ھوقۇق ۋە نوپۇز

ئاپتۇرى: زىيا گۆكئالپ (تۈركىيە)

تۈركچىدىن ئۆزلەشتۈرگۈچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن ھەبىيبۇللاھ مەتقۇربان

تۈنۈگۈن يەنە يوچۇن بىر پەيلاسۇپ بىلەن چىنار ئاستىدا بىرگە ئولتۇرۇپ قالدۇق. ئۇنىڭدىن مۇنداق سورىدىم:

− ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قورالى بولغان تەبەسسۇمنى چېھرىمىزدىن قايسى كۈچ ئوغرىلاپ كەتتى؟

− فرانسۇزچە «ئوتورىتە» دەيدىغان بىر سۆز بار. بۇ سۆزنى بىر قىسىم كىشىلەر (مەجبۇرلاش) مەنىسىدە «نوپۇز» دەپ تەرجىمە قىلسا، بىر قىسىم كىشىلەر (ئىگىدارچىلىق قىلىش، ھىمايە قىلىش) مەنىسىدە «ھوقۇق» دەپ تەرجىمە قىلىۋاتىدۇ. چۈنكى ئوتورىتە ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. بىر تۈرىگە بىز ھۆرمەت ۋە مۇھەببەت بىلەن بويسۇنىمىز. بۇ «ھوقۇق» مەنىسىدىكى ئوتورىتەدۇر. يەنە بىر خىل ئوتورىتەگە قورقۇپ، سەسكىنىپ تۇرۇپ بويسۇنىمىز. بۇ بولسا «نوپۇز»دۇر.

ئەخلاقشۇناسلار بىلەن ئىنقىلابچىلار پەقەت «ھوقۇق»نىلا ھەققانىي ۋە توغرا دەپ قارايدۇ. بۇلارغا نىسبەتەن «نوپۇز» ناھەق ھەم خاتا بولۇپ، يوقىتىلىشى زۆرۈر بولغان بىر كۈچتۇر.

ئىنسانلار «توتېم ئېتىقادى» دەۋرىدە پەقەت ھوقۇقلا مەۋجۇت بولۇپ، نوپۇز يوق ئىدى. قەبىلە ئاقساقىلى ئادەتتىكى بىر شەخس سۈپىتىدە ھېچقانداق كۈچى بولمىغان بىر خىزمەتچى، ئەمما كۆپچىلىكنىڭ باشلىقى ھېسابلىناتتى. ئاۋستىرالىيەدىكى ياۋايى قەبىلىلىرىدە مۇشۇنداق ئەھۋالنى ئۇچرىتىمىز.

شىمالىي ئامېرىكىنىڭ غەرب تەرەپلىرىدە (يەنى Tilnekt، Hayda ۋە Govaliyutl) دېگەن مىللەتلەردە قەبىلىنىڭ توتېمى قەبىلە ئاقساقىلى تەرىپىدىن مەجبۇرىي تارتىۋېلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن توتېم خۇسۇسىيلىشىپ، ھۆكۈمرانلىق كوللېكتىپتىن شەخسنىڭ قولىغا ئۆتىدۇ. يەنى «خۇسۇسىي مۇستەبىتلىك» «ھوقۇق خەلقكە مەنسۇپ» بولۇشنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ. «مىلىتارستلىق» مانا مۇشۇ ۋاقىتتا باشلىنىدۇ.

مىلىتارست ئالدى بىلەن ئۆز قەبىلىسىنى، ئاندىن ئۆز قەبىلىسىگە قاراشلىق پۈتۈن ئايماقلارنى، ئاندىن كېيىن باشقا ئۇرۇقداش قەبىلىلەرنىمۇ چاڭگىلىغا كىرگۈزۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا پۈتۈن سۇلالىنى ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئالىدۇ.

جەمەت ئۇرۇقداشلىقىنى مىسالغا ئالساق، بىر جەمەت كىشىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆز ئۇرۇقدىشىنىڭ نوپۇزى ئاستىغا كىرىدۇ. ئۇرۇقداشلىقنىڭ بىر تۈرىدە جەمەت باشلىقى بولغان كىشى بارلىق ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنى، ئۆز بالىلىرى بىلەن ئايالىنى نوپۇزى ئاستىغا ئالىدۇ. بۇ دېگەنلىك، ئۇ بۇلارنى ئۆلتۈرۈش ۋە سېتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ. بۇ خىل ئائىلە تۈرى «ئاتا ھۆكۈمران ئائىلە» دەپ ئاتىلىدۇ.

