ۋاڭ تيېمىڭ

ۋاڭ تيېمىڭ، ئەر، مانجۇ، 1961-يىلى 9-ئايدا تۇغۇلغان، لياۋنىڭ بېيجېندىن، مەركىزىي پارتىيە مەكتەپ ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ئالىي ئىقتىسادچى، 1984-يىلى 8-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1985-يىلى 12-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيەسىگە كىرگەن.

1984.02-1992.06 لياۋنىڭ ئۆلكىسى جىنجۇ شەھەرلىك ئاشلىق مەكتىپى ئوقۇغۇچىلار بۆلۈمىنىڭ خادىمى، مۇئاۋىن باشلىقى، ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بۆلۈم باشلىقى بولغان؛

1992.06-1996.11 لياۋنىڭ ئۆلكىسى جىنشى (خۇلۇداۋ) شەھەرلىك شەھەر قۇرۇلۇشى ئۇنىۋېرسال تەرەققىيات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان؛

1996.11-2001.04 لياۋنىڭ ئۆلكىسى خۇلۇداۋ شەھەرلىك شەھەر قۇرۇلۇشى ئۇنىۋېرسال تەرەققىيات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى (مۇئاۋىن ناھىيە دەرىجىلىك) بولغان؛

2001.04-2001.12 لياۋنىڭ ئۆلكىسى خۇلۇداۋ شەھەرلىك قۇرۇلۇش كومىتېتى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى، شەھەرلىك شەھەر قۇرۇلۇشى ئۇنىۋېرسال تەرەققىيات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان؛

2001.12-2002.2 لياۋنىڭ ئۆلكىسى خۇلۇداۋ شەھەرلىك قۇرۇلۇش كومىتېتى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان؛

2002.02-2004.11 لياۋنىڭ ئۆلكىسى خۇلۇداۋ شەھەرلىك شەھەر-يېزىلارنى پىلانلاپ قۇرۇش كومىتېتى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان؛

2004.11-2009.11 لياۋنىڭ ئۆلكىسى خۇلۇداۋ شەھەرلىك شەھەر-يېزىلارنى پىلانلاپ قۇرۇش كومىتېتى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان؛

2009.11-2010.08 لياۋنىڭ ئۆلكىسى خۇلۇداۋ شەھەرلىك شەھەر-يېزىلارنى پىلانلاپ قۇرۇش كومىتېتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان؛

2010.08-2010.09 لياۋنىڭ ئۆلكىسى خۇلۇداۋ شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى كومىتېتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىرى قوشۇمچە شەھەر ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجرا قىلىش تارماق ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولغان؛

2010.09-2012.02 خەينەن ئۆلكىسى سەنيا شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى (باشقارما دەرىجىلىك)، شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسى پارتگۇرۇپپىسىنڭ ئەزاسى بولغان؛

2012.02-2016.11 خەينەن ئۆلكىسى سەنيا شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى بولغان؛

2016.11-2017.02 خەينەن ئۆلكىسى سەنيا شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولغان؛

2017.02-2019.01 خەينەن ئۆلكىسى سەنيا شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، شەھەرلىك پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى (قوشۇمچە) بولغان؛

2019.01 خەينەن ئۆلكىسى سەنيا شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولغان.

موللاق ئېتىشى

خەينەن ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا خەينەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى، سەنيا شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ۋاڭ تيېمىڭنىڭ (王铁明) ئىنتىزام ۋە قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.

تەكشۈرۈشتە ئېنىقلىنىشىچە، ۋاڭ تيېمىڭ سىياسىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشى بىلەن قارشىلاشقان، باشقىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ زاڭ ماللارنى يۆتكەپ يوشۇرغان، ماركىسىزم، لېنىنىزم ئىدىيەسىگە ئىشەنمەي، جىن-ئەرۋاھلارغا ئىشىنىپ، كۆپ قېتىم فېئودال خۇراپاتلىق پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھى ۋە پاكلىق ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئۆزىگە ئالاھىدە تەمىنات كۆزلىگەن ۋە باشقۇرۇش مۇلازىمەت قىلىش ئوبيېكتىنىڭ ئۆيىنى ئارىيەت ئېلىپ ئىشلەتكەن؛ تەشكىلىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، ئۆزىگە ئالاقىدار ئىشلارنى ئەينەن دوكلات قىلمىغان؛ خىزمەت ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتا سۇسلۇق قىلغان، قانۇنغا خىلاپ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ قانۇنلۇق رەسمىيەتلەرگە ئېرىشىۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان؛ دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئۆزىگە بىر قانچە نوپۇس سالاھىيىتى بېجىرگەن؛ ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ھۆددىگە بېرىش، مەمۇرىي جەھەتتە تەستىقلاش قاتارلىق جەھەتلەردە باشقىلارغا نەپ يەتكۈزۈپ، زور مىقداردا پارا ئالغان.

