牙里坤·肉孜
يالقۇن روزى | |
شەخسىي ئۇچۇرلىرى | |
تۇغۇلغان | 1966-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى ئاتۇش شەھىرى، ئاغۇ يېزىسى |
مىللىتى | ئۇيغۇر |
كەسپى | يازغۇچى، شائىر |
پەرزەنتلىرى | كامالتۈرك، تۇمارىس |
يالقۇن روزى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Yalqun Rozi) بولسا 1966-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئاغۇ يېزىسى دا توغۇلغان.
يالقۇن روزى_ تونۇلغان ئەدەبىي ئوبزورچى. ئۇ 1966- يىلى 3 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئاتۇشنىڭ ئاغۇ يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1982- يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىنغان. 1987- يىلى ئوقۇشنى تاماملاپ شىنجاڭ خەلىق رادىئو ئىستانسىسىغا قوبۇل قىلىنىپ، مۇخبىرلىق قىلغان.1991-يىلى 1-ئايدا «شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۆلىمىگە يۆتكىلىپ مۇھەررىر بولغان. ھازىر شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى ئۇيغۇر دەرسلىك بۆلىمىدە ئىشلەۋاتىدۇ.
يالقۇن روزىنىڭ «تەكلىماكاندىكى ئالتۇن كولدۇرما»، «مەمتىلى ئەپەندى» (مېرزا سىيىت بىلەن بىللە) قاتارلىق كىتاپلىرى نەشىر قىلىنغان. يۈزلىگەن ماقالە - ئوبزورلىرى تۈرلۈك مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان.
يالقۇن روزى ئەپەندىمنىڭ ئامېرىكىدىكى ئوغلى كامالتۈرك يالقۇننىڭ بايان قىلىشىچە، دادىسى 2016-يىلى 10-ئايدا تۇتۇپ كېتىلگەن، ۋە 2018-يىلى 1-ئايدا دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان دىگەن جىنايەت بىلەن 15 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
لاگېر شاھىتلىرى تىزىملىكى | |||||||||
|
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article يالقۇن روزى, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.