ياۋروپا كونا تاش قورال دەۋرىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى مەدەنىيەت.
دەسلەپتە فرانسىيىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى سومما دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدىكى ئاببېۋىل شەھىرىدىن تېپىلغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. ياۋروپانىڭ غەربىي قىسمى، ئافرىقا، غەربىي ئاسىيا ئەتراپلىرىغا كەڭ تارقالغان بولۇپ، تەخمىنەن 400 مىڭ يىللاردىن تارتىپ 100 مىڭ يىللار ئىلگىرىكى ۋاقىتلارغىچە بولغان دەۋرگە توغرا كېلىدۇ. بۇرۇن ئۇ شېل مەدەنىيىتى دەپ ئاتالغان. كېيىن شېل خارابىلىرىدە قېپقالغان نەرسىلەرنىڭ ئاساسەن ئاشېل مەدەنىيىتىگە تەۋە ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان. شۇڭا ھازىرقى نامغا ئۆزگەرتىلگەن. تىپىك نەرسىسى ئۇرۇپ ياسالغان قوپال تاش پالتا بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 10 - 20 سانتىمېتىر كېلىدۇ. بىللە ياشىغان ھايۋاناتلار توپىدىن قەدىمكى پىل، چىپار كەركىدان، بېگېموت ۋە ماخايرول قاتارلىقلار بار.
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article ئاببېۋىل مەدەنىيىتى, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.