12- ئۆكتەبىر

12 - ئۆكتەبىر مىلادى تەقۋىم بويىچە بىر يىلنىڭ 285 - (كەبىسە يىللاردا 286 -) كۈنىدۇر.

ئۆكتەبىر
يەك دۈي سەي چار پەي جۇم شەنبە
1
2 3 4 5 6 7 8
9 10 11 12 13 14 15
16 17 18 19 20 21 22
23 24 25 26 27 28 29
30 31

يىل ئاخىرىغا قەدەر يەنە 80 كۈن باردۇر.

ھادىسەلەر

  • م.ب 539 – ئاخامەنىد ھۆكۈمدارى بۈيۈك كىيرۇس بابىلنى قولغا كىرگۈزدى.
  • 633 – خاتفىلد قوغلاشما جېڭى: نورسۇمبىيە قرالى ئېدۋىن مەرسىيالىق پەندا ۋە گۋنىدلىق كادۋاللون رەھبەرلىكىدىكى ئىتتىپاق تەرىپىدىن مەغلۇب قىلىندى ۋە ئۆلتۈرۈلدى.
  • 680 – كەربەلا ئۇرۇشى ئىمام ھۈسەيىن بىن ئەلى بىن ئەبى تالىبنىڭ ئائىلىسى ھەمدە دوستلىرىنى بىلەن بىرگە قەتىل قىلىنىشى بىلەن ئاخىرلاشتى.
  • 1279 – بۇددىزىم مەزھەبلىرىدىن نىچىرىن شوشۇ ياپۇنىيەدە قۇرۇلدى.
  • 1398 – ساليانس ئەھدىنامىسى بىلەن لىتۋانىيە، ساموگىتىيانى تېئۇتون چەۋەندازلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى.
  • 1406 – چېن يەنشياڭ، تارىختا چاۋشىيەن خان جەمەتىنى زىيارەت قىلغانلىقى بىلىنگەن ھىندونىزىيەلىك كورىيەگە يېتىپ كەلگەن، ئۇ تۆرت ئاي بۇرۇن جاۋا ئارىلىدىن يولغا چىققان.
  • 1492 – ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ بايقىلىشى: كرىستوف كولۇمبو كارىپلارغا يېتىپ بارغان. لېكىن شەرقىي ھىندىستان ئاراللىرىغا كەلدىم، دەپ قالغان.
  • 1596 – ھونگىرىيەدىكى ئەگرى قەلئەسى ئوسمانلىلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن.
  • 1654 – نېدىرلاندىيەنىڭ دەلفت شەھرىدە بىر پۇرۇخ ئىسكىلاتى پارتىلىدى؛ ئۆلگەنلەر 100 دىن كۆپ، يارىدارلار 1000 دىن كۆپ.
  • 1692 – سالەم جادىگەر سوتلىرى ماسساچۇستېس ۋالىيسى ۋىللىيام فىپىسنىڭ ئەمرى بىلەن ئاخىرلاشقان.
  • 1822 – پېدرو ئۆزىنى برازىلىيە ئىمپېراتورى جاكارلىغان.
  • 1847 – گېرمان سانائەتچى ۋەرنەر ۋون سىمەنس سىمەنس شىركىتىنى قورغان.
  • 1917 – بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى: بىلگىيەنىڭ يپرېس شەھرى يېقىنلىرىدا 1. پاسچەندائېل ئۇرۇشىدا مۇستارد گازى (قىچا زەھەرلىك گازى) تۇنجى قېتىم قوللىنىلدى ۋە بىر كۈندە 20 مىڭ ئەسكەر ئۆلدى.
  • 1925مۇستافا كامال ئاتاتۈرك، ئىزمىردە مانېۋرلارنى كۆرگەندىن كېيىن ئارمىيەنىڭ تۈرك توپراقلىرىنى قوغداشقا ھازىر دېگەن.
  • 1928 – سۈنئىي نەپەس ئۈسكىنىسى تۇنجى بار بوستوندىكى بىر بالىلار دوختۇرخانىسىدا قوللىنىلغان.
  • 1944ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى: ئافېنادىكى ناتسېست گېرمانىيەنىڭ ئىشغالى ئاخىرلاشتى.
  • 1937 - خوجىنىياز ھاجى قاتارلىقلار شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى.
  • 1962 - ئا ق ش نىڭ غەربىي شىمالىدا قارا بوران: 46 كىشى ئۆلدى.
  • 1968 - 19. قېتىملىق ياز ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى مېكسىكودا باشلىدى.
  • 1968 - ئېكۋاتور گۋېنىيىسى ئىسپانىيەدىن مۇستەقىل بولدى.
  • 1991 - سوۋېت ئىتتىپاقى رەئىسى گورباچوف ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بىرگە دۆلەت كومىتېتى يىغىنىدا ك گ ب نى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قارار قىلىندى.
  • 1999 - پەرۋەز مۇشەررەف، پاكىستاندا قان تۆكمەي سياسىي ئۆزگىرىش بىلەن ھاكىمىيەتنى قولغا ئالدى.
  • 2000 - يەمەننىڭ ئادەن پورتىدا بىر ئامېرىكان بۇزغۇنچى كېمىسىدە پارتىلاش يۈز بېرىپ 17 ئامېرىكان ئەسكىرى ئۆلدى.
  • 2002 - ھىندونېزىيەنىڭ ساياھەت ئارىلى بالىدا تىقمۇتىق ئادەم تولغان بىر دېسكۇغا قارىتىلغان بومبالىق ھۇجۇمدا كۆپچىلىكى چەتئەللىك 202 كىشى ئۆلدى، 300 دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان.
  • 2002 - ب د ت تەرىپىدىن خەلىقئارالىق تەبىئىي ئاپەتلەرنى ئازايتىش كۈنى جاكارلاندى.
  • 2003 - بېلىرۇسىيەدىكى بىر نېرۋا كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدا 30 كىشى ئۆلدى.
  • 2005 - خىتاينىڭ ئىككىنچى ئادەملىك ئالەم قاتنىشى بولغان شېنجوۋ 6 قۇيۇپ بېرىلدى ۋە 5 كۈن بويىچە ئوربېتادا قالدى.
  • 2006 - فرانسىيەدە سوتسىيالىست پارتىيە تەرىپىدىن سۇنۇلغان «ئەرمەنىي قەتلىئامىنى ئىنكار قىلىش گۇناھ سانالسۇن» دېگەن قانۇن تەكلىپى، فرانسىيە پارلامېنتىدە 19 غا قارشى 106 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىنغان.
  • 2006 - نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى يازغۇچى ئوخان پامۇكقا بېرىلدى.
  • 2006 - ئىسرائىلىيە - لىۋان ئۇرۇشىدا ب د ت تىنچلىق قۇۋۋەتلىرى قاتارىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان 261 تۈرك قۇراللىق قۇۋۋەتلىرى قۇرۇقلۇق ئەسكەرلىرى لىۋانغا قاراپ يولغا چىققان.

