ھۈسەين ئبنى خەلەف ئەلكاشغەرىي (الشيخ الامام الزھد الحسيىن بن خلف الكشغرى)، تولۇق ئىسمى ھۈسەين ئىبنى ئەلى ئىبنى خەلەف ئىبنى جىبرىل ئىبنى خەلىل ئىبنى سالىھ ئىبنى مۇھەممەد، كۈنيىتى ئەبۇ ئابدۇللاھ، لەقەبى ئەلفەزلدۇر.
ھىجرى 480 / مىلادى 1087 - يىلدىن كېيىن قايتىش بولغان ئەسلى كاشغەرلىك، قاراخانىيلار دەۋرىدە ئۆتكەن ئالىم، بۈيۈك تىلشۇناس مەھمۇد كاشغەرىي (ھ. 398 – 498 / م. 1008 – 1105) نىڭ ئۇستازى، «ئەلئەلمەئىي»، «ئەلفەزل» دەپ نام ئالغان بولۇپ، 120 دىن ئارتۇق ئەسەر قالدۇرغان مۇھەددىس زاتتۇر.
مەھمۇد كاشغەرىي ئۇنىڭدىن، ئۇ ئىبنۇلغەرقىيدىن، ئۇ ئىبنى ئەبىددۇنيادىن تۆۋەندىكى ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان:
يقول اللە جل و عز ان لى جندا سميتھم الترك و اسكنتھم المشرق فادا غزيبت على قوم سلتتھم عليھيم
"قۇدرەتلىك ۋە ئۇلۇغ تەڭرى (ئاللاھ) ئېيتىدۇ: ‹مېنىڭ بىر تائىپە قوشۇنىم بار، ئۇلارنى "تۈرك" دەپ ئاتىدىم. ئۇلارنى كۈنچىقىشقا ئورۇنلاشتۇردۇم. بىرەر قەۋمگە غەزەپلەنسەم، تۈركلەرنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئەۋەتىمەن"
ئىمام سەمئانىي ئۇ كىشى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلھەمىد ئەلئەبدىي ئەلمەرۋەزىي: ‹ئەلكاشغەرىي ھەدىس توقۇيتتى. ئۇنىڭ ئوغلى (ئەبۇل فۇتۇھ) ئابدۇلغافىر (ئۆ. ھ. 466 / م. 1073) ئاتىسىنىڭ بۇ قىلمىشىنى ئەيىبلەيتتى. ئاتىسى ئوغلىدىن كېيىن 10 يىل ئۆمۈر كۆرگەن. ئۇ ئەلفەزل دەپ ئاتىلاتتى› دېگەن».
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article ھۈسەين ئىبنى خەلەف ئەلكاشغەرىي, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.