ئۇيغۇرلارغا تونۇشلۇق بولغان فرانسىيەنىڭ داڭلىق فانتازىيەلىك رومان يازغۇچىسى ژىيۇل ۋېرن 1828-يىلى 28-فېۋرالدا، فرانسىيەنىڭ غەربىدىكى ناڭت شەھرىدە تۇغۇلۇپ، 1905-يىلى 24-مارتتا ئامىيەن شەھرىدە ۋاپات بولغان.
ژىيۇل ۋېرن فرانسىيەنىڭ غەربىدىكى ناڭت شەھرىدە دۇنياغا كەلگەن. دادىسى پىيەر ۋېرن قانۇن خىزمەتچىسى، ئاپىسى بولسا ناڭت بۇرژۇئازلىرىدىن بولۇپ، ژىئۇل بەش بالىنىڭ چوڭى ئىدى. دادىسى ئۇنىڭ بىر ياراملىق ئادوۋكات بولۇشىنى ئۈمىت قىلاتتى. پادىشاھلىق تولۇق ئوتتۇرىدا رىتورىك ۋە پەلسەپە ئۈگەنگەن ژىيۇل 1848-يىلى پارىژدا قانۇن كەسپىنى تۈگەتكەن. شۇ چاغلاردىلا شېئىر ۋە داستان يېزىشقا باشلىغان. پارىژدىكى ئوقۇش مەزگىلىدە، قانۇندىن بەكرەك تىياتىرغا قىزىقىدىغان ۋېرن تىياتىرخانىدا ئالېكساندىر دىيۇما بىلەن تونۇشىدۇ. "تارىخى تىياتىرخانا"نىڭ ئىگىدارچىسى بولغان دىيۇما ۋېرىننىڭ "ئۈزۈلگەن نەيچە"دىراممىسىنى ئويناتقۇزىدۇ. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن، دادىسىنىڭ خىزمىتىگە ۋارسلىق قىلىشنى رەت قىلغان ژىئۇل "دۆلەتلىك كۈتۈپخانە"دىن ئايرىلمايدىغان بولۇپ قالىدۇ ۋە كونا ساياھەتچى ۋە قىدىرىپ تەكشۈرگۈچى، ئەما بولۇپ قالغان ژاك ئاراگو بىلەن يېقىن بۇرادەرلەردىن بولۇپ قالىدۇ.
1851-يىلى "ئائىلىلەر مۇزىيى" ژورنىلىدا تۇنجى ھېكايىلىرى "مېكسىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ تۇنجى كېمىلىرى" ۋە "ھاۋادىكى بىر ماجىرا" لارنى ئېلان قىلىدۇ. كىيىنكى يىلى "لىرىك تىياتىر"غا كاتىپلىققا ئورۇنلىشىدۇ. بۇ مەزگىللەردە، نۇرغۇنلىغان دىرامما ۋە ھېكايىلەرنى يېزىپ چىقىدۇ. ئۇ يېزىپ چىققان ئوپىرا "كولىن مايار"قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشىپ، 40 قېتىم ئوينىلىدۇ.
1856-يىلى، ژىيۇل ۋېرن كەلگۈسىدىكى ئايالى، 26 ياشلىق، ئىككى بالا بىلەن تۇل قالغان ئامىيەنلىك ياش ئايال ئونورىن مورەل بىلەن تونۇشۇپ توي قىلىدۇ. 1861-يىلى يالغۇز ئوغلى مىشەل تۇغۇلىدۇ.
1862-يىلى ژىيۇل ۋېرن تۇنجى رومانى "بەش ھەپتىلىك شار ساياھىتى"نى "پىيەر-ژۈل ھەزەر" نەشرىياتىدا ئېلان قىلدۇرىدۇ. بۇ كىتاپ دەرھاللا پۈتۈن دۇنيادا ئاجايىپ ياخشى ئىنكاس قوزغايدۇ. مەزكۇر نەشرىيات ۋېرن بىلەن 20 يىللىق توختام تۈزىدۇ: ياشلارغا قارىتىلغان ژورنال "مائارىپ ۋە قايتا قۇرۇش" ژورنىلى ئۈچۈن رومان يېزىشقا كېلىشىدۇ. "كاپىتان ئاتتېرانىڭ كەچۈرمىشلىرى" رەسمى رومان شەكلىدە چىقىشتىن بۇرۇن، مەزكۇر ژورنالدا ئېلان قىلىنىدۇ. 40 يىل مابەينىدە، ژىيۇل ۋېرن جەمئى 64 تومدىن تەشكىل تاپقان "ئاجايىپ-غارايىپ ساياھەتلەر" نى تاماملايدۇ. 1863-يىلى، "20-ئەسىردىكى پارىژ"نى يېزىپ چىقىدۇ. بۇ رومان پەقەت 1994-يىلىغا كەلگەندە ئاندىن ئېلان قىلىنىدۇ.
