1 - يانۋار

1 - يانۋار، ياكى 1 - قەھرىتان ۋە ياكى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، مىلادى تەقۋىمغا كۆرە يىلنىڭ تۇنجى كۈنىدۇر.

دېكابريانۋارفېۋرال
1 2 3 4 5 6 7
8 9 10 11 12 13 14
15 16 17 18 19 20 21
22 23 24 25 26 27 28
29 30 31  

يىل سوڭىغا يەنە 364 ( (كەبىسە يىللاردا 365) كۈن باردۇر.

چوڭ ئىشلار

مىلادىدىن بۇرۇن

  • م.ب 4713 — جۇلىيان كۈنى رەسمىي باشلاندى.
  • م.ب 153 — رىم كونسۇلى رەسمىي يولغا قويۇلدى
  • م.ب 45 — جۇلىيان تەقۋىمى تۇنجى قېتىم قوللىنىشلىشقا باشلىدى. 16. ئەسرگىچە قوللىنىلغاندىن كېيىن ئورنىغا گرېگورىيان تەقۋىمى قوللىنىلىشقا باشلىغان.
  • م.ب 42 — رىم سېناتى كايسارنىڭ ئۆلىمىدىن كېيىن ئىلاھلاشتۇرما دەۋرىگە كىردى.

م.ك 1. مىڭيىل

  • 404 — تېلېماچۇس (Telemachus)، كولېزيۇم(Colosseum)دىكى بىر گلادىياتور سوقۇشىنى ئايرىماقچى بولغىنىدا خالايىق تەرىپىدىن تاش بوران قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلدى. ھونورىئوس ئۇنى خاتىرلەش ئۈچۈن سوقۇشلارنى چەكلىدى. بۇ سوقۇش ئاخىرىچقى گلادىئاتور سوقۇشى دەپ تارىخقا يېزىلغان.
  • 630 — ئىسلام پەيغەمبەرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككە شەھرىنى ڧەتىھ قىلدى.
  • 976 — جەنۇبىي تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىقى پادشاھى لى يۈ ئەسرگە تۈشتى، جەنۇبىي تاڭ سۇلالىسى گۇمران بولدى.
  • 990 — كىيېڧ رۇس كېنەزلىكى جۇلىيان تەقۋىمىنى ئىشلىتىشكە باشلىدى.

