ئىستانبۇل تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى (تۈركچە: İstanbul Teknik Üniversitesi، ئىنگىلىزچە: Istanbul Technical University، ئادەتتە ITU ۋە ياكى İTÜ ئىسمى بىلەن بىلىنىدۇ ) تۈركىيەدىكى داڭلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدىن بىرىدۇر.
1773 - يىلى ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان بۇ بىلىم يۇرتى، يالغۇز تۈركىيەدىكى ئەڭ كونا ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدىن بولۇپلا قالماي، دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمىي ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدىن بىرىدۇر.
قۇرۇلغىنىدىن بېرى ، تەبئىي پەن ۋە ئىنژىنىرلىق ساھەسىدە مۇھىم رول ئويناپ كېلىۋاتقان ئىستانبۇل تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ، 1773 - يىلى ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھى مۇستاپا III تەرىپىدىن ، ھەربىي كېمىسازلىقنى راۋاجلاندۇرۇش مەقسىتىدە ئىمپىرىيە دېڭىز ئارمىيە ئىنژىنىرلىق مەكتىپى (ئوسمانلى تۈركچىسىدە:Mühendishane-i Bahr-i Hümayun) ئىسمى بىلەن ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان. 1845 - يىلىغا كەلگەندە ، بۇ مەكتەپ يالغۇز دېڭىزچىلىق تېخنىكا بىلىملىرى بىلەنلا قالماي ، باشقا تېخنىكا پەنلىرىگىچە كېڭەيگەن.
ئىستانبۇل تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ھازىر ئىنژىنىرلىق - قۇرۇلۇش كەسىپلىرىنى ئاساس قىلغان بىر سانائەت مەكتىپىدۇر. بۇ بىلىم يۇرتىنىڭ ماشىنىسازلىق، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى، ئۇچۇش ۋە ئالەم سانائىتى، ئېلىكتىر ئىنژىنىرلىقى، مۇزىكا سەنئىتى قاتارلىق كەسپلىرى تۈركىيە بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.
ئىستانبۇل تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى يالغۇز تەبئىي پەن ۋە ئىنژىنىرلىق ساھەسىدە مۇھىم ئەربابلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، تۈركىيە يېقىنقى زامان سىياسى تارىخىدىكى بەزى داڭلىق شەخسلەرنىڭمۇ ئانا مەكتىپى بولۇش شەرىپىنىمۇ قولدىن بەرمىگەن. تۈركىيە پرىزدېنتلىرىدىن تۇرغۇت ئۆزال، سۇلايمان دېمىرەل، نەجمەتتىن ئەرباقانلار بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئىدى.
Wiki Commons has media related to: Category:Istanbul Technical University |
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article ئىستانبۇل تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.