دايتون كېلىشىمى، كرودىيە ئۇرۇشى ۋە بوسنىيە ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرغان كېلىشىمدۇر.
بوسنىيە ۋە ھېرسېگوۋىنا جۇمھۇرىيىتى دۆلەت رەئىسى ئالىيا ئىززەتبېگوۋىچ، يۇگوسلاۋىيە ڧېدېرال جۇمھۇرىيىتى دۆلەت رەئىسى سلوبودان مىلوسوۋېچ ۋە ۆرودىيە دۆلەت رەئىسى ڧرانيو تۇجمان تەرىپىدىن 1995- يىلى نويابردا ئا ق ش نىڭ ئوھايئو شىتاتىدىكى دايتون شەھرى يېقىنلىرىدا كېلىشىم ھاسل قىلىنغان ۋە 1995- يىلى 14- دېكابر كۈنى كېلىشىم رەسمىي ئىمزالانغان. بۇ كېلىشىمنىڭ ئارقىسىدىن 1996- يىلى رايونلارغا ش ئا ئە ت كۈچلىرى ئىبەرىلگەن. بۇ كېلىشىم بىلەن بوسنىيە ۋە ھېرسېگوۋىنا رايونلارغا بۆلۈنگەن ۋە دۆلەتنىڭ 49% نىڭ سىرپ جۇمھۇرىيىتى، 51% ىنى بوسنىيە ۋە ھېرسېگوۋىنا ڧېدراتسىيىسى (FBiH) كونترولىغا بېرىلگەنىدى. شۇنداقلا، شەرقى سلاۋونىيەنى كرودىيەنىڭ كونترول قىلىشىغا بېرىلگەن.
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article دايتون كېلىشىمى, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.