نىجات ۋەلى ياقۇپ

نىجات ۋەلى ياقۇپ (ئاددىيلاشتۇرۇلغان خەنچە: 尼加德·外力亚克普) داڭلىق دىكتور، رىياسەتچى، ناتىق، ئارتىس، مودېل، تور چولپىنى، نەقسۇنۇم چولپىنى، ۋە ئويۇنچى.

نىجات ۋەلى ياقۇپ ئۈرۈمچى شەھرىدە تۇغۇلغان. نىجات ۋەلى ياقۇپ ئۆزنىڭ سۆزمەنلىكى، تېتك، شوخ، جۇشقۇ ئوبرازى بىلەن خەلىققە تۇنۇلغان. ئۇ ھازىر مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانىسى ۋە شىنجاڭ تېلۋىزىيە ئىستانىسىدا دىكتورلۇق ۋە رىياسەتچىلىك بىلەن شۇغۇللانماقتا. ئۇنىڭ ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن پىروگراممىسى "يىپەك يولى ساداسى"دۇر. ئۇ توغۇرلۇق كىتاپلار يېزىلغان.

رىياسەتچى نىجات ۋەلى ياقۇپ نەگە كەتتىگە جاۋاپ

— نىجات ۋەلى ياقۇپ <<يېپەك يولى ساداسى>> پىروگراممىسىدا ھېچ كۆرۈنمەيدىغۇ؟ — <<ئېچىل داستىخېنىم>> پىروگراممىسىنىمۇ خېلى ئوبدان قىزىتىۋاتاتتى، بۇ پىروگراممىدىمۇ كۆرۈنمىدى. — بۇ زادى نېمە ئىش؟ — نىجاد ۋەلى ياقۇپ نەگە كەتتى؟ — ... ... تونۇش-بىلىشلەر، يىراق-يېقىندىكىلەرنىڭ مەندىن نىجات ۋەلى ياقۇپنىڭ ئىز-دېرىكىنى  سۈرۈشتۈرۈشى تەبىئىي ئەھۋال. چۈنكى، ئۇ ئېكرانلاردىكى ھازىر جاۋاب، يۇمۇرىستىك،  ئوچۇق-يورۇق، خۇشچاقچاق، سۆزمەن... بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن كۆرۈرمەنلەرنىڭ  قەلب قېتىگە ئورناپ كەتكەنىدى، مۇنداقچە ئېيتقاندا، كۆرۈرمەنلەرنىڭ كۆزىگە ئوبدانلا  سېڭىپ قالغانىدى. <<كۆنگەن يامانمۇ كۆيگەنمۇ؟>> دېگەندەك، نىجات ۋەلى  ياقۇپقا كۆنگەن كۆرۈرمەنلەرنىڭ مەندىن سورىغان ھەربىر سوئالىغا قانائەتلىنەرلىك  جاۋاب بېرىشنى مەجبۇرىيىتىم ۋە بۇرچۇم، دەپ ئويلىدىم.

نىجات ۋەلى ياقۇپ ئىستانسىمىز ئۇيغۇرچە چاستوتىسىنىڭ زور ئالقىشقا  ئېرىشىپ كېلىۋاتقان <<جاھان ئەينىكى>> پىروگراممىسىغا ئۆزىگە خاس  رىياسەتچىلىك ئۇسلۇبى ۋە خاسلىقى، ھەربىر سان پىروگراممىغا يۈكسەك مەسئۇلىيەت ۋە  بۇرچ تۇيغۇسى، رادىيو يېتىپ بارالىغانلىقى جايدىكى ئاڭلىغۇچىلارغا ئەستايىدىللىق  پوزىتسىيەسى بىلەن رىياسەتچىلىك قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۇسلۇبىنى ۋە خاسلىقىنى  ئاز ساندىكى رىياسەتچىلەر دوراپ باققان بولسىمۇ، سەمىمىيلىك بىلەن ئېيتقاندا،  ھېچقايسىسى قاملاشتۇرالمىدى ھەم نىجات ۋەلى ياقۇپ تۇيغۇسىنى كۆپچىلىككە ئاتا  قىلالمىدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، <<جاھان ئەينىكى>> — نىجاد ۋەلى ياقۇپ،  نىجات ۋەلى ياقۇپ — <<جاھان ئەينىكى>> بولۇپ قالدى. ئۇ ۋە باشقا  كەسپداشلارنىڭ زور تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە <<جاھان ئەينىكى>> پىروگراممىسى مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى بويىچە <<ئون مۇنەۋۋەر  پىروگرامما>>نىڭ بىرىگە ئايلاندى. بۇ، ئۇيغۇرچە چاستوتا پىروگراممىلىرىدىن  تۇنجى بولۇپ مەزكۇر شەرەپكە نائىل بولغان پىروگراممىدۇر.

