مەركەز ئىسىم ① نەرسىلەرنىڭ ئەتراپىدىكى خالىغان بىر نۇقتا بىلەن بولغان ئارىلىقى ئۆزئارا تەڭ بولغان ئوتتۇرا نۇقتىسى؛ قاپ ئوتتۇرىسى: چەمبەر مەركىزى.
شار مەركىزى. ئېغىرلىق مەركىزى. مەركەزدىن قېچىش كۈچى. مەركەزگە ئىنتىلگۈچى كۈچ.
② ئاھالە ياشايدۇرغان جاينىڭ مەمۇرىي بىنالار، سودا ۋە مۇئەسسەسەلەر ئورۇنلاشقان ئاساسىي قىسمى: شەھەر مەركىزى. قىشلاق مەركىزى.
③ پايتەخت: بۇلتۇر ئەتىيازدا مەركەزدە مەخسۇس ئورمانچىلىق يىغىنى ئېچىلدى.
④ مەملىكەت ياكى ئۆلكەنىڭ سانائەت، مەدەنىيەت ياكى باشقا بىرەر ساھەسىدە ئاساسىي ئورۇن تۇتقان شەھىرى، ئاھالە ياشايدىغان يىرىك جايى: ئۈرۈمچى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت مەركىزى.
⑤ دۆلەت ياكى پارتىيىنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبەرلىك ئورگىنى: زالدا مەركەزنىڭ يەرلەرنى دېھقانلارغا كۆتۈرە بېرىش ھەققىدىكى ھۆججىتى ئاڭلىتىلدى.
⑥ بىرەر پائالىيەت ساھەسىدە ئاساسىي ئىش ئېلىپ بېرىلىدىغان جاي: تەتقىقات مەركىزى. تەرجىمە مەركىزى. خەۋەرلىشىش مەركىزى.
⑦ ئىش-ھەرىكەتنىڭ ئاساسىي ھالقىسى، تۈگۈنى: خىزمەتنىڭ مەركىزى. مەسىلىنىڭ مەركىزى.
⑧ ‹فىزىئو› نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئورگانىزمنىڭ بىرەر پائالىيىتىنى باشقۇرىدىغان مەلۇم گۇرۇپپىلىرى: ھەرىكەت مەركىزى. مەركەزدىن چىققۇچى نېرۋا;
ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لوغىتى
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article مەركەز, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.