ئاخىرىدا بىر جەمەت ئاقساقىلى باشقا پۈتۈن جەمەت ۋە شەھەرلەرنى «نوپۇز»ى ئاستىغا يىغىپ، «سۇلتان» دەپ ئاتىلىدۇ.

مانا، كىشىلەرنىڭ مەنىۋىيىتىگە ئۈزلۈكسىز بېسىم پەيدا قىلىپ، كۆڭۈللىرىدىن خۇشاللىقنى، چېھرىلىرىدىن تەبەسسۇمنى ئوغرىلىغىنى دەل مۇشۇ نوپۇزلۇق كىشىلەردۇر.

بۇندىن كېيىن بۇ نوپۇزلۇق كىشىلەر پەقەت سىياسىي ساھەگىلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. دىن بولسا ئەڭ يېقىملىق روھقا ئەڭ ساپ خۇشاللىق ئاتا قىلىدىغان بىر ئورگان بولۇپ، دىنغا قارىغۇلارچە چوقۇنۇش ۋە كونسېرۋاتىپلىق سىڭىپ كىرگەندە دىنمۇ مەجبۇرلاش كۈچىگە ئىگە بولىدۇ.

ئەخلاقمۇ نادان تەربىيەچى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قولىدا مەجبۇرلاش كۈچىگە ئىگە بىر نوپۇز ھالىتىگە ئۆتىدۇ. ئىقتىسادنى مەركەز قىلغان بۇ ھايات ھازىرچە كاپىتالىستلارنى، كەلگۈسىدە ئىشچىلارنى نوپۇزغا ئىگە قىلىدۇ. گېزىتخانىلارمۇ بەزىدە تەھدىت سېلىش ئارقىلىق نوپۇز ساھىبى بولۇشقا ئۇرۇنىدۇ.

يىغىپ ئېيتقاندا، بىچارە ئىنسانلار مەيلى ئائىلىدە، مەيلى جەمئىيەتتە بىر مۇنچىلىغان نوپۇزلۇق شەخسلەرنىڭ بېسىمى ئاستىدا ئېزىلىدۇ. مانا مۇشۇ نوپۇزلار كۆڭۈللەردىكى خۇشاللىقنىڭ، چېھرىلەردىكى تەبەسسۇمنىڭ دۈشمىنىدۇر. بىر مىللەتنى مىللەت قىلىپ تۇرغان ئىنسانلار ئىچىدە قايتىدىن تەبەسسۇم پەيدا قىلىش ئۈچۈن مۇشۇنداق نوپۇزلارنى يوقىتىش كېرەك.

− ھوقۇق ھۆرمەت ئېڭىنى ئويغاتقىنىغا قارىغاندا ئۇنىڭمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە نوپۇز سالاھيىتى بار، دېگەن گەپ. چۈنكى ھۆرمەت ئېڭى ئۈستىدە ئويلانغىنىمىزدا، بۇنىڭ سۆيگۈ بىلەن قورقۇنچتىن بارلىققا كەلگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟

− قورقۇنچ ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرىنچىسىنى دادىمىزدىن قورقۇشقا، ئىككىنچىسىنى يىلاندىن قورقۇشقا ئوخشاتساق بولىدۇ. ئەلۋەتتە دادىدىن قورقۇش يىلاندىن قورققانغا ئوخشىمايدۇ. بىزنىڭ دادىمىزدىن قورقۇشىمىز، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشىدىن مەھرۇم قېلىشتىن ئەنسىرىگەنلىكىمىزدىندۇر. قارىغۇلارچە چوقۇنغۇچىلارنى قوشمىغاندا، بۇ بەئەينى بىزنىڭ ئاللاھتىن قورقۇشىمىزغا ئوخشايدۇ. چۈنكى بىزنىڭ ئاللاھتىن قورقۇشىمىزمۇ ئۇنىڭ مۇھەببىتى ۋە ھىمايىسىدىن مەھرۇم قېلىش ئەندىشىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.

بىرى بىر بالىدىن:

ئاللاھتىن قورقامسەن ياكى يىلاندىنمۇ؟ دەپ سوراپتۇ. ئەقىللىق بالا:

ئاللاھتىن قورقىمەن، يىلاندىنمۇ قورقىمەن، دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.

دېمەك، بۇ بالىغا نىسبەتەن قورقۇش بىلەن ئەندىكىشنىڭ مەنىسى ئوخشاش.