م.ك 2. مىڭيىل

  • 1001 — بۈيۈك ھونگىرىيە شاھزادىسى ستېڧىن I پاپا سىلىۋېستېر II تەرىپىدىن تۇنجى ھونگىر پادىشاھى ئېلان قىلىندى.
  • 1085 — ئەلنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئومۇمىي تەدبىرلىرى تەسنىڧ قىلىنپ تامام بولدى.
  • 1259 — سەيڧىددىن قۇتۇز مىسىر ھۆكۈمدارى مەنسۇر نۇرىددىن ئەل بىن ئايبېكنى تەخىتتىن تۈشۈردى.
  • 1438 — Albrecht II تاج كىيىپ ۋىنگېرىيە تەختىگە ئولتۇردى.
  • 1515 — ڧرانچىئوس 1 (Francis I) ڧرانسىيەدە تەختكە چىقتى.
  • 1788 — لوندوننىڭ ئەڭ كوھنە گېزىتى The Times ئېلان قىلىنشقا باشلىدى.
  • 1801 — پارپا پلانىت كېرېس گۇسېپ پىئاززى (Ceres Giuseppe Piazzi) تەرپىدىن بايقالدى.
  • 1804 — فرانسىيەنىڭ ھايتىدىكى ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشتى.
  • 1808 — ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىغا قۇل كىرىشى چەكلەندى.
  • 1891 — جازاتوپ، بۈيۈك بېرىتانىيەدىكى ستوك سىتى-نوتتس (Stoke City-Notts) مۇسابىقىلىرىدىكى تالاش-تارتىشلار يۈزىدىن قائىدەلەر كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن.
  • 1899 — كۇبادا ئىسپان ھاكىمىيتى ئاخىرلاشتى.
  • 1901 — ئاۋىسترالىيە قۇرۇلدى. ئاۋىسترالىيە مۇستەملىكە ڧېدراتسسىيىسى، ئون يىللىق بىر پلاننىڭ ئارقىسىدىن، سايلا، سايلىنىش، ۋەكىللىك قىلىش ھەق-ھۇقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىرتانىيە پادىشاھلىقى قارمىقىدا، ئاۋىسترالىيە پادىشاھلىق دۆلىتى قۇرۇلدى. تۇنجى باشۋەكىلى ئەدموند بارتون (Edmund Barton) ئېرۇر.
  • 1901 — نىگېرىيە بۈيۈك بېرىتانىيەنىڭ ھىمايىسىگە كىردى.
  • 1901 — پېنتاكوستالىزىم (Pentecostalism) مەزھىبى، كانساس شىتاتىنىڭ مەركىزى شەھىرى توپېكادىكى Bethel Bible College مەكتىبىدە تۇنجى دىنىي مۇراسىمى بىلەن قۇرۇلغان بولدى.
  • 1923 — تۈركىيەنىڭ تۇنجى ڧۇتبول ئۇيۇشمىسى بولمىش تۈرك ئىدمان (مەشق) جەمئىيەتلەر ئىتتىپاقى (بۇگۈنكى تۈركىيە پۇتبول ئۇيۇشمىسى) قۇرۇلدى.
  • 1925 — ئامېرىكىلىق ئاسترونوم ئەدېىن ھۇببل (Edwin Hubble)، سامانيولىدىن باشقا يۇلتۇز سېستىمىلىرىنىڭمۇ بايقالغانلىقىنى جاكارلىدى.
  • 1926 — تۈن يېرىمىدىن كېيىن خەلقئارالىق تەقۋىم ۋە سائەت قوللىنىلىشقا باشلاندى.
  • 1929 — تۈركىيەدە خەلق مەكتەبلىرى ئېچىلدى.
  • 1929 — ئاناتولىيە تۆمۈريولى لېنيىسى بىلەن ھەيدەرپاشا ئىستانسىغا باغلاندى.
  • 1934 — Alcatraz ئارىلى، ئا ق ش نىڭ بىر تۈرمىسى ھالىغا كەلتۈرۈلدى.
  • 1939 — ئاۋىسترالىيەنىڭ سېدنىي شەھرىدە ھاۋا °45C قا چىقتى. بۇ بۇ شەھەردە بىر رېكورتتۇر.
  • 1945 — ڧرانسىيە ب د تغا قوبۇل قىلىندى.
  • 1949 — ھېندونوزىيەدە گوللاندىيەلىك ئەسكەرلەر جاۋا (Java) نى قولغا كىرگۈزدى،
  • 1956 — سۇدان مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت بولغانلىقى ئېلان قىلدى.
  • 1958 — ياۋروپا ئىقتىسادىي گەۋدىسى قۇرۇلدى.