خوش، نىجات ۋەلى ياقۇپنىڭ مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى  ئۇيغۇرچە چاستوتىسىدىكى كۈندىلىك ۋەزىپىسى <<جاھان ئەينىكى>> پىروگراممىسىغا رىياسەتچىلىك قىلىش بىلەنلا چەكلىنەمدۇ؟ ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس. ئۇ <<جۇڭگوغا نەزەر>>، <<ھەربىي ئىشلارغا نەزەر>> قاتارلىق  كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە ئەستايىدىللىق تەلەپ قىلىدىغان پىروگراممىلارغىمۇ  كەسپداشلىرى بىلەن نۆۋەتلىشىپ رىياسەتچىلىك قىلماقتا. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە  مۇخبىرلىق ۋەزىپىسىنىمۇ ئۈستىگە ئېلىپ، ئۆزى قاتناشقان پائالىيەتلەرنىڭ  رىياسەتچىلىكىنى قىلىش بىلەن بىرگە، دەل ۋاقتىدا چاستوتىمىز پىروگراممىلىرىنى  خەۋەر، ماقالىلىرى بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ. پات ئارىدا بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان  مەملىكەتلىك <<ئىككى يىغىن>> نىڭ مۇخبىرلىق ۋەزىپىسى ئۇنىڭ يەنە بىر  مۇھىم ۋەزىپىلىرىدىن بىرى. دېمەك، يۇقارقىلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، نىجات ۋەلى  ياقۇپنىڭ مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىدىكى خىزمىتىنىڭ ئۆزىلا جاپالىق خىزمەت. ئۇ بىر كۈنلۈك خىزمىتىنى ۋاقتىدا تۈگىتىپ، ياستۇقنى قىرلاپ يېتىپ تېلېۋىزور كۆرسىمۇ  ياكى دوست-بۇرادەرلىرى بىلەن كۆڭۈل ئاچسىمۇ تامامەن بولاتتى، خىزمەتچىلەرنىڭ كەسپىي  كېسىلى بويىچە پات-پات ئۇھ تارتىپ، خىزمەتنىڭ جاپالىق ئىكەنلىكىدىن ۋايساپ قويسىمۇ  بولاتتى، يالغاندىن ئىسپات چىقىرىپ، دوختۇرخانىلاردا 10-15 كۈن ياكى بىرەر ئاي  يېتىۋالسىمۇ بولاتتى. لېكىن خىزمەتنى سۆيۈش روھى، ئۆزىگە ۋە ئاڭلىغۇچىلارغا بولغان  يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئۇنى جاپاغا يېقىن، ھالاۋەتتىن يىراق قىلدى، ۋىجدانى  ساختىلىق بىلەن كۈن كەچۈرۈشكە، مائاشقىلا تايىنىدىغان ئەبگاھ ھېسسىياتقا قۇل  قىلمىدى. مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە چاستوتىسىنىڭ پىروگراممىلىرىغا  ھېلىھەم خۇددى يېڭىدىن خىزمەتكە قوبۇل قىلىنغاندەك ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ  رىياسەتچىلىك قىلىۋاتىدۇ. نىجات ۋەلى ياقۇپ يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان،  تەكلىپ بىلەن شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسىنىڭ <<ئىستېمال ۋە ساغلاملىق>>، <<ئېچىل داستىخېنىم>>، <<يېپەك يولى ساداسى>> قاتارلىق  پىروگراممىلىرى، ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيەسىنىڭ <<شادلىق ئاچقۇچى>> پىروگراممىسىدا بىز كۆپ تەرىپلەپ كېلىۋاتقان پەۋقۇلئاددە زور تالانتى بىلەن  بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئوبرازىنى يارىتىپ، تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىكى  سانسىزلىغان كۆرۈرمەننىڭ قەلب قېتىغا چوڭقۇر ئورناپ كەتتى. چولپانلىرىمىز  ئېكرانلاردىكى ئوبرازى ئارقىلىق خەلقىمىزگە تونۇلغان بولسا، ئۇ مەركەز رادىيوسى ۋە  شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسى، ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيەسىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى بىر-بىرىدىن يۇقىرى،  سەرخىل پىروگراممىلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ تونۇلدى. ئۇ ناخشىچى ئەمەس، ئاكتىيورمۇ  ئەمەس، لېكىن ئۇ خۇشئاۋاز رىياسەتچى. ئۇ قىسقىغىنە نەچچە يىلدا باشقىلار ئۆمۈرلۈك  ھاياتىدا ئاران دېگۈدەك ئېرىشىدىغان شەرەپنىڭ ئىگىسى بولدى.

