ھېسابلاش ماشىنىسى

كومپيۇتېر ــــ (Computer) كۆپ مىقداردىكى ئارىفمېتىكىلىق ۋە لوگىكىلىق ھېسابلاشلارنى ئاپتوماتىك، تېز سۈرئەتتە بېجىرىدىغان ئېلىكترونلۇق ئۈسكۈنە.

دۇنيادىكى ئەڭ دەسلەپكە كوميۇتېر ENIAC 1946-يىلى دۇنياغا كەلگەندىن بۇيان، كومپيۇتېر تېخنىكىسى ئۇچقاندەك تېز تەرەققىي قىلىپ تۆت تەرەققىيات دەۋرىنى باشتىن كەچۈردى. بۇ تەرەققىيات دەۋرلىرى كومپيۇتېرنىڭ لوگىكىلىق توك يولى زاپچاسلىرىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئاساسەن ئايرىلغان بولۇپ، زاپچاسلارنىڭ ھەر بىر قېتىم يېڭىلىنىشى كومپيۇتېرنىڭ يېڭى بىر ئەۋلادىنىڭ دۇنياغا كېلىشىگە سەۋەپ بولدى. بۇ تۆت ئەۋلاد كومپيۇتېر: ئېلىكترون لامپىلىق، كرىستال لامپىلىق، توپلاشتۇرۇلغان توك يوللۇق ۋە زور كۆلەمدىكى توپلاشتۇرۇلغان توك يوللۇق كومپيۇتېرلاردىن ئىبارەت.

بىرىنچى ئەۋلاد كومپيۇتېردىن تۆتىنچى ئەۋلاد كومپيۇتېرغىچە ئۆزگىرىش بولمىغان تەرەپ ئۇلارنىڭ سىستېما قۇرۇلمىسىدۇر، يەنى بۇ تۆت ئەۋلاد كومپيۇتېرنىڭ سىستېما قۇرۇلمىسى ئوخشاش بولۇپ، ھەممىسى ھېسابلىغۇچ، كونتروللىغۇچ، ساقلىغۇچ، كىرگۈزۈش ئۈسكۈنىسى ۋە چىقىرىش ئۈسكۈنىسى قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپقان J. Von Neumann سىستېما قۇرۇلمىسىدۇر.

باشقا ئېلىكترون مەھسۇلاتلىرىغا ئوخشاشلا كومپيۇتېرنىڭ تۈرىمۇ ناھايىتى كۆپ. كومپيۇتېرنىڭ تۈرلەرگە ئايرىلىشى ئۇنىڭ توك يولىنىڭ توپلاشتۇرۇلۇش دەرىجىسى، ھەجمى، باھاسى، ھېسابلاش سۈرئىتى، ئىقتىدارى ۋە ئىشلىتىلىش ئورنى قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، ئۇلارنى تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلىمۇ ئوخشاش ئەمەس. ھازىر بىر قەدەر كۆپ ئىشلىتىلىۋاتقان تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل:

1. لايىھىلەش مۇددىئاسى ۋە ئىشلىتىلىش ئورنىغا قاراپ ھەممىباب كومپيۇتېر ۋە كەسپى كومپيۇتېر دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ.

2. كۆلىمى ۋە ئىقتىدارىغا قاراپ غايەت زور تىپلىق، چوڭ تىپلىق، ئوتتۇراھال تىپلىق، كىچىك تىپلىق ۋە مىكرو تىپلىق كومپيۇتېر دەپ بەش تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

غايەت زور تىپلىق كومپيۇتېرنىڭ تەننەرقى ناھايىتى يۇقۇرى بولۇپ، ئالەم قاتناش تېخنىكىسى، يادرو سانائىتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ھېسابلاش ۋاقتى، سۈرئىتى ۋە ساقلاش سىغىمى قاتارلىق تەرەپلەردىكى يۇقۇرى تەلەپلەرنى قاندۇرۇش ئۈچۈن لايىھىلىنىپ ياسىلىدۇ.