  • 1959 — كۇبا ئىنقىلابى غەلبە قىلدى. دىكتاتور ڧۇلگېنچيو باتىستا (Fulgencio Batista) يېڭى يىلنىڭ تۇنجى سائەتلىرىدە ھاۋانادىن قاچتى. كامىلو سىيەنڧۇېگوس (Camilo Cienfuegos) ۋە چې گۇېۋارا (Che Guevara) رەھبەرلىكىدىكى پارتىزان ئەترەتلەر ھاۋاناغا كىرىشكە باشلىدى. پۈتكۈل كۇبادا ئىشچىلەر ۋە دېھقانلار ڧىدېل كاستېرو (Fidel Castro) نىڭ چاقىرىقىغا قۇلاق سېلىپ ئومۇمىيۈزلۈك ئىش نامايىش باشلاندى.
  • 1960 — كامېرۇن ب د ت باشقۇرۇشىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىللىقىنى قازاندى.
  • 1960 — تۇنجى مېترولوگىيە سۈنئىي ھەمراسى 'تىروس' (Tiros) ئا ق ش تەرىپىدىن يوللاندى.
  • 1965 — ڧەلەستىن ئازاتلىق تەشكىلاتى ئىچىدە يەر ئالغان ئەل ڧەتىھ (El Fetih)، تۇنجى قۇراللىق ھەركىتىنى سادىر قىلدى. ئەھمەس ئەمر مۇسا رەھبەرلىكىدىكى پارتىزان ئەترەتلەر، ئىسرائىل ئىشغال قىلغان غەربىي شەرىئا رايونىغا كىرىپ، بىر كۆۋرۈكنى پارتىلاتتى.
  • 1967 — ئانادول ماركىلىق تۇنجى تۈرك ئاپتوموبىلى بازارغا كىردى.
  • 1970 — خەلقئارالىق سائەت 00:00:00 UTC/GMT قوللىنىلىشقا باشلاندى.
  • 1971 — ئا ق ش تېلېۋىزىيىسىدە تاماكا ئېلانى چەكلەندى.
  • 1973 — بۈيۈك بېرىتانىيە، ئىرلاندىيە ۋە دانىيە ياۋرۇپا ئىقتىسادىي گەۋدىسىگە ئەزا بولدى.
  • 1974 — ئىسرائىلىيىدە ئېلىب بېرىلغان سايلامدا گولدا مېئىر رەھبەرلىكىدىكى ئىسرائىل ئىشچىلار پارتىيىسى قازاندى.
  • 1978 — ھىندىستان ھاۋايوللىرىغا تەۋە Boeing 747 تىپلىق يولۇچىلار ئۇچارى، بومباي ئاسمىنىدا ھاۋادا پارتىلاپ دېڭىزغا تۈشتى، 213 كىشى ئۆلدى.
  • 1979 — ج خ ج بىلەن ئا ق ش ئارىسىدا دېپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر باشلىدى.
  • 1981 — گرېتسىيە ياۋرۇپا ئىقتىسادىي گەۋدىسىگە قەبۇل قىلىندى.
  • 1984 — برۇنېي مۇستەقىل بولدى.
  • 1984 — نىگېرىيەدە گېنېرال مۇھەممەد بۇخارىي قان تۆكمەي سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىپ ھوقۇقنى قولغا ئالدى.
  • 1990 — داۋىد دىنكىنس (David Dinkins)، نيو يوركنىڭ تۇنجى قارا تەنلىك شەھەر باشلىقى بولۇپ سايلاندى.
  • 1990 — رۇئاندا ئىچكى ئۇرۇشى باشلىدى.
  • 1992 — شەنگەن كېلىشىمى ئىجرا قىلىندى.
  • 1993 — چېخ-سلوۋاكىيە پارچىلاندى. سلوۋاكىيە ۋە چېخ جۇمھۇرىيەتلىرى قۇرۇلدى.
  • 1994 — NAFTA (شىمالىي ئامېرىكا ئەللىرى ئەركىن تىجارەت كېلىشىمى) ئىجرا قىلىندى.
  • 1994 — مېكسىكانىڭ كىياپاس ئۆلكىسىدىكى ئىندىئانلار، مىللىي ئازادلىق ئۈچۈن زاپاتىستا مىللىي ئازادلىق ئارمىيىسى رەھبەرلىكىدە قوزغىلىپ رايوننىڭ ھاكىمىيىتىنى قولغا كىرگۈزدى.
  • 1995 — دۇنيا سودا تەشكىلاتى قۇرۇلدى.
  • شىۋېتسيە، ئاۋىستىرىيە ۋە ڧىنلاندىيە ياۋروپا ئىتتىڧاقىغا ئەزا بولدى.
  • 1996 — تاموژنا بىرلىكى كېلىشىمى تۈركىيەدە رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىنىپ تۈركىيە ۋە 15 ياۋروپا دۆلىتى ئارىسىدا كۈچكە ئىگە بولدى.
  • 1997 — زائىرە دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولدى.
  • 1998 — ياۋروپا مەركەز بانكاسى قۇرۇلدى.
  • 1999 — ياۋروپا پۇل بىرلىكى ياۋرو قوللىنىلىشقا باشلىدى. (ئەنگىلىيە، دانىيە، شۋېتسىيە ۋە گرېتسيە\يۇنانىستان سىرتىدا)

