گولمۇد - كورلا تۆمۈريولى ( ئېنگلىزچە: Golmud–Korla railway)شەرقتە چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ گولمۇدتىن باشلىنىپ، غەربتە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كورلىغا تۇتىشىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1213.95 كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ چېگراسى ئىچىدىكى ئۇزۇنلۇقى 708 كىلومېتىر بولۇپ، غەربىي رايوندىكى مۇھىم تۆمۈريول تور غول لىنىيەسى ۋە شىنجاڭ تۆمۈريولى ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ بىرى، «قۇملۇقتىكى يېڭى يىپەك يولى» دەپ تەرىپلىنىدۇ، لىنىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئۆلچىمى دۆلەت 1 - دەرىجىلىك ئېلېكتىرلەشكەن تاق لىنىيەلىك تۆمۈريول بولۇپ، پۈتۈن لىنىيەدە قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، كورلىدىن گولمۇدقا بېرىش ئۈچۈن 12 سائەت ئەتراپىدىلا ۋاقىت كېتىدۇ.
گولمۇد - كورلا تۆمۈريولىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكىدە جەمئىي 16 تونېل لايىھەلەنگەن، 15 تونېل ئالتۇنتاغ تىزمىسىغا جايلاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئالتۇنتاغ تونېلىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 13.195 كىلومېتىر بولۇپ، پۈتۈن لىنىيەدىكى بىرىنچى ئۇزۇن تونېل ھېسابلىنىدۇ، گولمۇد - كورلا تۆمۈريولىدىكى نۇقتىلىق تىزگىنلەش خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش بولۇپ، تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىلگىرىلەش سۈرئىتىگە چېتىلىدۇ.
ئالتۇنتاغ تونېلى پۈتۈن لىنىيەدىكى بىردىنبىر بىرىنچى دەرىجىلىك ئالاھىدە ئۇزۇن خەتىرى يۇقىرى تونېل ئىكەن، تونېلنىڭ گېئولوگىيەلىك ئەھۋالى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، 11 ئۈزۈلمە بەلباغنى كېسىپ ئۆتىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە توققۇز سۇلۇق رايون بولۇپ، تونېل ئىچىنىڭ سۇ چىقىش مىقدارى بىرقەدەر چوڭ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا كۈندىلىك سۇ چىقىش مىقدارى 27 مىڭ كۇب مېتىرغا يېتىدىكەن، بۇ ئون ئۆلچەملىك سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىنىڭ سۇ ساقلاش مىقدارىغا باراۋەر ئىكەن. قۇرۇلۇش قىلغاندا يەنە كارسىت، كۆپمە جىنس، ئېگىزلىك كۈچىنىشى قاتارلىق ھەر خىل ناچار گېئولوگىيەلىك شارائىتلارنىڭ سىنىقىغا دۇچ كېلىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئالتۇنتاغنىڭ قىش پەسلىدىكى تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 30 نەچچە سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىدىكەن، ھاۋا شالاڭ بولغاچقا، ئوكسىگېن يېتىشمەي ئادەم كۈچى ئۈنۈمى %30تىن كۆپرەك تۆۋەنلەيدىكەن، ماشىنا ئۈنۈمى %40تىن كۆپرەك تۆۋەنلەيدىكەن.
ئالتۇنتاغ تونېلىنىڭ تۇتاشتۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، گولمۇد - كورلا تۆمۈريولى قۇرۇلۇشى قەدىمى يەنىمۇ تېزلىتىلدى، مۆلچەرلىنىشىچە كېلەر يىلى پۈتۈن لىنىيەدە قاتناش باشلىنىپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلىدىكەن. شۇ چاغدا، شىنجاڭدا لەنجوۋ - شىنجاڭ تۆمۈريولى ۋە لەنجوۋ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنى ئاساسىي لىنىيە قىلغان، ئېجىنادىن قومۇلغىچە بولغان تۆمۈريولنى شىمالىي يول، گولمۇد - كورلا تۆمۈريولىنى جەنۇبىي يول قىلغان «بىر ئاساس، ئىككى قوشۇمچە» ئەندىزىسى شەكىللىنىپ، شەرق بىلەن بىرلىشىش ئىقتىدارى يەنىمۇ كۈچىيىدۇ.
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article گولمۇد – كورلا تۆمۈريولى, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.