جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى، سادىق كوممۇنىزم جەڭچىسى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىدىكى داڭدار رەھبىرى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر ئوغلانى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 7- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، سابىق دۆلەت كومىسسارى، 10- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يولداش ئىسمائىل ئەھمەد كېسەل سەۋەبىدىن، 2018- يىلى 10- ئاينىڭ 16- كۈنى سائەت 11 دىن 58 مىنۇت ئۆتكەندە بېيجىڭدا 84 يېشىدا ۋاپات بولدى.
يولداش ئىسمايىل ئەھمەدنىڭ كېسىلى ئېغىر بولۇۋاتقان مەزگىللەردە ۋە ۋاپات بولغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ، ﻟﻰ ﻛﯧﭽﻴﺎڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن، جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق يولداشلار دوختۇرخانىغا بېرىپ يوقلىدى ياكى تۈرلۈك شەكىللەر بىلەن يولداش ئىسمايىل ئەھمەدنىڭ ۋاپاتىغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈردى، ھەمدە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.شى جىنپىڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق يولداشلار باباۋشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا بېرىپ ۋىدالاشتى
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article ئىسمائىل ئەھمەد, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.