ياپچان بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيەسى ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان بۇلۇپ، بازارلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاي.
ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 25 كىلومېتىر، پۈتۈن بازاردىكى ئومۇمىي كۆلىمى 178.3 كۋادرات كىلومېتىر، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 51500 مو. يوپۇرغا، ئاقتۇ،يېڭىسار قاتارلىق ناھىيەلەر بىلەن تۇتىشىدۇ. 3155-دۆلەت چېگرىسىدىن كېسىپ ئۆتىدىغان بولۇپ، رايون ئەۋزەللىكى روشەن، قەشقەرگە بارىدىغان جەنۇبىدىكى تۆت ناھىيە ۋە خوتەن، شىزاڭنىڭ ئالى رايونى قاتناش يولى بولۇپ، يېڭىشەھەر «جەنۇبىي دەرۋازىسى» دېگەن نامى بار.
ياپچان بازىرى 牙甫泉镇.Yapchan town | |
يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى | |
مەمۇرىي رايون شەكلى | بازارلىق |
ئاپتونوم رايون | شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى |
ۋىلايەت | قەشقەر ۋىلايىتى |
ناھىيە | يېڭىشەھەر ناھىيىسى |
مىللەتلەر | ئۇيغۇر |
تىللار | ئۇيغۇرچە |
كەنت سانى | 21 دانە |
نوپۇس | 25 مىڭ |
يەر مەيدانى | 178.3 كۋادرات كىلومېتىر |
ۋاقىت رايونى | UTC+6 |
تېلېفون رايون نومۇرى | 998(0)86+ |
ماشىنا تاختا نومۇرى | 新Q |
ياپچان بازىرىغا قاراشلىق قۇمقىشلاق كەنتى، شورلۇق كەنتى، قاراتاش كەنتى، تالقۇرۇق كەنتى، جايتوغراق كەنتى، سىرىقتوغراق كەنتى، يۇقىرىقى توڭلۇق كەنتى، ئوتتۇرا توڭلۇق كەنتى، توڭلۇق كەنتى، ئاقتىچى كەنتى، سۇنۇلۇق كەنتى ، كۈسەنبويى كەنتى، تۆپەئېرىق كەنتى، دولانتېمى كەنتى، تېرەكبوستان كەنتى، بازار كەنتى، تۆۋەن توڭلۇق كەنتى، ئاياغ سۇنۇلۇق كەنتى، چوڭقۇر ئېرىق كەنتى، قىيئېرىق كەنتى، قاراباغ كەنتى قاتارلىق 21 مەمۇرىي كەنت، بىر دېھقانچىلىق مەيدانى، 111 كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى بار.
ياپچان بازىرىنىڭ قاتنىشى ئىنتايىن قۇلايلىق، 315-دۆلەت يولى ئوبلاست چېگرىسىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ. پۈتۈن شىنجاڭنى ياپچان پىچىقى يېڭىسار پىچىقى بىلەن بىر قاتاردا تۇرىدۇ.2002-يىلى ياپچان بازىرى دۆلەتنىڭ 100 ئائىلە قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. ئاپتونوم رايون 25 كىچىك شەھەر-بازار قۇرۇلۇشى نۇقتىلىق يېزا-بازار، 2010-يىلى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، ئۈلگە كۆرسىتىش يېزا-بازارغا كىرىش يىلى قىلىپ بېكىتىلگەن. 2011-يىلىدىن بۇيان بازارلىق پارتىيە كومتېتى، بازارلىق ھۆكۈمىتى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى كىچىك شەھەر-بازارلارنىڭ ئومۇمىي ئورۇن بەلگىلەشنى زىچ چۆرىدەپ، ئىلىم-پەن يىرىك پىلانى ۋە باش بازار، كوچىلاردا ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، كىچىك شەھەر-بازار قۇرۇلۇشى دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە بولغان.
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article ياپچان بازىرى, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.