ئۇ مەيلى قەيەرگە بارمىسۇن، ئەتراپى مەستانىلەرگە لىق تولدى. <<نىجات ۋەلى ياقۇپ شەھىرىمىزگە كەپتۇ>>، <<نىجات ۋەلى ياقۇپ  ناھىيەمىزگە كەپتۇ>>، <<نىجات ۋەلى ياقۇپ بىزنىڭ يېزىدا  ئىكەن>>... ھەممە ئۇ قەدەم باسقانلىكى جايدا ئۇنىڭ ھۆرمىتىنى قىلدى. ھەتتا  ماڭا: <<نىجات بىز تەرەپكە ئۆتكەن ھامان خەۋىرىنى بەرسىڭىز، بىر پىيالە چاي  قويۇۋالساق>> دېگۈچىلەر يېزا-قىشلاقلارغىچە بار.

لېكىن نىجاتچۇ؟ نەگىلا بارمىسۇن، ھۆرمىتىنى قىلغانلارغا لايىقىدا  ھۆرمەت، ئىززەت بىلدۈردى. قانداقتۇر <<مەن چولپانغۇ؟>> دەپ، بىر قىسىم  چولپانلاردەك چىرايىنى يۆگەپ، تومۇز ئىسسىقتا ئۈستى-ئۈستىلەپ چاپان كىيىۋالمىدى،  رەسىمگە چۈشۈۋالساق دەپ ئەتراپىغا ئولاشقانلارنى سىلكىپمۇ يۈرمىدى. <<بۇ  ئىززەت-ئېكرامنى خەلقىم ماڭا بەرگەن>> دېگەن ئەقىدىسى بىلەن نەگىلا بارمىسۇن،  تۆۋەنچىلىك بىلەن مۇئامىلىدە بولدى. يېشى ئۆزىدىن چوڭلار <<نىجات ۋەلى ياقۇپ  ئاكا>> دەپ چاقىرغىنىدا، <<مەن سىزنى ئاكا دېسەم بولىدۇ، مەن 30 ياشقىمۇ كىرمىدىم>> دېگەن چاقچىقى بىلەن ئارىدىكى ئوڭايسىزلىقنى كۈلكىگە  ئايلاندۇردى. ئەگەر ئۇ مۇشۇ يېشىدا ئېرىشكەن ھۆرمەتكە باشقا بىرى ئېرىشىپ قالغان  بولسىدى، ئىشتانغا پاتماي، باشقىلارنى قاقتى-سوقتا قىلىش ئويىدا بولاتتى، ئابرويىنى  تۇتام-تۇتام پۇللارغا تېگەشكەن بولاتتى.