م.ك 2. مىڭيىل

  • 2002گوللاندىيەدە ئازاپسىز ئۆلۈم (ئۆتەنازى)نى قانۇنىيلاشتۇرىدىغان قارار قەبۇل قىلىندى. گوللاندىيە ئۆلۈم گردابىدىكى كېسەللەرگە ئۆلۈم تاللاش ھۇقۇقى بەرگەن تۇنجى دۆلەت بولۇپ قالدى.
  • 2002تەيۋەن، دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولدى.
  • 2002 — ياۋرونىڭ قەغەز ېە تەڭگە پۇللىرى ياۋرۇپا ئىتتىڧاقى ئەللىرىدە قوللىنىشقا باشلىدى.
  • 2005 — تۈرك لىراسى(TL)دىن 6 نۆل ئېلىپ تاشلاندى، يېڭى تۈرك لىراسى (YTL) قوللىنىلىشقا باشلىدى.
  • 2007بۇلغارىيە ۋە رومانىيە، رەسمىي ياۋروپا ئىتتىڧاقى ئەزاسى بولدى. سلوۋانىيە ياۋرو رايونىغا كىرگۈزۈلدى.
  • 2007 — ھېندونوزىيە Adam Air ھاۋايوللىرىغا تەۋە AA574 نۆۋەتلىك Boeing 737 تىپلىق يولۇچىلار ئۇچارى سۇلاۋەسى ئارىلىنىڭ تاغلىق رايونىدا تۈشۈپ كەتتى. ئۇچاردا 102 كىشى بار ئىدى.
  • 2008مالتا، قىبرىس جۇمھۇرىيىتى، ئاگروتۇر ۋە دىكېلىيا ياۋرو قوللىنىشقا باشلىدى.
  • 2009تايلاندنىڭ پايتەختى بانكوكتا ئۆتكۈزۈلگەن يېڭى يىل قۇتلاشتا چىققان يانغىندا كەمىدە 61 (66؟) كىشى ئۆلدى.
  • 2009ئاۋىستىرىيە، ياپونىيە، مېكسىكا، تۈركىيە ۋە ئۇگاندا، ب د ت خەۋىپسىزلىك كېڭىشى ئۈستىلىدە ۋاقىتلىق ئەزا سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.
  • 2009ياۋرو قوللىنىشقا باشلىغان سلوۋاكىيە، ياۋرو رايونىنىڭ 16- ئەزاسى بولدى.
  • 2010پاكىستاننىڭ لاككى مەرۋەت شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن پۇتبول مۇسابىقىسىدە يۈز بەرگەن ئۆزىنى پارتىلىتىش ۋەقەسىدە 105 كىشى ئۆلدى، 100 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى.
  • 2010سلوۋاكىيە ياۋرو رايونىغا كىرگۈزۈلدى.
  • 2010ئىسپانىيە ياۋروپا ئىتتىڧاقى كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكىنى شىۋىتسيەدىن تاپشۇرۇۋالدى.
  • 2010ھىندى ئوكيان ساماسىدا كۈن تۇتۇلۇش كۆرۈلدى.
  • 2011مىسىرنىڭ ئىسكەندەرىيە شەھرىدىكى قىبتىي خەلقىنىڭ يېڭى يىل قۇتلاش پائالىيىتىدە يۈز بەرگەن پاتىلاشتا 23 كىشى ئۆلدى
  • 2011ئېستونىيە ياۋرو رايونىغا كىرگۈزۈلدى.
  • 2011ئېستونىيەنىڭ تاللىنن ۋە ڧىنلاندىيەنىڭ تۇركۇ شەھەرلىرى بىر يىللىق ياۋروپا مەدەنىيەت پايتەختى بولدى.
  • 2011ھونگىرىيە، ياۋروپا ئىتتىڧاقى نۆۋەتلىك رەئىسلىكىنى ئۆتكۈزۋالدى.
  • 2014لېتونىيە بۇ كۈن ياۋرو قوللىنىشقا باشلىدى ۋە ياۋرو رايونىغا كىرگۈزىلدى.
  • 2014شىۋېتسىيە ئۇمېئا، لېتونىيەنىڭ رىگا شەھەرلىرى ياۋروپا مەدەنىيەت پايتەختى بولدى.
  • 2015لىتۋانىيە، ياۋرو رايونىنىڭ 19. ئەزاسى بولدى.
  • 2017ئىستانبۇل بوغازىغا جايلاشقان REINA كېچە كۇلۇبىدا سائەت 1:15 تا قۇراللىق ھۇجۇم تېرورلۇق ۋەقەسى يۈز بەردى. 39 ئادەم ئۆلدى، 70 يېقىن ئادەم يارالاندى. بۇ قېتىمقى تېرور قىلمىشنى دائىش ئۈستىگە ئالدى.
  • 2017 - مالتا سلوۋاكىيە نامىدىن ياۋروپا بىرلىكى يىللىق باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئالدى.