چوڭ ۋە ئوتتۇراھال تىپلىق كومپيۇتېرلار ھېسابلاش ۋە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش مىقدارى كۆپ، ئالاقىلىشىش تەلىپى يۇقۇرى بولغان ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن لايىھىلەنگەن. چوڭ ۋە ئوتتۇراھال تىپلىق كومپيۇتېرلار كۆپ خىل سىرتقى ئۈسكۈنىلەر ۋە يۇقۇرى ئىقتىدارلىق يۇمشاق ماتېرىيال سىستېمىسى بىلەن ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.

كىچىك تىپلىق كومپيۇتېرلار بىلەن مىكرو تىپلىق كومپيۇتېرلارنىڭ ئارىسىدىكى پەرق بارغانسىرى يوقالماقتا. نۆۋەتتە كىچىك تىپلىق كومپيۇتېر پەقەت سۈرئەت، ساقلاش سىغىمى ۋە يۇمشاق ماتېرىيال سىستېمىسىنىڭ مۇكەممەللىكى تەرەپلىرىدە بىر قەدەر ئىلغار ئورۇندا تۇرسىمۇ، مىكرو تىپلىق كومپيۇتېرنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ كىچىك تىپتىكى كومپيۇتېرنىڭ ئورنىنى ئاخىرىدا مىكرو تىپلىق كومپيۇتېرنىڭ ئىگىلىشى تۇرغان گەپ.

نۆۋەتتە كومپيۇتېر مەھسۇلاتلىرى غايەت زور تىپلىق كومپيۇتېر ۋە مىكرو تىپلىق كومپيۇتېردىن ئىبارەت ئىككى قۇتۇپقا قاراپ تەرەققىي قىلماقتا. ئالدىنقىسى بىر دۆلەتنىڭ پەن تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ سەۋىيىسىنى ئەكس ئەتتۈرسە، كېيىنكىسى بىر دۆلەتنىڭ كومپيۇتېرنى قوللىنىش سەۋىيىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

مەنبە: «كومپيۇتېر مەشغۇلات تېخنىكىسى» ناملىق كىتاپ.

Tags:

🔥 Trending searches on Wiki ئۇيغۇر تىلى:

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىتوكيوھىندى دىنىئەزەربەيجان تىلىتاڭ تەيزوڭئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىسەلىپنىڭ شەرققە يۈرۈش قىلىشىئىسا ئەلەيھىسسالامھايۋاناتسوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقىChikagoتارىخئېلىزابېت IIقۇددۇس غوجامياروفيېڭى دېھلىبىتخوۋىنمەھمۇد كاشغەرىيسەدىچىن سېپىلىئىبراھىمىي دىنلەرئاللاھFlorida Shitatiشەرقىي جەنۇبىي ئاسىياشافىئىي مەزھىپىنەجىب مەھفۇزئالمۇتالەھىستانArkanzas Shtatiپرىنسېتون ئۇنىۋېرستېتىكىيىۋ ئۇرۇشى (2022)جىن سۇلالىسى2001دىسنېي شىركىتىمولبېدىنئۆكتەبرسوپىزم (تەسەۋۋۇپ)پراگاسېنت ليۇسىيەفرانسىيەبىنەپشە رەڭخۇبېي ئۆلكىسىلىبېرالىزىمﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻥ ﺑﻮﻧﺎﭘﺎﺭﺕJenwePlimowtلېسوتوشاڭخەي شەھىرىيوتىيۇبئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىبۇلغارىيەغالجىرانە ھايۋاناتلار شەھىرىئاۋكادۇرشىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىھەدىسگوللاندىيەئىپارخانسانائەت ئىلمىقۇياشماساھىرو شوگائ‍ىتوۋېزۇۋىيFéniksDrézdénقۇرتۇلۇش مارشىماجار تىلىÉnsklopédiye2020 ئامېرىكا ئەلبېشىلىق سايلىمىBakuشىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىمالايالامچە2011-يىلدىكى ياپونىيە يەر تەۋرەش ۋە دېڭىز تاشقىنىBombayئامېرىكا دولىرىۋىتامىن Kئوكلاخوما شىتاتى🡆 More