ئادىل ئىسلام 1956- يىلى 11- ئاينىڭ 2- كۈنى پەيزىۋاتتا تۇغۇلغان.
1959- يىلى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئۈرۈمچىگە كۆچۈپ چىققان. 1964- يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 20- باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەن. 1971- يىلىدىن 1973- يىلى 9- ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق تەجرىبە ئوتتورا مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1973-يىلى 10- ئايدىن 1976- يىلى 2- ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە كومىتېتى پۇتبول كوماندىسىدا تۇرغان. 1976- يىلى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئوتتۇرا تېخنىكومى قۇرالغان، شۇ سەۋەبلىك ياشلار كوماندىسى تارقىلىپ كەتكەن. ئاندىن كەسىپ ئالمىشىپ 1976- يىلى 3- ئايدىن 1984- يىلى 6- ئايغىچە شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانىسى تېخنىكا بۆلۈمىدە تېخنىك (ئۈنئالغۇچى) بولغان. 1984- يىلى 7- ئايدىن 1995- يىلى 8- ئايغىچە شىنجاڭ رادىيو كىنو تېلېۋىزىيە تەرجىمە مەركىزىدە تېخنىك بۆلۈم مەسئۇلى بولۇپ ئىشلىگەن. 1995- يىلى 9- ئايدا كېسەل سەۋەبى بىلەن دەم ئېلىشقا چىققان. 2003-يىلى سالامەتلىگى ياخشىلانغاندىن كېيىن، 2005- يىلىغىچە رادىيو كىنو تېلېۋىزىيە تەرجىمە مەركىزىدە تەكلىپ بىلەن فىلىم تەكشۈرۈشكە قاتناشقان. 2005- يىلىدىن 2013- يىلىغىچە، ئىدارە ئورگان تەشكىللىگەن سۈپەت تەكشۈرۈش مەركىزىدە مۇتەخەسسىسلەر فىلىم تەكشۈرۈش خىزمىتىگە قاتناشقان.
ئادىل ئىسلام 1984- يىلى7- ئايدا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن، شىنجاڭدىكى تۇنجى تېلېۋىزىيە تىياتىرى «ئۈچ ياش» فىلىمىنىڭ ئۈنئالغۇچىلىقىنى قىلغان. ھەم نۇرغۇن فىلىملەرنى ئاۋاز ئېلىش، تەقلىد ئاۋاز ئىشلەش، كىرىشتۈرۈش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان.
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article ئادىل ئىسلام, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.