توغۇلغانلار

  • 1008 - ياپۇنىيە تېننۇسى گو ئىچىجو (ئۆ. 1036)
  • 1240 - چېن شېڭ زوڭ (Trần Thánh Tông)، ۋېتنام پادىشاھى (ئۆ. 1290)
  • 1350 - دمىترى دونسكوي، موسكۋا بۈيۈك كىنەزى ۋە ۋلادىمىر بۈيۈك شاھزادىسى (ئۆ. 1389)
  • 1490 - بەرناردو پىسانو، ئىتاليان ناخشىچى، شائىر ۋە راھىب (ئۆ. 1548)
  • 1533 - ئاساكۇرا يوشىكاگې، ياپۇن ھۆكۈمدارى (ئۆ. 1573)
  • 1537 - ئېدۋارد VI, ئەنگىلىيە ۋە ئىرلاندىيە قرالى (ئۆ. 1553)
  • 1798 - پېدرو I، برازىلىيە ئىمپېراتورى (ئۆ. 1834)
  • 1865 - ئارتۇر ھاردېن، ئىنگىلىز خېمىك (ئۆ. 1940)
  • 1866 - رامساي ماكدونالد، برىتانىيەلىك سىياسىيون ۋە بىرلەشمە پادىشاھلىقنىڭ باش مېنىستېرى (ئۆ. 1937)
  • 1920 - رەھا ئوغۇز تۈركقان، تۈرك قانۇنشۇناس، تارىخچى، يازغۇچى ۋە تۈركولوگ (ئۆ. 2010)

ئۆلگەنلەر

تەتىل ۋە ئالاھىيدە كۈنلەر

Tags:

12- ئۆكتەبىر ھادىسەلەر12- ئۆكتەبىر توغۇلغانلار12- ئۆكتەبىر ئۆلگەنلەر12- ئۆكتەبىر تەتىل ۋە ئالاھىيدە كۈنلەر12- ئۆكتەبىركەبىسە يىلىمىلادى تەقۋىم

🔥 Trending searches on Wiki ئۇيغۇر تىلى:

1804ئىسلام دىنىشەنبەبېلورۇسسىيە1937 - يىلىبەھرەينتوك بانكىسىخەنزۇ تىلىيادرو دۆلىتىئاپرېلقىرغىز مىللىتىنورۋېگىيە11- ھۇد2007 - يىلىئافرىقائەپلاتونسۈنئى ئىدىراكقاھىرەتارىخخەنزۇ مىللىتىئۈچلۈك تەڭرىئىتتىپاقداش دۆلەتلەرتۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىئائىلە جەمئىيەتشۇناسلىقىئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە مەمتىلى تەۋپىق تۇغۇلغانلىقىنىڭ يۈز ئون يىللىق خاتىرىسىگەقىزىل دېڭىزيەر شارىگېرمانىيەئۇدمۇرتىيە2013 - يىلىتۈركىيە جۇمھۇرىيىتىقاراخانىيلار خانلىقىشىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىئىقتىسادچىلار (ئىقتىسادشۇناسلار)رومان تىلىئۇيغۇر تىلىBarsélonaئالما شىركىتىئىلخەتۋىكىپېدىيەنېمىس تىلىئىراقئىراق تۈركمەن قىرغىنچىلىقى1952 - يىلى28- ئۈمىدتبىلىسىمۇزىكاسەئۇدى ئەرەبىستانقىزىل رەڭShinjang Uyghur Aptonom Rayoniئايەتۇللاھ ھامەينىمارشال پىلانىئىسرائىلىيەتانزانىيەنېمىسلارنىگېرىيە1968 - يىلىقۇللۇق تۈزۈم1976 - يىلىتۇنىسقەشقەر شەھىرىFlorénsaچېخ جۇمھۇرىيەتىئىسساك نيوتۇنكاربون25- ئۆكتەبىرلىۋانتاۋار ماركىسى1995 - يىلى2002 - يىلىدومىنىكان جۇمھۇرىيەتىدوھائەھمىدى نىجات🡆 More