Pacific Economic Cooperation APEC)
亚太经济合作组织
1989 - يىلى ئاۋسترالىيە زوڭلىسى خوك كورىيەگە زىيارەتكە كەلگەندە ، رايون خارەكتىرلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى چاقىرىپ ، ئاسىيا تېنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئىقتىسادىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان . شۇ يىلى 11 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىن 7 - كۈنىگىچە ئاۋسترالىيە ، ئامېرىكا ، كانادا ، ياپونىيە ، كورىيە ، يېڭى زىلاندىيە ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا 6 دۆلەت ئاۋسترالىيە پايتەختى كانبررادا ، ئاسىيا تېنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مەسىلىسى بويىچە مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى چاقىرغان . بۇ « ئاسىيا تېنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يىغىنى » نىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىدىن دىرەك بېرىدۇ . 1993 - يىلى 6 - ئايدا تەشكىلات نامى « ئاسىيا تېنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى » (Asia-Pacific Economic Cooperation --- APEC) قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن . ئاساسلىق فونكىسىيسى - رايون ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغداش ، ئەزا ئەللەرنىڭ ئىقتىسادىغا ياردەم بېرىش ، كۆپ تەرەپلىمىلىك سودىنى راۋاجلاندۇرۇش ، رايونلار ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي پەرقنى ئازايتىشتىن ئىبارەت . جوڭگۇ چوڭ قۇرۇقلۇقى ، جوڭگۇ شياڭگاڭ ۋە جوڭگۇ تەيۋەن 1991 - يىلى 11 - ئايدا بۇ تەشكىلاتقا بىرلا ۋاقىتتا ئەزا بولغان . ئىش بېجىرىش ئورنى سىنگاپوردا
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article ئاسىيا تېنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.