ۋېن جياباۋ 1942-يىلى 9-ئايدا تىيەنجىن شەھىرىدە تۇغۇلغان .1965-يىلى 4-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى گە كىرگەن ، 1967-يىلى 9-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان ،بېيجىڭ گېئولوگىيە ئىنستىتۇتى گېئولوگىيىلىك قۇرۇلما كەسپىنى پۈتتۈرگەن ، ئۇقۇش تارىخى ئاسپىرانىت ئۇنۋانى ئىنژىنىر .
ئۇ ئىلگىرى گوۋۇيۈەننىڭ باشلىقى ، پارتگۇرپپىسىنىڭ سېكىرتارى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان.
|
|
1979-يىلىدىن 1981-يىلىغىچە گەنسۇ ئۆلكىلىك گېئولوگىيە ئىدارىسىدا مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى ، ئىنژىنىر بولغان .1981-يىلىدىن 1982-يىلىغىچە گەنسۇ ئۆلكىلىك گېئولوگىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان .1982-يىلىدىن 1983-يىلىغىچە گېئولوگىيە - كان مەھسۇلاتلىرى مىنىستىرلىكى سىياسەت ، قانۇن - نىزام تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان .1983-يىلىدىن 1985-يىلىغىچە گېئولوگىيە - كان مەھسۇلاتلىرى مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى ، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن سېكىرتارى ، قوشۇمچە سىياسىي بۆلۈمنىڭ مۇدىرى بولغان .1985-يىلىدىن 1986-يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت غوجىدار ئىشخانىسىىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان .
1986-يىلىدىن 1987-يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت غوجىدار ئىشخانىسىىنىڭ مۇدىرى بولغان .
1987-يىلىدىن 1992-يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت پۈتۈكچىلىك باشقارمىسىنىڭ كاندىدات سېكىرتارى ، قوشۇمچە مەركىزىي كومىتېت غوجىدار ئىشخانىسىىنىڭ مۇدىرى ، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ سېكىرتارى بولغان .1992-يىلىدىن 1993-يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ كاندىدات ئەزاسى ، مەركىزىي كومىتېت پۈتۈكچىلىك باشقارمىسىنىڭ سېكىرتارى ، مەركىزىي كومىتېت غوجىدار ئىشخانىسىىنىڭ مۇدىرى ، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ سېكىرتارى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن .
1993-يىلىدىن 1997-يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ كاندىدات ئەزاسى ، مەركىزىي كومىتېت پۈتۈكچىلىك باشقارمىسىنىڭ سېكىرتارى بولغان .1997-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى ، مەركىزىي كومىتېت پۈتۈكچىلىك باشقارمىسىنىڭ سېكىرتارى بولغان .1998-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى ، مەركىزىي كومىتېت پۈتۈكچىلىك باشقارمىسىنىڭ سېكىرتارى ، گوۋۇيۈەن مۇئاۋىن زۇڭلىلىرى ، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى ، مەركىزىي كومىتېت پۇل مۇئامىلە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ سېكىرتارى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن .2002-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، گوۋۇيۈەن مۇئاۋىن زۇڭلىلىرى ، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى ، مەركىزىي كومىتېت پۇل مۇئامىلە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ سېكىرتارى 2003-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى 2012-يىلى ، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ، پارتگۇرپپىسىنىڭ سېكىرتارى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.(1)
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article ۋېن جياباۋ, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.