ھاشىمىيلەر ياكى ھاشىم ئوغۇللارى (ئەرەبچە: هاشمي)، بەنى ھاشىم قەبىلەسىگە باغلىق بىر قۇرەيش ئۇرۇقى.
شۇنداقلا قان باغى ۋە قەبىلە ئىتتىپاقى يولى بىلەن قىزىل دېڭىز ساھىللىرى بويىچە قۇرۇلغان خانەدانلارنىڭ ساھىبى بولغان قەبىلە. بۇ سۇلالە ئىسمىنى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ چوڭ بوۋىلىرىدىن ھاشىم بىن ئابدىمەناڧتىن كەلمەكتە. ھاشىمىيلەر 1. دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئىنگىلىزلەرنىڭ ياردىمى بىلەن ئوسمان ئىمپېرىيىسىگە قارشى ئىسيان قىلىپ ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ كونترولىنى قولغا كىرگۈزگەن، لېكىن بىر نەچچە يىل سوڭرە سەئۇدىي ئائىلىسگە يەنە بىر ئىسيان بىلەن يېڭىلگەن.
ھاشىمىيلەرنىڭ جەددى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ چوڭ بوۋىلىرىدىن ھاشىم بىن ئابدىمەناڧا بېرىپ تاقىلىدۇ. ھەزرىتى مۇھەممەد س.ئە نىڭ ۋاڧاتىدىن سوڭرە خەلىپىلىكنى قولغا كىرگۈزمەك ئۈچۈن ئەمەۋىيلەر بىلەن ئۇزاققا سوزۇلغان بىر مۇجادىلەگە كىرگەن. ئەمەۋىيلەر، بەنى ھاشىم بىلەن بىر قەبىلىدىن بولسىمۇ ئوخشىمىغان بىر ئۇرۇققا تەۋەدۇر. ئەمەۋىيلەرنىڭ چۆكۈشىدىن سوڭرە، يىلتىزى ھز. مۇھەممەد س.ئە نىڭ تاغىسى ئابباس بىن ئابدۇلمۇتتەلىبكە تۇتاشقان ئابباسىيلەرنى ھاشىمىيلەرنىڭ تەمسىلچىسى دەپ قارىلىدۇ.
مەككە ئەمىرى ھۇسەيىن بىن ئەلى 1908- يىلى ئوسمان ئىمپېرىيىسىگە قارشى ئەرەب ئىسيانلىرىنى باشلاتتى. 1917 ۋە 1924 يىللار ئارىسى مۇستەقىللىقىنى قازانغان ھىجاز رايونىنى باشقۇردى ۋە بۈيۈك بېرىتانىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىكىدىن كەلگەن ياردەم بىلەن بىرلىكتە ئۆزىنى قرال ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى بەئزىدە شەرىڧىيان دەپ ئاتالدى. رەقىبى ئابدۇلئەزىز ئەل سەئۇد 1925- يىلى ھىجازنى ئۆز توپراقلىرىغا قاتتى. ئۆز ئوغلى ڧايسال بىن ئابدۇلئەزىزنى بولسا ۋالىي تەئيىن ئەتتى. بۇ رايون كېيىنچە بۇگۈنكى سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقى توپراقلىرىغا داخىل قىلىنغاندۇر.
ھۇسەيىن بىن ئەلىنىڭ 5 ئوغلى بار ئىدى:
نۇرغۇن مۇسۇلمان دۆلىتىدە ھاكىمىيەت تۇتقان ھاشىمىيلەر بۇگۈن ئوتتۇرا شەرقتىكى نۇرغۇن دۆلەتتە ياشىماقتا. كۆپىنچىسىنىڭ ئۇنۋانى سەيىد ئېرۇر. بەنۇ ھاشىم پۇشتىدىن كەلگەنلەر يۈزدە يۈز ئەرەب قانلىق بولۇپ دۇنيانىڭ نۇرغۇن ئەللىرىدە ھەم ياشىماقتا. ئەمما مەلۇم بىر تىزىملىككە تابىئى ئەمەستۇر. ماراكەش خان جەمەتى ئۆزىنى ئەلى بىن ئەبى تالىبقا باغلايدۇ، ئەمما خانەدان ئىسمىدە ھاشىمىي ئىبارەسى قوللىنىلمايۋاتماقتا.
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article ھاشىمىيلەر, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.