قېلىپ:Merge
چاغاتاي (چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى بويىچە يېزىلىشى : جغتاى) - << چاغاتاي خانلىقى >> نىڭ .ئاساسچىسى . 1227 _ يىلىدىن 1241 _ يىلغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان .ئۇ ئاتىسى چىڭگىزخان ۋاپات بولغان ( 1227 - يىلى 8 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ) دىن كىيىن ، ئۆزىگە سۇيۇرغال قىلىپ بەرگەن زىمىنلاردا موڭغۇللارنىڭ جاساق قانۇنىغا ئاساسەن ئوز ھوكۇمىرانلىقىنى رەسمى باشلىغان .
ئۇ ئۆزىگە تەۋە زىمىنلارنى مۇنداق ئۇچ قىسىمغا ئايرىپ باشقۇرغان ؛ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىستان ۋە ماۋرائۇننەھىر رايۇنىنى خارازىملىك چوڭ سودىگەر مەھمۇد يالاۋاچ ئارقىلىق باشقۇرغان . تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىنى مەركەز قىلغان ماڭلايسۇيەر رايۇنى ( ماڭلايسۇيەر _ << ئاپتاپ تەرەپ >> ياكى << شەرىق تەرەپ >> دىگەن مەنىدە . ئەينى دەۋىردە بۇ رايۇن ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان چاغاتاي خانلىقىنىڭ شەرقى قىسىم تىرتوريىسىنى كورسەتكەن ) نى موڭغۇل دوغلات قەبىلىسى ئارقىلىق باشقۇرغان . ئىدىقۇت رايۇنىنى بولسا ئىدىقۇت ھوكۇمىرانلىرى ئارقىلىق باشقۇرغان چاغاتاي ئۆز دەۋرىدە چىڭگىزخان تەرىپىدى ئىمپىريىنىڭ جاساق ۋە قانۇنلىرىغا مۇئەككەل قىلىنغاچقا ، مۇڭغۇل قانۇنلىرىنى ئۇزۇل _ كىسىل ھەم قاتتىق ئىجرا قىلغان .ئالاقىدار ماتىرياللارغا ئاساسلانغاندا ، ئۇ قانۇن ئىشلىرىدا ناھايىتى قاتتىق قول ، دولەتنىڭ سىياسى ، مەمۇرى ۋە ھەربى تۇزۇملىرىگە قاتتىق ئەمەل قىلىدىغان ، شۇنداقلا ئوز قول ئاستىدا قاتتىق تەلەپ قويۇدىغان ، دولەتنىڭ ئابرۇيۇنى قاتتىق ھىمايە قىلىدىغان بىر ھوكۇمدار بولغان . ئۇ ھوكۇمرانلىق قىلغان دەۋىرلەردە ، خانلىقنىڭ سودا _ سىتىق ، پول مۇئامىلە ۋە باشقا تەرەپلىرىدە زور تەرەقىياتلار بارلىققا كەلگەن ، ماۋرائۇننەھىر رايۇنىنىڭ ئىشكى ۋە تاشقى سودا ئىشلىرى ناھايىتى جانلانغان ، قەدىمقى << ئوتۇۇرا يىپەك يولى>> دا سودا - سىتىق گۇللەنگەن ئاۋات بىر ۋەزىيەت مەيدانغا كەلگەن . مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ماۋرائۇننەھىر رايۇنىنى باشقۇرۇپ كىلىۋاتقان مەھمۇد يالاۋاچىنىڭ ئوغلى مەسئۇد يالاۋاچ بۇغارادا مەخسۇس << پول مۇئامىلە مەھكىمىسى >> نى تەسىس قىلىپ ، ھەر خىل مىتاللاردىن پول قويۇپ تارقاتقان . بۇ پوللارغا ئەرەپچە ۋە خەنزۇچە يىزىق چۇشۇرۇلگەن . دىمەك چاغاتاي ئوز ھوكۇمىرانلىقى دەۋرىدە بىر قاتار ئۇنۇملۇك تەببىرلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ، خانلىقتا بىر مەزگىل تىنىش _ خاتىرجەم ۋەزىيەتنى شەكىللەندۇرگەن . بىراق چاغاتاي ئۇمۇرنىڭ ئاخىرقى دەۋىرلىرىدە ھاراق - شاراپقا ناھايىتى قاتتىق بىرىلىپ كەتكەشكە 14 يىل تەخىتتە ئولتۇرۇپ 1241 _ يىلى ئالمالىقتا ۋاپات بولغان .
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article چاغاتاي خان, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.