ج خ ج 7 - قېتىملىق مەملىكەتلىك نوپۇس تەكشۈرۈشى

UYGHURCHE, УЙҒУРЧӘ

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى يەتتىنچى قېتىملىق مەملىكەتلىك ئومۇميۈزلۈك نوپۇس تەكشۈرۈش (خەنچە:中华人民共和国第七次全国人口普查، كرىل ئۇيغۇر: Хитай Хәлқ Җумһурийити Йәттинчи Қетимлиқ Мәмликәтлик Омумйүзлүк Нoпус Тәкшүрүш) قىسقىچە يەتتىنچى قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈش. جۇڭگو خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى 2020 - يىلى ئېلىپ بارغان مەملىكەتلىك ئومۇمىيۈزلۈك نوپۇس ئېنىقلاش ۋە تىزىملاش خىزمىتى بولۇپ، 2010 - يىلى 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى يولغا قويۇلغان «مەملىكەتلىك نوپۇسنى تىزىملاش نىزامى» غا ئاساسەن، ھەر 10 يىلدا بىر قېتىم جۇڭگو خەلق جۇمھۇرىيىتى مىقياسىدا نوپۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 2021 - يىلى 5 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ئېلان قىلىنغان «يەتتىنچى قېتىملىق مەملىكەتلىك نوپۇس تەكشۈرۈش دوكلاتى» غا ئاساسلانغاندا، دۆلەتنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 1 مىليارد 443 مىليون 500 مىڭدۇر.

بۇ قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈش دەل 2020 - يىلى 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى سائەت 00:00 دە باشلىغان؛ نوپۇس تەكشۈرۈش ئوبيېكتى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدىكى تەبىئىي شەخسلەر ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى سىرتىدا، ئەمما مۇقىم ئولتۇراقلاشمىغان جۇڭگو پۇقرالىرى بولۇپ، بۇ جەرياندا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى سىرتىدا، چەتئەللەردە ۋاقىتلىق ئولتۇراقلاشقان تۇرغان چەتئەللىكلەر بۇنىڭ سىرتىدا. نوپۇس تەكشۈرۈش مەزمۇنى نوپۇس ۋە ئائىلىلەرنىڭ: ئىسمى، كىملىك نومۇرى، جىنسى، يېشى، مىللىتى، مەدەنىيەت سەۋىيىسى، كەسپى، ئوقىتى، ئاققۇن نوپۇس، نىكاھ ۋە تۇغۇت، ئۆلۈم، تۇرالغۇ قاتارلىق ئاساسلىق ئۇچۇرلىرى تەكشۈرۈلىدۇ.

تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، جۇڭگو نوپۇسنىڭ قېرىلىشىش مەسىلىسى تېخىمۇ ئېغىرلاشقان. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيروسى 2021 - يىلى 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى يىغىن چاقىرىپ، پىلانلىق تۇغۇت چەكلىمىسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۈچ بالىلىق سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلۇشى ماقۇللىغان ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن پىنسىيە يېشىنى كېچىكتۈرۈشنى قارار قىلغان.

مەنبە

Tags:

JXJ 7 - Qétimliq Memliketlik Nopus TekshürüshiХХҖ 7 - Қетимлиқ Мәмликәтлик Нoпус Тәкшүрүши

🔥 Trending searches on Wiki ئۇيغۇر تىلى:

يەھۇدىلارگوتېنبۇرگOttawaكىنشاسائاNisتىۋىتتېرلوس ئنجېلېشماۋزېدوڭFéniksنارۇتوجۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىياۋرۇ1799 - يىلى2011-يىلدىكى ياپونىيە يەر تەۋرەش ۋە دېڭىز تاشقىنىخاربىن شەھىرىئىۋان IVجەمال ئەبدۇنناسىرمىكىئۇيغۇرلاردىكى نان مەدەنىيىتىزەيد ئىبنى سابىتخېبېي ئۆلكىسىتورونتو ئۇنىۋېرستېتىنەجىب مەھفۇزئافغانىستانچىڭخەي ئۆلكىسىخۇبېي ئۆلكىسىخەنزۇ مىللىتىمىچىگان ئۇنىۋېرستېتىئاۋستىرالىيەشىمالىي مارىئانا فېدېراتسىيىسىبىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى13- فېۋرالمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامئەينەكمولبېدىنلى كېچياڭتارسۇسلۇق پاۋلۇسPoznanئەين جالۇت ئۇرۇشىگۇاڭجۇ شەھىرىتور (ئىنتېرنېت)بیلگیسايار مۈھەندیسلیغیۋېزۇۋىيلوندۇنجاكارتامونتەنەگروئابباسىيلارئەزىز ئەيسا ئەلكۈنماگرىت ساچىرBombayبىرلەشمە ئەرەب ئەمىرلىكلىرىماس قەدەملىك دۇنياۋىي سائەتتايلاندشى جىنپىڭياۋروپا ئىتتىپاقىБаш бәт1978 - يىلىسىچۈئەن ئۆلكىسىئالمۇتاغازجورج بۇشسوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقىسۇلايمان ئەلەيھىسسالامكۇممۇنىزمتاۋۇزBaltimorھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىتاڭ سۇلالىسىيامغۇرمېڭەتەدروس ئادخانومبىل كلىنتونغالجىرانە ھايۋاناتلار شەھىرىLoyizanna Shitatiلىبېرالىزىم🡆 More