ھوقۇق بىلەن نوپۇزمۇ بەئەينى مۇشۇنىڭغا ئوخشايدۇ. ھوقۇقنى ھەم ياخشى كۆرىمىز، ھەم قورقىمىز. نوپۇزدىن بولسا ئەندىكىمىز ۋە نەپرەتلىنىمىز.

− بۇ سۆزلىرىڭىزدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، دۆلەتنىڭ ھەر قانداق ئىدارە – ئورگانلىرىدىن نوپۇزنى يوق قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ھوقۇق بەرپا قىلىش كېرەك. ھوقۇق ئەركىنلىكنى چەكلەپ، تەھدىت پەيدا قىلماسمۇ؟ نېمىشقا ھوقۇقنى پايدىلىق دەپ قارايسىز؟

− ھوقۇق دېگىنىمىز، بىز ئەركىنلىكىمىزگە پۈتۈنلەي ئىگە بولغىنىمىزدا ھۆرمەت قىلىدىغان كوللېكتىپ بىر كۈچتۇر. ئەمما ھوقۇق ئەركىنلىكىمىزگە قىلچىلىك دەخلى – تەرۈز قىلغان ھامان سالاھىيىتى ئۆزگىرىپ، نوپۇز ھالىتىگە ئۆتكەن بولىدۇ.

بۇنداق بولغاندا، ئەركىنلىككە قارشى بىر ھوقۇقنىڭ سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. ھوقۇق بولمىغان جەمئىيەتتە ئىنتىزاممۇ بولمايدۇ. ئەركىنلىك بولمىسا تەرەققىياتمۇ بولمايدۇ.

ئەمدى ئايدىڭلاشتىكى، تۈركلەردە شاد – خۇراملىق ۋە تەبەسسۇمنى قايتىدىن جانلاندۇرىدىغان ئامىللار نوپۇزسىز ھوقۇق ۋە مۇئەييەن غايىگە ئىگە ئەركىنلكتۇر. چۈنكى شاد – خۇراملىق ۋە تەبەسسۇمنىڭ بىر مەنبەسى غايىلىك بولۇشتۇر. بۇنى كېيىنكى سۆھبىتىمىزدە ئورتاقلىشىمىز.

مەنبە: زىيا گۆكئالپنىڭ «چىنار ئاستى يازمىلىرى» ناملىق كىتابى، ئۆتۈكەن نەشىرىياتى



ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى

Tags:

🔥 Trending searches on Wiki ئۇيغۇر تىلى:

تۈركىستان كېچىلىرى (رومان)قازاقىستانتاڭ تەيزوڭشىمالىي مارىئانا فېدېراتسىيىسىئىستانبۇلفۇجيەن ئۆلكىسىسىچۈئەن ئۆلكىسىتىشرىن ئۇنىۋېرسىتېتىئاممىۋى ساھەئىۋان IVگۇگېلشۋېتسارىيەئوكيانسولومون تاقىم ئاراللىرىتەدروس ئادخانومتارسۇسلۇق پاۋلۇسBaltimorSankt-Pétérburgفاتىمەتۇززەھرا2019-2020 يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس ۋەھىمىسىگە مۇناسىۋەتلىك يالغان خەۋەرئۆمۈچۈكمۇسا ئەلەيھىسسالامتۇپراقتۈرك لىراسىHamburgۋىكىپېدىيەلەھىستانچىلىجۇمھۇرىيەت تۈزۈمىسانائەت ئىلمىتىۋىتتېرخرىستىئان دىنىۋىكىپېدىيە ۋەخپىتانزانىيەنۆۋەتتىكى ھادىسەخەن سۇلالىسىبىتخوۋىنرىچارد نىكسونگېرمانىيەمىچىگان ئۇنىۋېرستېتىWroklawتۈركدوھاقورغاس شەھىرىتور (ئىنتېرنېت)بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىئېنگىلىسئاۋستىرالىيەدىئابېت كېسىلىئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىئەنتى-كوممۇنىزىممۇسۇلمانلارشوتلاندىيەفرانسىيەيۈننەن ئۆلكىسىمولدوۋاپەلسەپەتاتلىقياڭيۇLoyizanna Shitatiجامال خاشۇقجىھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىھەمجىنىسلارئىنگلىز تىلى13- فېۋرالبۇخارېستسوۋېت ئىتتىپاقىمونتەنەگروداۋجياۋ دىنىگوتېنبۇرگئابباسىيلارھىندى دىنىئىمام شافىئىيقۇددۇس🡆 More