قازاقىستان ياش ئۇيغۇر رەسسامى گۈلناز تۇرس
گۈلناز تۇرسۇنوۋا 1982-يىلى 10 – ئاينىڭ 14 – كۈنى ئالمۇتا ئوبلاستىنىڭ بايسېيت يېزىسىدا تۇغۇلغان. گۈلناز 10 ياشقا كىرگەندە ئاتا – ئانىسى ئۇنىڭ گۈزەل سەنئەتكە بولغان ھېرسمەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ قىزىنى گۈزەل سەنئەت كرجھۇكىغا بەرگەن. گۈلناز بايسېيت يېزىسىدا ئىسماىل تاھىروۋ نامىدىكى ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتىبىنى ناھايىتى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ 1998 – يىلى ئالمۇتىدىكى ئورال تانسىكبايېۋ نامىدىكى رەسساملار يۇرتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. بۇ مەزەىللەردە ئۇ قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرلۈك ياش رەسساملار كۆرگەزمىلەرگە ئۆز ئەسەرلىرىنى قاتناشتۇرۇپ تونۇلۇشقا باشلىغان. ئۇ بۇ يەردىكى ئوقۇشىنىمۇ ياخشى ئۇتۇقلار بىلەن تاماملاپ قازاقىستان باش قۇرۇلۇش ئاكادېمىيىسىگە كىرىپ ئوقۇشىنى باشلىغان ھەمدە بۇ ئوقۇشىنىمۇ ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ ھازىر بۇ يەردە ئۆز كەسپىدە خىزمەت قىلماقتا.
2001- يىلى قازاقىستاندىكى مىسىر دۆلەت مەدەنىيەت ئۆيى ئۇيۇشتۇرغان « قازاقىستاندا باھار » كۆرگەزمىسى !
2004 – يىلى خەلقئارا ئاياللار بايرىمىغا بېغىشلانغان كۆرگەزمە !
2006- يىلى ئۆتكۈزۈلگەن قازاقىستان ياش رەسساملىرى كۆرگەزمىسى !
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article گۈلناز تۇرس, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.