ھىسار قەدىمىي شەھىرى تاجىكىستاننىڭ پايتەختى دۈشەنبە شەھىرىگە 26 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا بولۇپ، تاجىكىستان ھۆكۈمىتى 1982 – يىلى بۇ جاينى ‹‹تارىخىي مەدەنىيەت مىراسى›› دەپ بېكىتكەن.
ھىسار قەدىمىي شەھىرىنىڭ دائىرىسى 86 گېكتار بولۇپ، تۆت چاسا شەكلىدە، ئىچىدە ھىسار قورغىنى، قورغاننىڭ ئەگمە ئىشىكى، كارۋان سارىيى، مەسچىت، مەدىرىس، چوڭ مەيدان، مەخدۇم ئەزەم مەقبەرىسى قاتارلىق تارىخى ئىزنالار بار. ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ جايدا مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3 – 4 – ئەسىرلەردىلا ئىنسانلار ئولتۇراقلىشىپ، ئوتتۇرا ئەسىردىن باشلاپ ‹‹شەھەر›› ئاتالغان، شۇنداقلا قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى ۋە تۈرلىرى مول مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئوتتۇرا شەرق رايونىدا نامى چىققان سودا مەركىزىگە ئايلانغان. تاجىكلارنىڭ ئەجدادلىرى دەل مۇشۇ ماكاندا ياشىغان بولۇپ، بۇ يەردىكى سودىگەرلەر تۇلپار، قوش لوكىلىق تۆگە سودىسى ۋە دەڭ ئېچىش بىلەن داڭق چىقارغان. 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بۇ شەھەرمۇ زاۋاللىققا يۈزلەنگەن.
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article ھىسار قەدىمى شەھەر خارابىسى, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.