توغۇلغانلار

ئۆلگەنلەر

بايرام، ئۆرپ-ئادەت

1. ئاينىڭ 1. كۈنى يېڭى يىل بايرىمى ياكى يىل بېشى

Tags:

1 - يانۋار چوڭ ئىشلار1 - يانۋار توغۇلغانلار1 - يانۋار ئۆلگەنلەر1 - يانۋار بايرام، ئۆرپ-ئادەت1 - يانۋاركەبىسە يىلىمىلادى تەقۋىم

🔥 Trending searches on Wiki ئۇيغۇر تىلى:

دۇبەي (شەھەر)بېيجىڭ شەھىرىقۇيرۇقلۇق يۇلتۇزمەمتىمىن ئەلاكاربونيېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس كېسىلى(كوۋىد-19 كېسىلى)ئىبنى سىرىنئالتۇنقىرىم ئۇرۇشىدۇبائىۋەھىمە2011 - يىلىئايەت ئەلكۇرسى1928 - يىلىچوڭ تىل مودىلىئارگېنتىناكۇبارىم گىلادىئاتورلار مەيدانىئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىXampishirشۋېتسىيەفرىزانچەلوندونڧرانسۇز تىلىمالايسىيائېسپېرانتوبوسنىيە ۋە ھېرسېگوۋىناChaghantoqay nahiyisiلوس ئنجېلېشTorontoسىپرۇستامىل تىلى1966 - يىلىجوۋ شىڭچىبىئولوگىيەئامېرىكا دولىرىشىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمۇستاپا كامال ئاتاتۈركسامانيولى سىستىمېسىسوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقىجەنۇبىي ئامېرىكاHebe Camargoقرىم تاتار تىلىروسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى2020 - يىلىئىتالىيەشىمالىي قۇتۇپ ئېيىقىشىفىرلىق پۇللار تىزىملىكىتەمرى ھىندىقاشتېشىسېرېرا2021 - يىلىPutbolHyustonFacebookج.ۋىللارد گىببسئىشىكگەنسۇ ئۆلكىسى1965 - يىلىبيكاتشوياماگاتا ناھىيىسىئابدۇقادىر داموللائاۋستىرىيەگەۋدەۋىكىپېدىيەتبىلىسىئېستونىيە1797 - يىلىچاغاتاي خانلىقىئابباسىيلارئاپرېل1924 - يىلىبىرلەشمە ئەرەب ئەمىرلىكلىرىئىسىم قويۇش ئادىتى🡆 More