1867-يىلى 16-مارتتا، ئىنىسى پول بىلەن لىۋىرپۇلدا "ئۇلۇغ شەرق" كېمىسىگە ئولتۇرۇپ، ئامرېكىغا سەپەر قىلىدۇ. بۇ سەپىرىدىن "دولقۇنلۇق ھايات" رومانى مەيدانغا كېلىدۇ.(1870-يىل). 1868-يىلى، "مۇقەددەس مىشەل" ناملىق كېمىنى سېتىۋالىدۇ ۋە شۇندىن كىيىن، كېمىسىنى خىزمەت ئىشخانىسىغا ئايلاندۇرىدۇ. 1872-يىلى، ئايالىنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئامىيەن شەھرىگە كۆچۈپ كېلىدۇ. ئىككى يىلدىن كىيىن، "دۇنيانى 80 كۈندە ئايلىنىش" رومانىنى ئېلان قىلىدۇ. 1878-يىلى كېمىسى "مۇقەددەس مىشەل 3" بىلەن لىسسابوندىن ئالجىرغا قەدەر ئايلىنىدۇ ۋە 1880-يىلىغا قەدەر، شوتلاندىيە، نورۋىگىيە ۋە ئېرلاندىيەلەرنى كېزىپ چىقىدۇ. 1884-يىلى، ئايالىنىڭ ھەمراھلىقىدا، ئوتتۇرا دېڭىزنى ئايلىنىپ كېلىدۇ.
1886-يىلى، ژىيۇل ۋېرندىن پۇل سوراپ كەلگەن نەۋرە ئىنىسى گاستون ئۇنىڭغا ئىككى پاي ئوق چىقىرىدۇ ۋە ۋېرننىڭ پۇتى ئۆمۈرلۈك پالەچ بولۇپ قالىدۇ. 1888-يىلى، ئامىيەن شەھەرلىك مەجلىسكە سولچىل جۇمھۇرىيەتچىلەر ۋەكىلى بولۇپ سايلىنىدۇ ۋە بۇ ۋەزىپىدە 15 يىل ئولتۇرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ۋېرن ھەرگىز بىر جۇمھۇرىيەتچى ئەمەس، بەلكى مەيدانى ئېنىق شاھىزىمچى. 1900-يىلى كۆزىگە ئاق چۈشۈپ قالىدۇ. دىيابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ژىيۇل ۋېرن 1905-يىلى 24-مارتتا، ئامىيەن شەھرى، لوڭگىۋىل كوچىسى(بۈگۈنكى ئىسمى ژىيۇل ۋېرن چوڭ كوچىسى)دىكى ئۆيىدە بۇ دۇنيادىن خوشلىشىدۇ. قەۋرىسى ئامىيەندىكى مادلەن قەۋرىستانلىقىدا. ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن كىيىن، بىر نەچچە رومانى ئوغلى مىشەل ۋېرن تەرىپىدىن ئېلان قىلدۇرىلىدۇ.
ئەگەر ژىيۇل ۋېرننىڭ رومانلىرىنىڭ يېزىلىش ئۇسلۇبىنى كۈزىتىدىغان بولساق، بىر-بىرىگە زىچ باغلانغان ئۈچ خىل ئالاھىدىلىكنى بايقايمىز: 1. بىر جۇغراپىيىلىك سەپەر 2. بىر ئەخلاقى سەپەر 3. بىر ئىلمى سەپەر
كىتاپلار
ئاۋازلىق رومانلىرى
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article ژىيۇل ۋېرن, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.