ۋاڭ تيېمىڭ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتى بىلەن، غايە ۋە ئېتىقادىنى يوقاتقان، پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەتنىڭ قانۇنلىرىغا سەل قاراپ، سىياسىيدا ئاينىپ كەتكەن، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئاچكۆزلەشكەن، تۇرمۇشتا چىرىكلەشكەن، ھۆكۈمەت ھوقۇقىنى ھوقۇق-پۇل سودىسىنىڭ تارازا تېشىغا ئايلاندۇرىۋالغان، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن مەنپەئەت «ۋاكالەتچىسى»نى يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، ئۆزى بىخەتەر دەپ قارىغان «مۇداپىئە تېمى»نى ياساپ چىققان، قىلمىشى پارتىيە ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپ بولۇپ، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشنى شەكىللەندۈرگەن ھەمدە پارا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىلغان، يەنە كېلىپ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ ئۆزىنى تارتمىغان، قول ئۈزمىگەن، قىلمىشلىرىنىڭ خاراكتېرى ئېغىر، تەسىرى ناچار بولۇپ، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىشقا تېگىشلىك. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رېۋىزىيە قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېت يىغىندا تەتقىق قىلىش ۋە ئۆلكىلىك پارتكومغا تەستىقلىتىش ئارقىلىق، ۋاڭ تيېمىڭگە پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىشنى قارار قىلدى، ئۆلكىلىك رېۋىزىيە كومىتېتى خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىشنى قارار قىلدى؛ ئىنتىزام ۋە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ ئېرىشكەن تاپاۋەتلىرى يىغىۋېلىنىدۇ ۋە داۋاملىق ئىز قوغلاپ يىغىۋېلىنىدۇ؛ جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ، دېلوغا چېتىشلىق مال-مۈلۈك دېلو بىلەن بىرلىكتە يۆتكەپ بېرىلىدۇ.

Tags:

🔥 Trending searches on Wiki ئۇيغۇر تىلى:

Baltimorستار وورزكامالا خارىس7- فېۋرالمانچېستېر ئۇنىۋېرستېتى1- فېۋرالبىرلەشمە ئەرەب ئەمىرلىكلىرىشاكىلاتTéksas Shitati1951 - يىلىسىتالىن5- فېۋرالشىمالىي مۇز ئوكيانئايفۇنتۈرك مىللىتى ۋە تۇران1977پروتېستانت دىنىچاي ئىچمەكنىڭ بايانىﺟﯘﯕﮕﻮ - ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰشى جىنپىڭھىلاكوخانسايراگۈل ساۋۇتبايھىندىستان2003ج ك پپېرۇئامېرىكا دولىرى1923مىخايىل مىشۇستىنDérbiWi-Fiئوترارقوڭۇر رەڭلىك1979AC مىلاننۆۋەتتىكى ھادىسەئاتلانتىك ئوكيانئىمام ئەلغازالىيبراتىسلاۋاشىئەلەريېڭى زېلاندىيەمايكېل جېكسۇن2008 - يىلىكارتونكالىفورنىيە شىتاتىتويوتاخەلقئارا ئىسلام كېڭىشى تەشكىلاتىيوسېڧ ستالىندېڭ شياۋپېڭئالېكساندىر IIموللا مۇسا سايرامىئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىشىزاڭ بۆكىنكاۋاپفىزىكاشىفىرلىق پۇللار تىزىملىكىگۇگېلستىفېن ۋىليام خاۋكىڭۋىلادىمىر پۇتىنپاراگۋاي3- فېۋرالISO 3166-1ۋەلىيۇللاھ دىھلەۋىينانو تېخنىكىسىبېربېرلارHanoférفىرئەۋىنئۈمىد (ئىسرائىلىيە مىللىي مارشى)غازچاقماقگېستاپومالتاكەبىسە يىلى🡆 More