ئۆزگىچە نۇتۇق قابىلىيىتىگە ئىگە، كۆپ كىتاب ئوقۇغان نىجات ۋەلى  ياقۇپ تۈرلۈك لېكسىيەلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، باشقىلارنى ئالداپ يۈرمىدى. دېمىسىمۇ  تۈزۈكرەك ئوقۇش تارىخىغىمۇ ئىگە ئەمەس، پىسخولوگىيەگە ئائىت تۆت-بەش پارچە  كىتابتىكى سۆزلەرنى ئۆزلەشتۈرۈپ، نەمۇ-نە زامانىۋى تىلەمچىلىك بىلەن  شۇغۇللىنىۋاتقان ئاتالمىش <<پىسخولوگ>>لار ساماندەك كۆپەيگەن  بۈگۈنكىدەك كۈنلەردە، نىجات ۋەلى ياقۇپمۇ لېكسىيە سۆزلەپ يۈرسە بازىرى ئىتتىك  بولاتتى. لېكىن ئۇ ھېسسىياتقا ئاسانلا بېرىلىدىغان كىشلىرىمىزنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ  قىلىشنى خالىمىدى. ئەقىدىسىگە مۇناسىپ ھالدا خىزمەتلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ،  ئاڭلىغۇچىلارنىڭ، تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە.

نىجات ۋەلى ياقۇپ مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ  پىروگراممىلىرى ۋە شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسى، ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيەسىنىڭ پىروگراممىلىرىدىن  باشقا، تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە رىياسەتچىلىك قىلىپ كەلمەكتە. تەشكىللىگۈچى ئورۇنلار،  شىركەتلەر، ساخاۋەت ئورۇنلىرى... نىجات ۋەلى ياقۇپنىڭ خېرىدارلىقىنى قىلىش بىلەن  ئالدىراش. ئۇ خالىغاننى رەت قىلىشقا تامامەن ھەقلىق ئىدى. لېكىن، ئۇ يەنىلا  ھۆرمەتكە ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلدى. قىسقىغىنە بىر-ئىككى سائەتلىك پائالىيەتلەر  ئۈچۈن ئۇيان-بۇيان چېپىپ يۈردى. ئەجىبا ئۇ ئازغىنە پۇل ئۈچۈن شۇنداق  قىلىۋاتقانمىدۇ؟ ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس. ئىدارىنىڭ تەمىناتى ۋە تەكلىپلىك  رىياسەتچىلىك ھەققى ئۇنىڭ ئۈچۈن يېتىپ ئاشاتتى. ئۇ پەقەتلا <<خېرىدارىڭ  بولمىسا، زىبالىقىڭ نە كېرەك>> دېگەندەك، باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ  كېلىۋاتىدۇ.

شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىدا تەكلىپلىك ئوقۇتقۇچى بولۇپ كېلىۋاتقان  نىجات ۋەلى ياقۇپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلماقتا. شىنجاڭ سەنئەت  ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى مۇھەببەت ئەزىز مۇنداق دەيدۇ: <<... ئۇنىڭ دەرس  خاتىرىسىنى ۋاراقلىغان چېغىمدىلا، ئۇنىڭ بۈگۈنكىدەك نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىنىڭ  ھەرگىزمۇ تەساددىپىي كېلىپ قالغان تەلەي ياكى پۇرسەت ئەمەسلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ  يەتتىم. چىرايلىق ھەم رەتلىك يېزىلغان خەتلەر، ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ ھەربىر قېتىملىق  تاپشۇرۇقىغا يېزىلغان پىكىر-تەكلىپ، باھا سۆزلىرىگە قاراپ تولىمۇ سۆيۈندۈم. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە پىروگرامما  باشقۇرۇشلىرى، دەرس ئارىلىقلىرىدا بولسا ئېرىنمەستىن ئۇلار بىلەن پىكىرلىشىشى،  مۇمكىنقەدەر ئۇلارغا ياخشىراق پۇرسەت يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، ھەر تەرەپلىمە  ئىزدىنىشلىرىدىن ئىچ-ئىچىمدىن خۇش بولاتتىم>>.

