پروگرامما تىلى ( ئېنگلىزچە: 编程语言 ، خەنچە: programming language ) ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا ئادەم ھەم كومپىيۇتېر چۈشىنەلەيدىغان تىل دېيىشكە بولىدۇ.
ئادەم بىلەن كومپىيۇتېر ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈك. ئادەملەر پروگرامما تىلى ئارقىلىق كود يېزىپ كومپىيۇتېر (يانفون) نىڭ نېمە ئىش قىلىش كېرەكلىكىنى، قانداق قىلدىغانلىقىنى ئالدىن بېكىتىپ بېرىدۇ. بۇ كودلار بولاقلىنىپ يۇمشاق دېتال (ئەپ) دەپ ئاتىلىدۇ. پروگرامما تىلى ئادەم بىلەن ماشىنا ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ. پروگرامما تىلى ئاساسلىقى ئاسسېمبل تىلى ، ماشىنا تىلى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك تىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
پروگرامما تىلى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىش ۋە ئۆزگىرىش جەريانىدا، ئەڭ دەسلەپكى ماشىنا تىلىدىن تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى كۈندە 2500 خىلدىن ئارتۇق ئالىي دەرىجىلىك تىلغا يەتتى، ھەر خىل تىلنىڭ ئالاھىدە ئىشلىتىلىش ئورنى ۋە ئوخشاش بولمىغان تەرەققىيات يۈنىلىشى بار. پروگرامما تۈزۈش تىلى ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي تىل تەرەققىيات ئۆزگىرىشىگە ئوخشاش ئاستا ھەم ئۇزۇن ئەمەس، ئۇنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز. ئاساسلىقى كومپيۇتېر قاتتىق دېتال، ئالاقە تورى ۋە IT كەسپىنىڭ تەرەققىياتى پروگرامما تۈزۈش تىلىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.
كومپىيۇتېرنىڭ يۇمشاق دېتاللىرى، يانفوننىڭ ئەپلىرى ھەر خىل پروگرامما تىللىرى ئارقىلىق تۈزۈلىدۇ. مەسىلەن: Python﹑Java﹑C++﹑VB ... دېگەندەك؛ تور بەت PHP﹑HTML دېگەندەك تىللاردا يېزىلىدۇ.
ھازىر ئەپ، يۇمشاق دېتال ياسايدىغان پروگرامما تىلىنىڭ ھەممىسىنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرسە C تىلىغا بېرىپ تاقىشىدۇ. بۇلارنى C تىلىدا ياسىغان.
C تىلى تۆۋەن دەرىجىلىك ماشىنا تىلى بىلەن ئالىي دەرىجىلىك كومپىيۇتېر ئوتتۇرىسىدىكى تىل. C تىلى جەريانغا يۈزلەنگەن، ئابستراكتلاشتۇرۇلغان، ھەممىباب پروگرامما لايىھىلەش تىلى بولۇپ، ئاستىنقى قاتلامدا كەڭ قوللىنىلىدۇ. ئاسسېمبل تىلى (تۆۋەن دەرىجىلىك ماشىنا تىلى) بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك تىلنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن.
C تىلى بىزنى قاتتىق دېتال بىلەن مۇناسىۋەتلىك a p i بىلەن تەمىنلەيدۇ، يەنە UI (ئارا يۈز) يۆتكەپ ئىشلىتىش ئېغىزلىرىمۇ بار. شۇڭا C تىلى ئارقىلىق يۇمشاق دېتال ياسىغىلى بولۇپلا قالماي يەنە پروگرامما تىلى ياساشقىمۇ بولىدۇ. شۇنچىۋالا پروگرامما تۈزۈش يۇمشاق دېتالى C تىلىدىن بارلىققا كېلىپ ، IT ساھەسىگە غايەت زور ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلدى. مەسىلەن: ۋىندوۋس مەشغۇلات سىستېمىسىمۇ C تىلىدا يېزىلغان.
ئالىپ تورى
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article پروگرامما تىلى, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.