گۈلجاھان مېدىيەسى 2015-يىلى 2-ئايدا رەسمىي ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان كۆپلىگەن تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.
گۈلجاھان مېدىيەسى سۈرەت ۋە لايىھەلەرنى ئاساس قىلغان ئۇنىۋېرسال سەنئەت بىلوگى بولۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نادىر سۈرەت ئەسەرلىرى ۋە ماقالىلەر، نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر، ناخشا-مۇزىكىلار، تەرجىمە ئەسەرلەر، خەۋەرلەرنى قەرەللىك ئېلان قىلىدۇ.
گۈلجاھان مېدىيەسى 2014-يىلى 2-ئايدا ئېچىلغان «سەنئەت بۆلۈمى» ئۈندىدار سالونى (ID:GuljahanArt) بىلەن بىرگەۋدىلەشتۈرۈلۈپ، تور بېكەت بىلەن ئۈندىدار سۇپىسىنىڭ ھەمتۈرتكىلىكى ئىشقا ئاشۇرۇلدى، سالونغا خالىغان ئاچقۇچلۇق سۆزلەرنى ئەۋەتىش ئارقىلىق، سالوندىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئىزدەشكە بولىدۇ.[1]
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article گۈلجاھان مېدىيەسى, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.