مانا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەنلىرىم بىز دائىم كۆرۈپ تۇرىدىغان،  خۇشخۇي، سۆزمەن، ئاڭلىغۇچىلار ياكى تاماشىبىنلار نەزىرىدىكى تالانت ئىگىسى نىجات  ۋەلى ياقۇپنىڭ دائىملىق خىزمىتى. ئۇنىڭ بۇنىڭدىن باشقا قىلىۋاتقان ئىشلىرىمۇ  چېچىدىن تولا. ئەجىبا ئۇ ھارمامدىغاندۇ؟

نىجات ۋەلى ياقۇپ ھازىر مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ  ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتىدۇ. يېقىندا ئۇ يەنە جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم  رايونلۇق كومىتېتىغا ئەزا بولدى. دېمەك، ئۇنىڭ ھايات مەنزىلىگە يېڭىچە مەنالار  قوشۇلماقتا. بىز ئەلۋەتتە ئۇنىڭ مۇشۇ يېشىدا قولغا كەلتۈرۈۋاتقان نەتىجىلىرىدىن  سۆيۈنىمىز، پەخىرلىنىمىز.

نىجات ۋەلى ياقۇپ سەھنىلەردىن ۋاقتىنچە ئايرىلدى، لېكىن كۆرۈرمەنلەر  بۇنىڭلىق بىلەنلا ئەمدى نىجات ۋەلى ياقۇپنى كۆرەلمەسمىزمۇ دېگەن ئەندىشىدە بولسا،  خاتالاشقان بولىدۇ. نىجات ۋەلى ياقۇپ يەنە داۋاملىق مەركىزىي خەلق رادىيو  ئىستانسىسىنىڭ <<جاھان ئەينىكى>>، <<جۇڭگوغا نەزەر>>، <<ھەربىي ئىشلارغا نەزەر>> پىروگراممىلىرى، ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيەسىنىڭ <<شادلىق ئاچقۇچى>> پىروگراممىسى، تۈرلۈك پائالىيەت، كېچىلىكلەر  ئارقىلىق كۆپچىلىك كۆنۈپ كەتكەن زوق-شوخلۇقى، سۆزگە ماھىرلىقى، يېقىشلىقى بىلەن  ئالدىمىزدا زاھىر بولىدۇ. يېڭىدىن يولغا قويۇلغۇسى پىروگراممىلار ئارقىلىق بىزنى  تۇيۇقسىزلا خۇش قىلىدۇ ھەم قىلغۇسى! نىجات ۋەلى ياقۇپ ھېچيەرگە كەتمىدى ھەم  كەتمەيدۇ!

Tags:

ئۈرۈمچى شەھىرىشىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىمەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنەقسۇنۇم (شۇ دەقىقىدە)يىپەك يولى ساداسى

🔥 Trending searches on Wiki ئۇيغۇر تىلى:

14 - نويابرئىبرانى تىلىئۇكرائىنائېرىك يۈەنئۇيغۇرلاردىكى نان مەدەنىيىتىئافغانىستانلىئوناردو دىساپرىئوئارفىيە ئابلەت (سىياسئىون)كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتىمىللەتپەرۋەرلىك توغرىسىداھىندىستانئەلىشىر نەۋائىياپونىيە1974 - يىلىKatolik diniۋەيران بولۇشيىللارغا جاۋاپتوك ئېقىمىگرېك تىلىروسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىسۇرە يۇنۇسغۇلجا شەھىرىShinjang Uyghur Aptonom Rayoniياۋروپا ئىتتىپاقىبىنەپشە رەڭھەمجىنىسلار1954لۇتپۇللا مۇتەللىپ5 - ئاۋغۇستئەنگلىيىلىكلەرفرانسىيىگە قاراشلىق پولىنېزىيەدانىيەكەبىسە يىلى1918 - يىلى1972 - يىلىنىئون گازىشەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىبىل كلىنتونۋىكىپېدىياغا سۈرەت يوللاشكاتالونىيەBombayتور جەمئىيىتىخونسيو ئارىلىلائوسئىنگلىز تىلىمۇقامئايەتۇللاھ ھامەينىمىكى25- قەھرىتانۋانادىيشىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىئىسلاندىيەБаш бәтزۇلۇچەبۇخارېست1949 - يىلىبەدەخشان ۋىلايىتى1964 - يىلىبېلگىيەئاستۇرىيە تىلىقىزىل رەڭموسكۋا🡆 More